查看完整版本: [-- مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىدىن سۇئال-جاۋاپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قانۇن-نىزاملار -> مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىدىن سۇئال-جاۋاپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 14:23
                                 مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىدىن سۇئال-جاۋاپ



1)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى قاچان يولغا قۇيۇلغان؟
1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
2)1)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى نىمە؟
ئاساسىي قانۇن ۋە مەملىكتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. 
3)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبىرىي مائارىپ نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ.
4)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىي مائارىپنى ئىجرا قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؟
  ئۆلكە،ئاپتونۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايۇنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ،مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قەدەم -باسقۇچلىرىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. 
5) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى قايسىلار؟
مەجبۇرىي مائارىپ چوقۇم دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى،مائارىپ سۈپتىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشى،بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىيىلەپ،پۈتكۈل ئاۋامنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ئاشۇرۇپ،غايىلىك،ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك،ئىنتىزامچان بولغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيىلەشكە ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. 
6)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدائوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھىرلىنىشىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت قانداق بەلگىلەنگەن؟
دۆلەت،جەمئىيەت،مەكتەپ ۋە ئائىلە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھىرلىنىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 
7) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدائوقۇشقا كىرىش يېشى قانداق بەلگىلەنگەن؟
ئالتە ياشقا توشقان بالىلار مىللىتى،جىنسىي ئايرىلماي ،بەلگىلىك يىل چەكلىمىسىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىدۇ.شارائىت ھازىرلانمىغان جايلاردا يەتتە ياشقا كىچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. 
8)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىل-يېزىققا قارىتا قانداق بەلگىلمە بار؟
مەكتەپلەر دۆلەت بىرتۇتاش ئىشلىتىلىدىغان تىل-يېزىقنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش كېرەك.ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىقنى ئىشلەتسە بولىۇ.
 
9) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي مائارىپ قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟قايسىلار؟
باشلانغۇچ مائارىپى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپىدىن ئىبارەت  ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
10)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇش تۈزۈمىنى كىم بەلگىلەيدۇ؟
گوۋۇيۇئەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ. 
11)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايسى خىل قىلمىشلىرىغا ئوقۇتقۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ،باشقا مائارىپ تارماقلىرى ياكى مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرى مەمۇرىي جازا ياكى كەسپىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىدۇ؟
(1)ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇنلىماي،ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان سالغانلار،
(2)ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىپ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر،
(3)ئەخلاقىي ناچار،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتكەن،قىلمىشى قەبىھ بولغانلار.
12)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى،ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى،دەرسلىك لاھىيىسىنى،دەرسلىك كىتاپنى كىمنىڭ بېكىتىشى بەلگىلەنگەن؟
گوۋۇيۇئەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ. 

13)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى،ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى،دەرسلىك لاھىيىسىنى،دەرسلىك كىتاپنى  بېكىتىشىنىڭ ئاساسى قانداق بەلگىلەنگەن؟

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي،روھى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن مائارىپ تۈزۈمى،ئوقۇتۇش مەزمۇنى،دەرسلىك لاھىيىسى،دەرسلىك كىتاپنى  بېكىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 
14)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلانغۇچ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بالىلار،ئۆسمۈرلەرنىڭ كىرىپ ئوقۇشىنى لاھىيىلىشى بەلگىلەنگەن؟ 
يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى
15)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا قايسى ئورۇننىڭ گاس،گاچا،ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار ،ئۆسمۈرلەرگە مەكتەپ ئېچىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن؟
يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى
 
