查看完整版本: [-- ئوعۇرلانعان قۇرلار 10 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئوعۇرلانعان قۇرلار 10 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2013-08-01 12:52
«بىزمۇ 21- ئەسىرگە كىرىۋاتىمىز.كىشىلەر ئەقىل – پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا ،بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە  " ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بوعۇلۇپ كەتتۇق .بىز يېڭى زاماننىڭ سىناق مەيدانىدا قەرز دەپتەرلىرىنى  ئۆشنىمىزگە ئارتقان ھالدا كىرىپ كېلىۋاتىمىز . بۇ دەپتەرلەر بىزنىڭ ئەسلىدىكى قاۋۇل ۋۇجۇدىمىزنى بېسىپ يىگىلىتىش بىلەن بىرگە روھىمىزنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى پانىي دۇنيانىڭ قەرزلىرىنى ئادا قىلالمىعان ئادەم باقىي دۇنيانىڭ جەننىتىگىمۇ ئرىشەلمەيدۇ.

(ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار دىن ئا. جالالىدىن  )پانىي دۇنيانىڭ قەرزلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمنى، تارازىعا سېلىپ ئۆلچىگىلى بولمايدۇ .لېكىن ھەر بىر ھەركەتتتىن چىققان نەتىيجە دەل ئۇنىڭ ئۆلچىمى. پانىي دۇنيانىڭ بىزگە ئارتقان قەرزلىرى بەك كۅپ .بۇ قەرزلەردىن نەچچىلىكىنى ئادا قىلعاندىمەن؟ گۇناھ تۇيعۇسىنى يېڭى ئىنىرگىيە بىلەن كۈچلەندۈرىدىغان  مۇشۇنداق قۇرلارنى ئوقۇشمۇ ئۆزگىچە لەززەت .سەبدىشىمنىڭ ئېشىغا توپا چاچسام گۇناھ بولىدۇ، ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىۋالسام گۇناھ بولىدۇ، غەيۋەت – شىكايەت قىلسام گۇناھ بولىدۇ،ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالسام گۇناھ بولىدۇ،تەخسىكەشلىك قىلسام گۇناھ بولىدۇ.... مۇشۇنداق  ھەر بىر ھەركىتىمىزدە ئۆز – ئۆزىمىزگە گۇناھ بولىدۇنى ئەسكەرتىپ تۇرالغۇدەك ئاڭ ،تەپەككۈر ھەمرا بولغۇچىلىك،تالاي يىللارنى مۈجىمەللىك ئىچىدە ئۆتكىزىدىكەنمىز. بىر كۈنلىرى تاسادىبىلا يۈرۈكۈڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا گۇناھىڭ ۋە گۇناھ توغۇرسىدا يېڭى ئوي- پىكىرلەر پەيدا بولغاندىلا  بىھۇدىلا خوراپ ، ساختا ياشىغاندەك روھى ھالەت سېنى قىينايدىكەن. ئەلۋەتتە بىلىشىڭ مەلۇم باسقۇچقا بارماي تۇرۇپ، ھەقىيقى گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ سېنى ئازابلىشىغىمۇ پۇرسەت يارالمايدىكەن. چىن كۆڭۈلدىن  گۇناھىڭغا تۆۋە قىلىشنىڭ  تەمىنى تېتىش ئۈچۈنمۇ بىلىش ،ئۆگىنىش زۆرۈركەن. بىلىشنىڭ قۇدرىتى ،ئۆگىنىشنىڭ قۇدرەت كامالىتى ئالدىدا تولىمۇ كۈچسىزلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى مېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىم پەقەتلا قورساق بېقىشنىڭ ۋاستىسى بوپتۇ خالاس! قورساق بېقىش بىلەن چەكلەنگەن بىلىشنىڭ بوسىغىسىدا ئەقىيدىگە بولغان ساتقىنلىق چۇۋۇلغان چاچلىرىنى سالۋاراتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ  چېچىدا مەختۇمسۇلانىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ،نە قارىلىق جۇلاسى  يوق ، خۇنۇكلىك ئىچىدە ئۇ چاچلاردىن گۇناھ تەپچىيدۇ. ئۇنىڭ تىرناقلىرى رەڭمۇ -رەڭ بۇيالغان . خۇددى يەجۆش – مەجۆشلەرنىڭ تەسۋىرىدىكى بەتبەشىرە كۆرىنىشتەك ...تىنىم نىمىگىدۇر شۈركىنىپ كەتتى.
يولدىشىمنىڭ تېلفۇنى بىىلەن يەنە سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلدى. 

