查看完整版本: [-- مېھمان:تەنەپپۇستىكى شېئىرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مېھمان:تەنەپپۇستىكى شېئىرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مېھمان 2013-08-04 23:17

سەن بىر تال ئەتىرگۈل، سۈيۈملۈك قىزچاق

‹‹ ئالىمجان توختىمەمەت جانبەر›› نىڭ شۇ ناملىق شېئىرىغا تەقلىد
سەيدىمۇھەممەد مېھمان

<<سۆيگۈ>> دەپ ياشىدىم، لەۋرىمدە گەز،
قوقاسقا قاقلانغان يۈرۈكۈم زىدە.
بىر دىلبەر‹‹ئاشىغىم›› دېمەيدۇ نېچۈن؟
ۋسالنىڭ يوللىرى نېمانچە خېرە؟...

ئاشىقلار گۇگۇمدا سەيلە قىلارمىش،
ئايرىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەمدىكىن؟
شۇمىدۇمۇھەببەت، سۆيۈلۈش دېگەن؟؟
ۋىسالغا يەتمىسە جان بېرەمدىكىن؟؟؟

مەن سۆيگۈ مەكتۇبى يېزىپ باقمىدىم،
قىزچاقلار ئالدىدا تەسلىم بولالماي.
بار بەلكىم ماڭىمۇ كۆيۈپ  قالغانلار،
يۈرگەندۇ كۆڭلىنى ئىزھار قىلالماي...

سۆيگۈنىڭ ئەڭ گۈزەل چىمەنلىكىدە،
ئەقلىمنى لال  قىلىپ چاچتىڭ خۇشپۇراق.
ئاۋايلاپ بەرگىڭدىن ئۈزىمەن چوقۇم.
سەن بىر تال ئەتىرگۈل، سۈيۈملۈك قىزچاق.

 
 ئىزدەپ كەلسەڭ، ئەگەر يوق بولسام...
ئىزدەپ كەلسەڭ، ئەگەر يوق بولسام،
سۈرۈشتۈرمە مېنى ياتلاردىن.
بوسۇغامغا بەلگە سېلىپ قوي،
يۈرەك سىزىپ ئۇششاق تاشلاردىن. 
 
ئىزدەپ كەلسەڭ، ئەگەر يوق بولسام،
مەندىن كۆڭلۈڭ رەنجىپ قالمىسۇن.
قايتقان چاغدا، چۈمبەل تارتىۋال،
رەقىبلىرىم نەزەر سالمىسۇن.
  
ئىزدەپ كەلسەڭ، ئەگەر يوق بولسام،
گۇمان قىلما <<قەيەردىدۇ >> دەپ.
پات ئارىدا بارىمەن جېنىم،
ئالدىمغا چىق تاتلىق ئەركىلەپ.



ياشىشىڭ كېرەك

‹‹رەيھانىم ناملىق تورداشنىڭ ‹مەن ياشاۋاتىمەن› ناملىق نەسىرىگە يانداشما››

ئارزۇلار بار چېچەك ئاچمىغان،
يىڭى تاڭ بار كۈلۈپ ئاتمىغان،
دىلكەشلەر بار سېنى ساقلىغان،
شۇلار ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك.
تەلىيىڭ ئوڭ كەلمەيدۇ دائىم،
ھايات ئەمەس ئۇنچە مۇلايىم،
ئەجىر بەرگەي ساڭا خۇدايىم،
ئۈمىد بىلەن ياشىشىڭ كېرەك.
ئادەملەردىن رەنجىش بىھاجەت،
ئاغرىنغانچە باسىدۇ كۈلپەت،
ئەقىدىنى مەڭگۈ مىزان ئەت،
ئىمان بىلەن ياشىشىڭ كېرەك.
بەزى ئىشقا سۈكۈت قىلغۇلۇق،
نوقسانسىز ئىش پۈتمەيدۇ تولۇق،
بىر كۈن چوقۇم قانار ئۇسسۇلۇق،
شۈكۈر قىلىپ ياشىشىڭ كېرەك...
 
بەلكىم ... 

ئۇچرىشىپ قالارمىز بىر كۈنى بەلكىم،
تۇنجى رەت تونۇشقان كونا بىكەتتە.
كۆزۈڭدە لىغىرلاپ قالغان يېشىڭنى،
يۇشۇرۇپ قالماقچى بولساڭمۇ دەرتتە.
مېنىڭمۇ بىر گەپنى دېگۈم كىلىدۇ،
تۇيۇقسىز ئۇچراتقان ئاشۇ پۇرسەتتە...

