查看完整版本: [-- ساۋاقداش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ساۋاقداش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-08-05 15:53
ساۋاقداش

ساۋاقداشلار يىغىلىشغا ئاتاپ يازغان ئىدىم ، تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن


بىر تال كۆچەت باراقسان ئۆسۈپ مانا بولدى  چوڭ ،
سەبىي بۇۋاق تەمتىلەپ ئەقىل تاپتى ، بولدى ئوڭ  .
سۆيگۈ بېرىپ پەسىللەر ، ھەممە بەرسە بولدى  تەل  ،
بۇ ئايەملىك يىغىلىش ،دىدار پەيتى ، بولدى كەل  .
غۇلىچىڭنى كەڭ يايغىن ،كۆرىشەيلى ساۋاقداش .

ئون نەچچە يىل مۇقەددەم  ،يىغىلغانتۇق بۇ يەرگە ،
ئالىي ئۈمۈد ،ئارزۇنى پۈكۈپ دىلغا ، سەپەرگە ،
ياتاقلاردا قاينايتتۇق چۈشۈپ ساما . لەپەرگە ،
بىر مۇھەببەت سىڭەتتى  دىئالىكىتىك گەپلەرگە ،
خۇشاللىقتا بوزلىنىپ ، مۆرىشەيلى ساۋاقداش .

بەش يىل ئاپئاق نۇر ئەمدۇق ،ئالىي مەكتەپ بېغىدا ،
كۆز قاراشلار مايلاندى  ، ئىدىيەنىڭ يېغىدا ،
كۆچەت تىكتۇق ، گۈل تەردۇق مەرىپەتنىڭ تېغىدا ،
داخىل قىلدى بىر ۋوجۇت ، بۇ دەستۇرخان چېيىغا ،
ئەسلىمىلەر ئەسلىشىپ ، ئۇلىشايلى ساۋاقداش .

كۆز قىساتتى يىراقتىن دائىم بىزگە ئاشخانا ،
ئەجەپ ئىدى شاماللىق ناۋايخانا  ، چايخانا.
ئەمما نىسى بەرمەيتتى نەرسە – كېرەك مەيخانە ،
بارىمىزنى چىقارساق رەنجىمەيتتى سۇخانە .
ھېدىمىزنى قايتىدىن پۇرىشايلى ساۋاقداش .


ئاي ئاخىرى ئوروقلار ئانچە – مۇنچە تېنىمىز ،
توڭلاتقونى سېغىنىپ قېتىپ قالار نېنىمىز ،
دوستلار كەلسە تۇيۇقسىز ، بويۇن قىسار  يېنىمىز ،
تەۋەككۈلنى تاللايدۇ ، قايناپ تۇرغان قېنىمىز  !
ئۆتمۈشتىكى نىسىنى بېرىشەيلى ساۋاقداش .


قىزلار ياتقان ياتاقنى ، تېتانىكقا ئوخشاتتۇق ،
سەبىرى قىلىپ تىكەنلىك گۈل بەرگىنى يۇمشاتتۇق ،
ئويۇنلارغا بېرىلىپ ، دەرۋازىدىن تاقلايتتۇق ،
خاتالىقنى يۇشۇرۇپ ، تىرناق تاتىلاپ  ئاقلايتتۇق ،
بۈگۈن ئۇستاز ئالدىدا ئېڭىشەيلى ساۋاقداش .

يىرتىلمىدى كىر بولۇپ ، قىزلىرىمىز ئەخلاقى ،
غۇرۇرىنى ساقلىدى ئانا بولغۇچە تاكى ،
تۈنجىسىنى رەت قىلىپ كەلدى ئۇلار ھەتتاكى  ،
بىلەيلى ھەقىقەتنى، بۇ ھايات ئەمەس باقىي ،
بولغان چاغدا ئۈچ پۇتلۇق ، يۆلىشەيلى ساۋاقداش .

قەددىمىزنى دەس قىلدى ، تەربىيەنىڭ قامچىسى ،
بولدۇق مانا ئاخىرى مائارىپنىڭ تامچىسى ،
ئارىمىزدىن يۇمدى كۆز مۇنبەرلەردە قانچىسى ؟
ھالال تەردە ياشايدۇ  بىزگە ئوخشاش ئاز كىشى ،
ئەجىرىمىزدىن قاھقاھلاپ كۈلىشەيلى ساۋاقداش .

30 ئىدۇق 100 بولدۇق بۇ تەخمىنەن مۆلچەر سان ،
روھى چاڭقاق ئېتىزدا داتلاشمىسۇن بۇ ساپان ،
ئىش ھەققىمىز يامغۇردىن ساقلايدىغان بىر چاپان ،
رەنجىمەيلى تەقدىردىن ،جەڭگاھىمىز بىر خامان .
پاكىز ئېلىپ تىرناقنى ، تىرىشايلى ساۋاقداش !

خاتىمە ئورنىدا


ئوقوتقۇچى _ تىراكتۇر، دىسەم ماڭا ئىشىنىڭ ،
ئۇستازلىرىم ياشاندى ، كۈچى بارمۇ چىشىنىڭ ؟
تېرىسىدە كۆكلىدۇق ، باھار ، يازنىڭ ، قىشىنىڭ ،
يىراقلاردىن كەلدىڭلار ، ئەركىن بولۇڭ ، يېشىنىڭ ،
<ئايرىلىش > نى قايتىدىن توۋلىشايلى ساۋاقداش !


ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن


nadiraay 2013-08-05 16:04
بۇ  لىرىكىڭىزنى ئوقۇپ  ساۋاقداشلىرىم  بىلەن «ئايرىلىش  مىنۇتلىرى»نى كۆز ياش ئىچىدە  ئېيتىشىۋاتقان  ساۋاقداشلىرىم  كۆز  ئالدىمغا كەلدى.  دىدار  غەنىيمەت.

ساۋاقداشلار يىغىلىشىڭلارنىڭ  كۆڭۈللۈك  بولۇشىغا  تىلەكداشمەن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-05 21:26
ساۋاقداشلار يىغىلىشىڭىز مەنىلىك ئۆتسۇن.لىرىكىڭىزغا رەخمەت.يىغىلىشقا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپسىز.

ئەكبەرنىياز 2013-08-11 23:21
شىئېر ياخشى چىقىپتۇ ، بىرىنچى كوبلىتىنىڭ قاپىيىسىنى يەنە بىر كۆرۈۋېتەمسىز بۇرادەر !؟


查看完整版本: [-- ساۋاقداش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us