قىزىمنى ئېلىپ پەسكە چۈشتۈم .بىر نەچچە كۈندىن بويان  ئىزچىل ئىسسىق بولىۋاتاتتى. بۈگۈنمۇ  بەكلا ئىسسىق ئىكەن . يولدىشىم بىلەن بازارغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ،قىزىم -ھويلىدا ئوينايمەن - دەپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەمرا بولدۇم.

ھويلىدىكى بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈسكۈنلىرى ئورنىتىلعان ئارام ئېلىش ئورنىدا،ئادەملەر بەكمۇ جىق ئىدى. قىزىمنىڭ ئوينىشىغا قاراپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئالدىمدىن ئۅتىۋاتقان ناتۇنۇش سىمالارعا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن..ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىسقا كالتە ئىشتان كىيگەن بولۇپ سىمىز، ئورۇق ،ياراشقان ياراشمىغاننىڭ ھەممىسى «كالتە ئىشتان مودىسى» نىڭ «تاجاۋۇز»ىعا ئۇچۇرعان ئىدى .  بۇ يالاڭاچلىقنىڭ كەينىگە ئاللىقانداق روھى ئچىرقاش يۇشۇرۇنغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم
. مەن ئولتۇرعان ئورۇندۇقنىڭ كەينى تەرپىدىكى ئالما دەرەخلىرىدىكى،  كىچىك تاش ئالمىلار قىزىرىپ پىشقان بولۇپ ،ھويلىعا ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى. قاياقتىندۇر يالتىراق حالتا كۆتۈرگەن بىرنەچچە تە تەي پەيدا بولدى.قوللىرىعا ئۇزۇن تاياقچىلەرنى ئېلىپ ئالما شاخلىرىعا كۈچەپ ئۇرۇپ ئالما قاقتى. يەرگە توكۇلداپ چۈشىۋاتقان ئالمىلارنى ئالدىراش تېرىپ بولۇپ ،يەنە قولىدىكى تاياقچىلەر بىلەن ئالما قاقتى. ئالما بىلەن چۈشىۋاتقان يۇپۇرماقلار ئۇلارنىڭ ئاياق ئاستىدا دەسسىلىپ بىردەمدىلا ھاياتى كۈچىنى يۇقاتتى.  ئالما دەرىخنىڭ ئۇچۇدىكى ئالمىلارنى ئورۇندۇقلارعا چىقىشىپ چۈشۈرۈپ بولعاندىن كيىن ، خالتىلارنى توشقۇزۇشۇپ يەنى قايەرلەرگىدۇ عايىپ بولۇشتى. بىردەمدە  قۇرۇعدىلىپ  شۈمشىيىپ قالعان ئالما دەرەخلىرىگە قاراپ خىيالعا پاتتىم. بىچارە دەرەخ ئەگەر مىيۋە بەرمىگەن بولسا ئۇرۇلماس يۇپۇرماقلىرىدىن ئايرىلماس بولعايتتىمىكىن؟ ھازىر تەشۋىق قىلىنۋاتقان ئاممىۋى سورۇنلاردسىكى گۈل – گىياھ دەل – دەرەحلەرنى ئاسراش، تەشەبۇسلىرىنى مۇنۇلار ئاڭلىمىعانمىدۇ؟ ياكى ئاڭلىسىمۇ نەپسى يول قويمىغانمىدۇ؟ ياكى باشقىلارنىڭمۇ بۇ ئالمىلاردا ھەققى بارلىقىنى ئويلاشمىعانمىدۇ؟ مېنىڭ بۇنچە كۅپ ئوي- خىياللىرىم بىلەن كىمنىڭ چاتىقى ... دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق - تەرەقىي قىلىمىز  - دىدۇق  ،تەرەقىيمۇ قىلدۇق .لېكىن تەرەقىياتنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە چۈشۈپ قالغاندەك. ئۇنىڭ تەرەقىيات ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىز زۆرۈردەك...

