查看完整版本: [-- كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-08-03 01:47
كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست

چىرس قىلىپ يېرىلدى قوغۇن ،
تاۋۇز تۇتتى ئەللەي يەلپۈگۈچ .
ماركىسىنى تاللىماي شورار ،
چوكا مۇزنى باراڭدا چۆمۈچ .

كاۋا رەنجىپ قالدى ھاۋادىن ،
ئۈمچەيمەكتە ئۈزۈم غوللىرى .
يۇمشاپ كەتكەن ئاپتەپپەرەسنىڭ ،
يەرگە قاراپ قالدى قوللىرى .

ئىڭە ، ئىڭە ، قىلىدۇ كۆكۋاش ،
تۈكۈرىكىنى يۇتار قىزىلچا .
تەڭشەش ئۈچۈن خىلىتلىرىنى ،
ناخشا ئېيتار كۆللەردە پاشا .




ساڭگىلاتسا ھايات تىلىنى ،
كۆك ئاسماندا قۇياش ھېجارار .
پۇت ئۇچىدا مېڭىپ كەچقۇرۇن ،
باغچىدىكى < پىچىر > نى ئاڭلار .



تەرلىمەكتە تەسكەي بۇلۇڭلار ،
ئۆمۈچۈكلەر يۈرەر ئىشتانسىز .
خانقىزلار داستا چۆمۈلەر ،
توموزغىلار چىرىلدار جانسىز .

يەر ھورلىنار بولكىدەك يۇمشاپ ،
قولتىقىنى تاتىلايدۇ يوللار .
كۈچىسىمۇ سۇمۇ تىرىشىپ ،
شۇنچە پاكىز تەنمۇ تەر پۇرار .

رەنجىمەكتە تېرىلەر بىزدىن
شامالدۇرغۇچ كۆرەر چۈشىدە .
گىرادۇسى قايناپ تۇرمۇشنىڭ ،
نەپەس مۇزلار ئاندىن كېچىدە .


يۈز بەرمىدى ئوتقا قىزىقىش ،
سېغىنمىدى ھېچكىم تونۇرنى .
سايىلارغا قاراپ كوتۇلداپ ،
تەرلىمەكتە تىيننىڭ بۇرنى .

ئالايسىمۇ توڭلاتقۇ بىزگە ،
ئەدەپ بىلەن ئاچىمىز ئۇنى .
كالپۇك ئەمدى قىلمايدۇ تاقەت ،
قاچان توختار قايناقسۇ ھورى .

توپا ئوينار قوڭغۇز بالىسى ،
چۆمىلىلەر چاقمىدى قۇرۇلۇش .
مۇزلامدىكىن ئەمدى شەبنەملەر ،
بۇ يازىدىكى ئاخرىقى بۇرۇلۇش .


قۇرۇت –قوڭغۇز ، ئۇچار – قاناتلار ،
كەچ كۈز كۈيلەپ يازار پوۋىست .
شىلدىرلىغان ئېرىق بويىدا ،
كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست .


ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن


ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:21
لىرىكىلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنىش بىزنىڭ بەختىمىز،لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-08 23:36
ئاۋغۇست ئايلىرى ھەقىقەتەن مول-ھوسۇللۇق ئاي.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-08-09 00:32
ئاۋغۇستىتىكى بارلىق جاندارلار بىلەن سىردىشىپ چىقىپسىزغۇ!     

ئەكبەرنىياز 2013-08-11 23:00
ھەقىقەتەن ئېسىل لېرىكا بوپتۇ بۇرادەر ، داۋاملىق ئالغا !!!


查看完整版本: [-- كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us