مېھرىبان |
2013-08-01 18:11 |
<<ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى>> دىن ھېكمەتلەر
ئائىلىدىكى ئەخلاقى ئادەتلەرمۇ ، ئەخلاقسىز قىلمىشلارمۇ ، ياخشى ، چىرايلىق گەپلەرمۇ ، قوپال، يىرىك ، ئەسكى گەپ- سۆزلەرمۇ بالىلارغا ئوخشاشمىغان نۇقتىدىن تەسىر قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئوخشاشمىغان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ.
تۇغۇپ ، نان- ئاش بېرىپ ، چىرايلىق كىيىندۈرۈپ چوڭ قىلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا ھەقىقى مەنىدىكى ئاتا- ئانا بولۇش بۇرچىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق بولمايدۇ.
ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، تۇغۇت بىر ئۆلۈپ،بىر تىرىلىش دىگەن گەپ.
مەسئۇلىيەتسىزلىك پەرزەنتلەرنى بىپەرۋالىققا ئۆگىتىدۇ.
ۋاپاسىزلىق ئىنسانغا ھاقارەت ، ئەلگە ئاپەت.
بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى ۋاپادار كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. |
|