مېھرىبان |
2013-08-01 17:06 |
<<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى >>دىن ھېكمەتلەر بىلىم ئۆزىنىڭ قەدرىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە قىزلارغا نىسبەتەن چىرايلىق بولۇش بىلىملىك بولۇشتىن ئەلا بىلىنىدۇ،چۈنكى قىز - ئاياللاردىكى گۈزەللىك بيۇروكراتلارنى بىر ئىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە يارايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. ھېچكىم جەننەتنى ئەجىرسىز بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئەمەس،شۇڭا ئۇ بىراۋنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كەلمەيدۇ،قىلغان ساپ ئەمەللىرى بىلەن كېلىدۇ. ئادەم بولۇش كىرەك.ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن ئادەمگە ئايلىنىشنىڭ مۇساپىسىنى تېزرەك تاماملاش كىرەك،بولمىسا تۆت پۇتلۇق بولۇپ كېتىش خەۋپى يوق ئەمەس. ھەر بىر تاللاش كىشىنىڭ تەغدىرىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قېتىملىق ئىللىق مۇئامىلە بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك تەربىيە ، مۇھەببەت بابىدىكى بىر قېتىملىق تېرىقچىلىق . ئۇنىڭ ھوسۇلىنىڭ كۆپلىكىنى قىياسلاپ بولمايدۇ. مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ. ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك. |
|