مېھرىبان |
2013-08-01 18:36 |
<<ئىزدىنىش >>رومانىدىن ھېكمەتلەر
تەقدىرگە رەھمەت، تەقدىر بەزىدە قوناق شېخىغا لاچىننى قوندۇرىدۇ، بەزىدە شوخ مارالنى كىگىز ئۆيدە ئۇخلىتىدۇ.
دۇنيادىكى ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى، دۇنيادا خاپىلىق بولمىغان بولاتتى.
ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق ئادەمنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك نەرسە بار . ئۇ بولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش.
ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش -بىر ئىنسانىي خىسلەت.
بەزىدە سەۋرى-تاقەتمۇ بەخت كەلتۈرىدۇ، بەزىدە سەۋرى- تاقەتمۇ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
كەچۈرۈش كىرەك. ئۆزۈڭنى پۇتلىغان بىرسىنى كەچۈرۈش - كەچۈرمەسلىكىڭ سېنىڭ پەزىلىتىڭگە باغلىق.ساڭا تىغ ئۇرمىغانلا بولسا سەن ئۇنى ئۆز پەزىلىتىڭ بىلەن قولىدىكى تىغنى تاشلاشقا مەجبۇر قىل .ھەرگىزمۇ ئۇنى تىغ ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويما!
سوقۇشتا قورققان خوراز ھەتتا بىر- ئىككى ھەپتە چىللاشتىنمۇ قېلىپ قالىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ،سەۋەب كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ.
ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ، لەززىتىنى دىل.
مۈشۈكنى قويلار ئارىسىدا باقسا مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ ،مەرەيدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن.
جانغا تېگىدىغان قوراي- چاتقاللىق ئىچىدىمۇ بەزىدە سېنى خۇش قىلىدىغان گۈللەر ئېچىلىدىكەن. |
|