سېغىنىپ قالارسەن بىر كۈنى بەلكىم،
تۇيۇقسىز ‹‹خوتۇن›› دەپ ئاتاشلىرىمنى.
مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭمۇ ئۇنتۇپ كېتىشىم،
<<ئەسكى>> دەپ پىچىرلاپ قېيداشلىرىڭنى.
ئەجەپكى قېنىشماي ئۆتەتتى كۈنلەر،
ئەسلەرمەن شۇ تاتلىق قېلىقلىرىڭنى...
 
قولۇڭغا چىقىدۇ بىر كۈنى بەلكىم، 
مەن ساڭا تۇنجى رەت يازغان سالام خەت.
ئەگەردە كۆزۈڭگە يىغا ئولاشسا،
ئۆتۈنەي، ئوقۇما، شۇئان كۆيدۈرۋەت.
تەقدىردىن ئاغرىنىپ يۈرمىگىن جېنىم،
بىز چۈشكەن سۆرەتنى بولدى يىرتىۋەت...
ھازىرقى شوخلۇقلار يوقايدۇ بەلكىم، 
سەن موماي، مەن بوۋاي بولۇپ كېتەرمىز...
بىلمەيمىز تەقدىرنىڭ پۈتمىشى ھەرخىل،
بالىلار تويلاشسا  قۇدا بوپ ئۆتەرمىز،
دىلىڭنى ئاغرىتقان بولسام ئەپۇ قىل،
ۋاپانىڭ قەدرىگە چوقۇم يىتەرمىز ...

kaqur 2013-08-05 00:07
 سەن بىر تال ئەتتىرگۈل سۆيۈملۈك قىزچاق

 

مەن سېنى دېڭىزغا قىلىمەن تەققاس،
كۆزۈڭدە دېڭىزنىڭ تامچىسى نۇرلۇق.
خىياللار يەلكىنى ئۈزسە سېنىڭدە،
قەلبىڭنىڭ قېتىدىن كۆرۈنەر ئۇپۇق.
 

سەھەردە تارىغان تاتلىق مۇزىكا،
_ھە، بىلدىم ئەسلىدە ئۆزۈڭ ئىكەنسەن.
بۇلبۇلسەن، ئاشىقنىڭ مۇڭلۇق كۈيچىسى،
كۈيىنى يۈرەكنىڭ قېتىغا كۆمگەن.
 

سەن بىر تال ئەتتىرگۈل سۆيۈملۈك قىزچاق،
تىكىنىڭ قورقۇتقان تالاي ئاشىقنى.
مەن كەلدىم ئۈزگىلى يارىدار يۈرەك،
ئىپ كەلگىن تېڭىشقا قىزىل ياغلىقنى.
 

سەن مېنىڭ مەلىكەم، دېسەڭ شاھزادەم،
دىللارنىڭ پەرۋازى يىتىدۇ كۆككە.
ئۈمىدكە تولغان شۇ سۆيگۈ كۈيىدىن،
مەست بولۇپ ۋىسالغا يېتەيلى بىللە.
 

جانبەر

kaqur 2013-08-05 00:09
 
مەن ياشاۋاتىمەن
 
مەن ياشاۋاتىمەن...ھاياتقا بولغان مۇھەببەت، ياشاشقا بولغان ئىنتىلىشنى باغرىمغا تېڭىپ،
ئىماننىڭ يىتەكلىشى،
سەۋرنىڭ پەپىلىشى، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەللەيلىشىدە بۈگۈننى سۆيۈپ، كەلگۈسىدىن ئۈمۈد كۈتۈپ، ئۈمۈد-ئىشەنىچ بىلەن ياشاۋاتىمەن...
ھەر قېتىم ئۈمۈدسىزلىك تۇمانلىرى قەلبىمگە سايە تاشلىغاندا ئىمان، ئىتىقاد، ئەقىدە، ئۈمۈد-ئىشەنچ نۇرلىرى بىلەن قەلبىمنى يۇرۇتۇپ، سەۋر شاماللىرى بىلەن ئۈمۈدسىزلىك تۇمانلىرىنى قوغلاپ، قانائەت شەربەتلىرى بىلەن تەشنا دىللىرىمنىڭ چاڭقاقلىرىنى قاندۇرۇپ قايتىدىن ئۈمۈد-ئىشەنىچكە تولىمەن...
ئىمان ئىتىقاد ئاشۇ ئۈمۈدنىڭ مەنبەسى، مىنى ئۈمۈد بىلەن ياشاشقا ئۈندەۋاتقان مەنىۋى كۈچ، سەۋر ئۇ شىپالىق دورا، ھايات پەيدا قىلغان جاراھەتلەرنى ساقايىتقۇچى سېھىرلىك مەلھەم، قانائەت ئۇ تەشنالىقنى قاندۇرغۇچى شەربەت، تۈرلۈك ئارزۇ-ھەۋەسلەر كەينىدە تىلەكلەرگە يېتىش ئۈچۈن تىپچەكلەۋاتقان يۈرۈكۈم ئۇنىڭ بىلەن تەسەللىي تاپىدۇ، مىھرى-مۇھەببەت ئۇ قۇۋۋەت دورىسى، ھالسىزلانغان جىسمىم ئۇنىڭ بىلەن ھاياتى كۈچكە تولىدۇ...مەن ۋۇجۇدۇمدىكى مانا مۇشۇ مەنىۋى گۆھەرلەرنىڭ ئەللەيلىشىدە ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتىمەن...
 
