查看完整版本: [-- ئـاۋازلىـق ئـەسـەر ئىشلـەش دەرسلىكـى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> ئـاۋازلىـق ئـەسـەر ئىشلـەش دەرسلىكـى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2013-08-03 13:28
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، تەۋپىق مۇنبىرىدىكى بارلىق ئۇستازلار، كەمىنە كەچۈردىن ھەممىڭلارغا ئېگىلىپ سالام. يېقىندىن بۇيان دەرسلىكتىكى تېكىستلەرنى ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇپ، دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىدىغان دەرس بايلىقىنى كۆپەيتىش تەقەززاسىدا ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلەش خىزمىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە باشلىۋالدۇق. بۇ توپقا، سىزمۇ قېتىلىڭ، ھەممىمىز بىرلىكتە مائارىپ ساھەسى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئاددىي ئىشلارنى قىلايلى. ئۇنداقتا، ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش دەرسلىكى ھوزۇرۇڭلارغا كەتتى.

ئاۋال تېكىستنى ئاۋازغا ئالىمىز.
تۆۋەندە ئاۋازغا ئېلىش ئۈچۈن باشتىن ئاخىر كېرەك بولىدىغان بىر دېتال تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىسمى: Goldwave
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
چۈشۈرۈش (يۈز گىرادۇستىن ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ)

1 - قەدەمدە دېتالنى قوزغىتىپ «يېڭى بەت قۇرۇش»نى باسىمىز


2 - قەدەمدە ۋاقتىنى ئۆزىمىز مۆلچەرلىگەن ۋاقىت دائىرىسىگە (مەن ئادەتتە ئون مىنۇت قىلىمەن) تەڭشەپ جەزملەشتۈرىمىز.


3 - قەدەمدە قىزىل چەمبەرنى بېسىپ ئاۋازغا ئېلىشنى باشلىساق بولىدۇ.


4 - قەدەمدە يېشىل رەڭلىك قويۇش بەلگىسىنى بېسىپ ئاڭلاپ باقىمىز.

ئازراق شاۋقۇن - سۈرەن بولسا ھېچ ۋەقەسى يوق، 5 - قەدەمدە شاۋقۇن پەسەيتىمىز.



6 - قەدەمدە ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ قالسا ئاۋاز چىڭايتىشنى بېسىپ ئىككى ھەسسە يۇقىرىلىتىمىز.



7 - قەدەمدە مۇزىكا قىستۇرىمىز.
1. ئاۋال مۇزىكا قوشۇشنى باسىمىز

2. ئاۋازنى مىنوس 10 - 15 ئارلىقىدا تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرىمىز.


8 - قەدەمدە ساقلايمىز.


9 - قەدەمدە تەۋپىق مۇئەللىمگە يوللاپ بەرسىڭىز بوشلۇققا يوللاپ ئادرىسىنى تەييار قىلىپ بېرىدۇ.

10 - قەدەمدە تېما يوللاپ بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنىسىز، تۈگىدى.


ئەسكەرتىش: 1. ئاۋازغا ئالغاندا دۇدۇقلاپ قالغان يەر بولسا ئازىراق توختىۋېلىپ كەينىنى ئوقىۋەرسىڭىز، كېيىن خاتا ئوقۇلغان يېرىنى تاللاپ يۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
2. ئاۋازغا ئېلىشنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن بىر نەچچە سىكۇنت ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاڭ.
3. ئەگەردە مىكروفون بولمىسا ياكى شاۋقۇن ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە تېلفوندا ئاۋازغا ئېلىپ كومپىيوتېردا تەھرىرلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەرك 2013-08-03 13:49
پايدىلىق تىما ئىكەن،ساقلىۋالدىم.

uzqak 2013-08-03 14:45
ماڭا بەك مۇرەككەپتەك بىلىندى ،لېكىن سىناپ باققۇم بار...

kaqur 2013-08-03 14:46
دەرسلىك سەل مۇرەككەپ چىقىپ قاپتۇ...
لېكىن، ئاۋۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ بىر نەچچە قېتىم سىنىسىڭىزلا ناھايىتى ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقايسىز

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:20
بولىدىغان دېتال ئىكەن ،چۈشۈرۈۋالدىم بىر سىناپ باقاي.

gulhan 2013-08-03 23:57
بەك ياخشى دەرس بوپتۇ. بىر سىناپ باقايلى. كەچۈر سىڭلىمىزنىڭ پايدىلىق دەرسلىرىگە بىز تەشنا.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-08-04 00:05
بۇلدىغان ھۈنەركەن بۇ!ئۈگۈنىشكەباشلىدىم ئەمسە!   

تۆتتاش 2013-08-04 01:42
مەن ھامان مۇستەقىل  قىلالايدىغان  بۇلۇمەن.

kaqur 2013-08-04 11:26
ئۇستازلــــــــــــــــوۋ، تاپشۇرۇقنى تېزرەك تاپشۇرىۋېتىڭلار - ھە

alga~nap 2013-08-07 01:16
مەن ئۈگۈنۈشكە تىرىشتىم. بىراق مۇزىكا كېرىشتۇرۇشكە كەلگەندە پەقەتلا كىرىشتۇرەلمىدىم. مومكىن بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار.

kaqur 2013-08-09 21:52
ئوقۇغان ئەسىرىڭىزنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز تەھرىرلەپ بېرەي ياكى مۇزىكا قىستۇرۇشنى بىر قېتىم كۆرسىتىپ قوياي

alga~nap 2013-08-11 14:54
مەن يەنىلا ئىشلىيەلمىدىم. ئاۋازنى ئالدىم بىراق مۇزىكا كېرىشتۇرەلمىدىم. مومكىن بولسا مۇشۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار ياردەم قىلساڭلار. قۇرۇق گەپ قىلمايلا مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدىلا ئەمەلىي جەريانىنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭلار ھەممە پايدىلانغان بولاتتى.

ئەكبەرنىياز 2013-08-11 23:06
بەك ئوبدان بولدى ، مەنمۇ چوقۇم سىناپ باقىمەن . كۆپ رەھمەت !!!

natiwan 2013-08-13 22:10
تولىمۇ ياخشى تېما بوپتۇ


查看完整版本: [-- ئـاۋازلىـق ئـەسـەر ئىشلـەش دەرسلىكـى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us