16)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ،دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان مەكتەپلەرگە قانداق سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
دۆلەت كارخانا،كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشى ئاستىدا،دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تەلەپلەر بويىچە ،مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلىگەن ھەرخىل مەكتەپلەرنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
17)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،شەھەر ۋە يېزا قۇرۇلۇش تەرەققىيات پىلانىدا مەجبۇرىي مائارىپنى قانداق قوغداش بەلگىلەنگەن؟
شەھەر ۋە يېزا قۇرۇلۇش تەرەققىيات پىلانى مەجبۇرىي مائارىپنىڭ مۇناسىپ ئەسلىھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.  
18)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق ئۆلچىمى قانداق بىكىتىلگەن؟ 
دۆلەت مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ.دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 
19)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،«ئوقۇش يېشىدىىكى پەرزەنىتلەرنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىشى،بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئېلىش»مەجبۇرىيىتىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن؟
ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيلىرى 
20)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ كېسەللىك ياكى ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشقا كىرىشىنى كىچىكتۈرۈش ياكى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى كىم ئىلتىماس قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؟كىم تەستىقلايدۇ؟
ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسى ئىلتىماس قىلىدۇ.يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ.
21)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئىش تېپىپ قىلىشىغا قارىتا قانداق بەلگىلىمە بار؟
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشى چەكلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 
22)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپقا ئېھتىياجلىق خىراجەت ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىغە قارىتا قانداق بەلگىلىمە بار؟ 
مەجبۇرىي مائارىپقا ئېھتىياجلىق خىراجەت ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىغە گوۋۇيۇئەن ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
23)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،دۆلەت مالىيىسىدىن مەجبۇرىي مائارىپقا ئاجرىتىلىدىغان خىراجەتنىڭ نىسبىتىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمە بار؟
دۆلەت مالىيىسىدىن مەجبۇرىي مائارىپقا ئاجرىتىلىدىغان خىراجەتنىڭ نىسبىتىنىڭ يىلمۇ-يىل ئېشىش نىسبىتى مالىيە دائىملىق كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.
  24)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،نامرات رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ مەبلىغىغە قارىتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟ 
دۆلەت نامرات رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ مەبلىغىغىە قارىتا تولۇقلىما بېرىدۇ.
25)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،ھەرخىل ئىجتىمائىي كۈچلەر ھەتتا شەخىسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ ،مائارىپنى قوللىشىغا قارىتا قانداق بەلگىلىمەبار؟ 
دۆلەت ھەرخىل ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە شەخىسلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ مائارىپنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
26) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،ئازسانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىدا مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قۇيۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار؟
دۆلەت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،مالىيە خىراجىتى جەھەتتىن ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىېرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
27)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ 
(1)دۆلەت چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ فىداگوگىكا مائارىپىنى كۈچەيتىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ،ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ،پىلانلىق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچلىرىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم فىداگوگىكا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ فىداگوگىكائالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس كورۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
(2)دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.فىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
(3)دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم سوتسىيالىستىك  مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆزىنىڭ ئىدىيە،مەدەنىيەت،كەسپىي سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى ،ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى،كەسپىگە سادىق بولىشى كېرەك.   
28)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى قانداق قوغدىلىدۇ؟ 
پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددىي تەمىناتىنى ياخشىلايدۇ،مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.  
29)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى قانداق قوغداش بەلگىلەنگەن؟ 
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ مەكتەپلەرنىڭ يېرىنى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا،بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
30)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا،مەجبۇرىي مائارىپتا دىن توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمە بار؟
دىندىن پايدىلىنىپ ،مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئەمىلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