چۈنكى مەن ھاياتنى سۆيىمەن...مانا قۇلۇمدا رەڭگارەڭ گۈللەردىن تېزىلغان خۇشپۇراقلىق گۈل دەستە تۇرۇپتۇ..
ئۇنى قەدىرلىمەي خۇشپۇرىقىدىن بەھىرلەنمەي ئۇنىڭ سۇلۇپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇش ئەخمىقانىلىق ئەمەسمۇ؟
ھاياتمۇ دەل شۇنداق ئۇنى قەدىرلىمىسەم سۆيمىسەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈز مىسەم ئاققان سۇدەك، ئاتقان ئوقتەك ئۆتۈپ كىتىدۇ...
قوياشنىڭ تاغ كەينىگە پېتىشى بىر كۈندىن ئايرىلغىنىم، ئۆمرۈمنىڭ بىر كۈن قىسقارغىنى...قەبرىگە بىر قەدەم يېقىنلاشقىنىم، قوياشنىڭ شەرىقتىن كۆتۈرلىشى يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى...بۇ كۈن ماڭا پۇرسەت، نىممەت، بەلكىم بۇ كۈن ماڭا بەخىت خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان بىركۈن...مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن بۈگۈننى سۆيىمەن...قەدىرلەيمەن ئۈمۈد-ئىشەنىچ بىلەن ياشايمەن ئىنشائاللا...
 
مەنبە: ئۈمىدۋار ئاچامنىڭ خاتىرىسىدىن ئەكەلدىم

مېھمان 2013-08-05 01:52
ما قىزنىڭ يامانلىقىنى    

nadiraay 2013-08-05 16:09
بىر- بىرىدىن  قېلىشقۇسىىز  ئېسىل لىرىكىلار  تىزىلىپ  كېتىپتۇ-غۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-05 21:28
بەكمۇ ئېسىل لىرىكىلار ئىكەن.رەخمەت.

مېھمان 2013-08-07 18:04
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت،مىنى ئىزچىل قوللاپ ياخشى تېلەكلىرىڭلار بىلەن مەدەت بېرىپ كىلىۋاتىسىلەر،ئىجادىيەتتە مۇمكىن بولسا تەنقىدى پىكىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-08-09 00:57
ياخشى يېزىلغان شئېرلاركەن!     

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-09 10:42
ياخشى شېئىرلارنى يوللاپسىز.

kaqur 2013-08-09 12:52
مۇشۇ «بەلكىم» دېگەن شېئىرىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن جۇمۇ ئاكا، ئوقۇيمەن، ئوقۇيمەن، يانماي ئوقۇيمەن...
يادلىۋېلىش دەرىجىسىگىمۇ بارايلا دەپ قالدىم

مېھمان 2013-08-10 02:32
رەخمەت سىڭلىم،ساڭا يارىغان بولسا ئۇقۇيلىۋە،ئۇ شېئىرغا چوڭقۇر بىر مۇھەببەت ھېكايىسى سېڭىپ كەتكەن.

ئەكبەرنىياز 2013-08-11 23:19
«بەلكىم » ناملىق شىئېرىڭىز يۈرىكىمنى ئۆتمۈتۆشۈك قىلىۋەتتى ، يارايسىز !!!


查看完整版本: [-- مېھمان:تەنەپپۇستىكى شېئىرلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us