31)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىنى كىم تۈزۈدۇ؟قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان؟
سابىق مائارىپ كومىتىتى تۈزگەن.1992-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان.  
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىدە،ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئوقۇقا كىرىش ياش چەكلىمىسىنى،ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشقا كىرىش يېشىنى كىچىكتۈرۈش ئىشىنى قايسى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؟
ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە يەرلىكنىڭ ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ. 
 32)جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە،مەجبۇرىي مائارىپنى ئىجرا قىلىشتا قايسى تەلەپلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟       
(1)ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر -بالىلارغا  ماس كېلىدىغان مەكتەپ ياتاق ئەسلىھەلىرى ۋە ئاساسىي ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ھازىرلىنىشى كېرەك.
(2)ئوقۇش تەۋەلىكى ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدىكى تەلەپلەرگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولىشى كېرەك.
(3)بەلگىلىك ئىقتىسادى كۈچى بولىشى،بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە ئوقۇتۇش سايمانلىرى،كىتاپ ماتىريال،مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش،تەنتەربىيە،سەھىيە سايمانلىرى تەدرىجى تولۇقلىيالايدىغان بولىشى كېرەك.
(4)يەرلىك ھەردەرىجىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە باشقا مەكتەپ قۇرغۇچىلار مەجبۇرىي مائارىپنى ئىجرا قىلىش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى كېرەك. 
33) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىدە،قايسى ئورۇننىڭ ئەڭ كىچىككەندىمۇ ئوقۇش باشلاشتىن 15كۈن بۇرۇن ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەسىيلىرىگە ئوقۇشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى بەلگىلەنگەن؟         
يەرلىك ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى مەجبۇرىي مائارىپنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ھازىرلىغان مەكتەپلەر.
  34) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىدە،ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن كەچۈرۈم قىلىش،كىچىكىپ ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش تەرتىۋى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمە بار؟
(1)ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش،كىچىكىپ ئوقۇشقا كىرىش رەسمىيىتىنى شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ۋەسىيسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ ياكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ.
(2)سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى ئوقۇشىنى كېچىكتۈرۈشتە،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن داۋالاش ئورۇنلىرنىڭ ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
(3)ئوقۇشقا كىرىشىنى كىچىكتۈرگەنلىك مۇددىتى توشۇپ يەنە ئوقۇشقا كىرەلمىسە،ئوقۇشنى داۋاملىق كىچىكتۈرۈش ئىلتىماسىنى قايتا يېزىش لازىم.  
35)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا،ئوقۇتقۇچلارنى ھاقارەتلىگەن،ئۇرغانلارنى بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمە بار؟
(1)مەمۇرىي جازا ياكى جەرىمانە قۇيۇلىدۇ،
(2)يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا،داۋالىنىش راسخودىنى ئۈستىگە ئېلىش،
3)قىلمىشى ئېغىر بولۇپ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
 36)مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى «ئىككى كەچۈرۈم،بىر تولۇقلىما»قايسىلار؟ 
ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش،كىتاپ ماتىريال پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش،ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.
37)دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى «ئاساسى قانۇن»ى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەچچىنچى قېتىملىق ئاساسى قانۇن؟قاچان ئېلان قىلىنغان؟
4-قېتىملىق.1982-يىلى ئېلان قىلىنغان.  
38)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىربىنىڭ شەكلى قانداق؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىربى ئوتتۇرۇسى بەش يۇلتۇز پارلاپ تۇرغان تىئەنئەنمىن،چۆرۈسى باشاق ۋە چىشلىق چاقتىن تەركىپ تاپقان

39)پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى نىمە؟ 
ھاياتىي سالامەتلىك ھوقۇقى. 
40)دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسىي قانۇن»ىدا،دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ قانداق ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن؟
(1)باراۋەرلىك ھوقۇقى
(2)سىياسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقى
(3)دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىك ھوقۇقى
(4)كىشىلىك ئەركىنلىك ھوقۇقى
(5)ئجتىمائىي،ئىقتىسدىي ھوقۇقى
(6)مەدەنىيەت،مائارىپ ھوقۇقى
(7)دۆلەت مۇھاجىرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
41)پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى قايسىلار؟
(1)ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى قوغداش
(2)«ئاساسىي قانۇن»،«قانۇن»لارغا رېئايە قىلىش
(3)دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش
(4)ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئاسراش،ئەمگەك ئىنتىزامىغا بويسۇنۇش،ئاممىۋى تەرتىپكە رېئايە قىلىش،ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش.
(5)ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى،ئىناۋىتىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش.
(6)ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ،قانۇن بويىچە ھەربى سەپكە قاتنىشىش.
(7)قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش. 
42)«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»دا،دىيىلگەن «قورامىغا يەتمىگەنلەر»كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟
18ياشقا توشمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.  
43)ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلفۇن نومۇرى:110
ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلفۇن نومۇرى:119
جىددىي قۇتقۇزۇش تېلفۇن نومۇرى:120
قاتناش ھادىسىلىنى مەلۇم قىلىش تېلفۇن نومۇرى:122
44)مەملىكىتىمىزدە ھامىيلارنى تۇرغۇزۇشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار؟
قانۇن بېكىتكەن ھامىي،ئۆزى كۆرسەتكەن ھامىي ۋە ھاۋالە قىلغان ھامىي.
45)ھامىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قايسىلار؟
 (1)ھامىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ سالامەتلىكنى قوغداش،تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش
(2)ھامىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە قوغدش،ھامىيلىق قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى دەخلى -تەرۇزغا ئۇچرىسا ياكى باشقلار بىلەن جىدەللىشىپ قالسا ،ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇرەسسە قىلىش.
(3)ھامىيلىق قىلىنغۇچىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيىلەش،ھامىيلىق قىلىنغۇچى  باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغاندا،ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قانۇن بويىچە ھەق -تەلەپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش.  
46)دۆلىتىمىز پۇقرالىرى قانچە ياشقا كىرگەندە سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
18ياش
47)قايسى قورامىغا يەتمىگەنلەر ھەق-تەلەپ ئىشلىرىنى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە تەۋە بولىدۇ؟قايسى قورامىغا يەتمىگەنلەر ھەق-تەلەپ ئىشلىرىنى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە تەۋە بولمايدۇ؟
10ياشتىن يۇقۇرى قورامىغا يەتمىگەنلەر ھەق-تەلەپ ئىشلىرىنى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە تەۋە بولىدۇ.

10 ياشقا توشمىغان قورامىغا يەتمىگەنلەر ھەق-تەلەپ ئىشلىرىنى چەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە تەۋە بولمايدۇ.
48) 12ياشقا توشمىغانلارنىڭ تاشيوللاردا ۋەلسىپىت مىنىشى چەكلىنىدۇ.
49)ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى قايسىلار؟
(1)قانۇن-نىزاملاغا رېئايە قىلىش
(2)ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمىگە رېئايە قىلىش،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش،ياخشى بولغان ئىدىيىۋى ئەخلاق ۋە ھەركەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.
(3)تىرىشىپ ئۆگىنىش،بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش.
(4)مەكتەپ ۋە مائارىپ ئاپاراتلىرى بېكىتكەن تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رېئايە قىلىش. 
50)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،باشلانغۇچ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى قانداق سالاھىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك؟
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىشى،ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى فىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولىشى كېرەك.
ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىشى،فىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس كورۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى  ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولىشى كېرەك.
51)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟
(1)ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ،كەسپىي ئەخلاققا رېئايە قىلىش،ھەممىدە ئۈلگە بولۇش.
(2)دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش،قائىدە-تۈزۈمگە رېئايە قىلىش،مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش.
(3)ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى،قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى،سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە،مەدەنىيەت،پەن-تېخنىكا تەربىيىلىرىنى ئېلىپ بېرىش،ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش.
(4)بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇلارنى ئاسراش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
(5)ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق قىلمىشلار ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇش،ئوقۇغۇچلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تەنقىدلەش ۋە توسۇش.
(6)سىياسىي-ئىدىيىۋى ئاڭ سەۋىيىسىنى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.
     
52)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق ھوقۇقلىرى بار؟
(1)ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش.
(2)ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر بىلەن شۇغۇللىنىش،كەسپىي ئىلىمي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش،ئىلمىي مۇھاكىملەردە ئۆزىنىڭ پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش.
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاش.
(4)ۋاقتىدا مائاش ئېلىش،دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھىرلىنىش،قىشلىق،يازلىق تەتىلدە مائاش ئېلىپ دەم ئېلىش. 
(5)مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،باشقۇرۇش خىزمەتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا پىكىر-تەكلىپ بېرىش،ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپنى دىموكىراتك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش.
(6)بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيىلىنىشلەرگە قاتنىشىش.
  

ئايبىكە 2013-08-01 17:03
ئۆزىمىزنىڭ ھوقوقى ھەم مەجبورىيىتىنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىۋالدۇق.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 21:57
خەنزۇچە ماتىريالدىن پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىدتە تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 23:28
پايدىلىنىدىغانلار يوق ئوخشايدىغۇ؟

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 23:33
ئەلۋەتتە بار ئەنۋەر مۇئەللىم ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . داۋاملىق ئالغا !!!


查看完整版本: [-- مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىدىن سۇئال-جاۋاپ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us