قىزىم ھازىرعىچە ھىچكىمگە قۇشۇلماي يالعۇز ئويناۋاتاتتى. بۇ ھويلىدا كەمدىن - كەم ئۇچۇرايدىعان بىرنەچچە ئۇيعۇر بالىمۇ تەتىل بولعاچقىمىكىن كۅرۈنمەيتتى. قىزىم يالعۇزلۇقتىن زارلىمىسىمۇ ئۇنى يىقىن ئەتراپتىكى بالىلار باعچىسىعا ئېلىپ ماڭدىم. 10 مىنوتلار ماڭدۇقمىكىن بالىلار باعچىسىعا يېتىپ كەلدۇق. باغچىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ توپ – توپ بولۇپ ھەر حىل ئۇسۇللارنى ئوينىشۋاتقان ياشانعانلار توپىنىڭ ينىدىن ئۆتۈپ ،بالىلار ئويۇنچۇقلىرى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. ئۇ يەردىمۇ ئادەم كۆپ ئىدى. بالىلارعا ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ كۅپىنچىسى موماي- بوۋايلار  ئىدى. بالىلارنىڭ بەزىلىرى بىلىق تۇتسا بەزىلىرى سەكرىگۇچ ئىچىدە سەكرىشىپ، يەنى بەزلىرى سرىلغۇچتا يەنى بەزىلىرى قۇم قاچىلاپ ئويناش ئورنىدا يەنى بەزىلىرى  ئىگىزگە سەكرەش تاسمىسىدا ئېسىلىپ ،يۇقۇرعا سەكرەپ ئويناۋاتاتتى. بۇ ئورۇننىڭ حوجايىنى ، تەتىل بولعاچقا ئىتىۋار تۈرلىرىنى يولعا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.

بالىلارنىڭ ئويۇن ئوينىشىعا قاراپ ،  موماي - بوۋايلارنىڭ سۅزلىرىگە قولاق سالعاچ ئولتۇردۇم .

-       ئىككى نەۋرەمنى مەن چوڭ قىلدىم. چوڭى 6- يىللىقتا ئوقۇيدۇ. كىچىكى ماۋۇ قولۇمدىكىسى شۇ. ئۇ قولى بىلەن ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقان بىرىنى كۅرسەتتى.

-       ئۇ منىڭ چوڭ نەۋرەم.

-       ئاپىسى« سەن ئۇششاق – چۈششەك يىمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىپ ، قىزىمنى سەمىرتىۋەتتىڭ »دەيدۇ .ـ ئېلىپ  بەرمەي  دىسەم ، نەۋرەم تۇرسا .

ئېلىپ بەرسەم  يەنى بولمىعان ...

ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرعان يەنى بىر موماي سۅزلەپ قالدى.

-       نەۋىرلەرنى ياخشى بېقىش،ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارعا قوشۇشۇپ بېرىش بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز. ئۇلار ئائىيلىمىزنىڭ كيىنكى چىرىقىنى ياندۇردىعان ئىزباسارلىرى تۇرسا . مەن ھازىرعىچە نەۋرىلىرىمنى ئۆز يىنىمدىن پۇل ئاجىرتىپ ،ھەر خىل كورسلارعا بېرىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئۅگىنىشىمۇ ھەر ھالدا ياخشى.ئۇلار ئەمدى تەبىئىلا بالىلارنى قانداق تەربىيلەش تېمىسىعا ئۆتۈپ كەتتى. بالا تەربىيلەش ھەققىدىكى كىتابلار، كورسلار، تور ئادىرىسلىرى دېگەندەك كەڭ نۇقتىدىن سۆزلىشىپ  ،ئەڭ ئاحىرىدا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىعا ئۆتۈپ كەتتى.

بالىلارعا كۅڭۉل بۆلۈش ھەممە ئادەمنىڭ مەجبۇريىتى دەپ قارالسىمۇ ،بىر بالىعا ھەممىدىن كۅڭۈل بۅلۈپ ،ئۇ كۅڭۈل بۅلۈشنىڭ نىسىۋىسى، نەتىيجىسىنى كۆرىدىعان بىيۋاستە كىشىلەر پەقەتلا شۇ ئائىيلىدىكى كىشىلەر . پەرزەنتى مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويۇش بىلەن مۇنۇ ھالەتنى سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن.ئا. جالالىدىننىڭ ؛« پىكرى ناجىنىسلار ئۅزىنىڭ ھېچنىمىسىنى ياخشى كۅرمەيدۇ.» دېگەن قۇرلۇرىنى يەنى ئەسلىدىم . پىكرى ناجىنىسلىق ،ئورنىنى تاپماسلىق، پىكىر چولتىلىقى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرسەكمۇ ،ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى قانداق ياخشى كۆرۈشنى بىلمەيدىغان ،بىلسەكمۇ يېرىم – جاتا بىلىدىغان قىلىپ قويدىمىكىن؟ ھەممىدىن يامىنى قايسى ئاتا – ئانا ،قايسى موما – بوۋىلا ئۆز پۇشتىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؟ ئۇلارنى ياخشى كۆرگىنىمىز بىلەن ئۇلارنى قانداق ياخشى كۆرۈشنى بىلمەسلىك، بىزنى نە قىسمەتلەرگە دۇچچار قىلار؟ ياراتقۇچۇم ! قۇدرەت كامالىتىڭنىڭ ئىزناسى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى بەرگەن ئىكەنسەن ،ئۇلارنى سۆيەلگۈدەك يۈرەكنى ، جۈرئەتنى ،ئۇلارنى سۆيەلەيدىغان تەربىيچىلەرنى قوشۇپ بەرگەيسەن! تەربىيىسىزلىكتىن ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماناسىپ كەلمەيدىغان تەربىيە ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن ساقلىغايسەن! دەقىيقە ئىچىدە ئىچكى دۇنيايىمدا پەيدا بولغان داۋالغۇلۇچقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئۈنسىز نىدا قىلدىم ...

ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلىرىنى  ئاخىرلاشتۇرۇپ ، سۅز تېمىسىنى ماڭا قاراتتى.

قىزىمنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ، نىمە ئىش قىلىدىعانلىقىمنى سوراشقاندىن كيىن ، قىزىمنى خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشۇمنىڭ زۅرۈرلىكى، خىزمىتىم بار  «ئىلعار زىيالى » سانالعاچقا، بۇنداق قىلىشنىڭ زامانغا لايىقلىشىش  ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر مۇنچە سۅزلىدى. «ھە » دەپلا قويدۇم . ئۇلارمۇ مېنىڭ بالامنىڭ غېمىنى ياۋاتسا ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشۇم كېرەكتە؟

« بىر مىللەت ئۅزىنى ئۅزى تۇنۇتىدىعان قۇدرەت بولمىسا، ئۅزىنى ئۅزى تەشۋىق قىلىدىعان روۅىيەت بولمىسا بەرىبىر بىكار »  ( ئا . جالالىدىن ) ئەتراپىمدىكى بۇ كىشىلەر ئۅزىنىڭ قۇدرەت كامالىتىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ تەستىقىمسىز  قىزىم ھەققىدىكى گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى دىيىشىپ ئۈلگۈردى . ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگىمۇ رەخمەت . مەيلى كىم نىمە دىيىشتىن قەتتىنەزەر ،ئاحىرقى قارارنى يەنىلا ئاتا – ئانا بولعۇچى چىقىردىغىنى ئىنىق.

قىزىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم .ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە مۈجىمەللىك ئىچىدە ئايلىنۋاتقاندەك ..ئۇ مۈجىمەللىك ئىچىدە قوللار قوللارغا سۇنۇلماي، يۈرەكلەر يۈرەكلەرنى تۇنۇماي ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندەك ...

كەچتە يەنى كىتابلارنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم .بەزىدە شۇنداق قۇرلارنى ئۇچۇرتىمىز ئۇچۇرتىمىزيۇ  ئىختىيارسىز قايتا ئوقۇيمىز، ئۇنى قەلىب ئىشىكىمىزدىن ئۆتكىزىپ ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ  ھەممە قىسمىغا سىڭدۈرۋالغۇمىز كېلىدۇ، بەزى قۇرلار بار رازىمەنلىك بىلەن ئوقۇيمىز. ئۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ يۈرۈكىدىكى سۆزىگە ئوخشايدۇ . مەنمۇ قولۇمدىكى كىتابلاردىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۈچۈرۈپ قويدۇم .

«مۇھىت ئۅزگەردى ،ئادەملەرنىڭ كاللىسى ئۆزگەرمىدى .بىز ئويلىنىش ۋە ئىجادىيەتكە گادايلىقىمىز بىلەن تاشقى تەسىرلەرنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق.» «  بىز ئىزدەۋاتىمىز ئىزدىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۅزىمىزدە .لېكىن ئۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز: بىز سۆزلاۋاتىمىز،سۆزىمىزدە نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەقلىي يۈكسەكلىكتە چۉشەنمەيۋاتىمىز.مۇللا، زىيالىي ،سودىگەر ، دىھقان، كادىر قاتارلىق تەبىقىلەر ئارا بىر- بىرىنىڭ گېپىنى  چۉشەنمەسلىك ، بىر  تەبىقىنىڭ ئىچىدىمۇ بىر- بىرىنى چۉشەنمەسلىك بىزدىكى بىر ئەمىلىيەت. » -- ئا . جالالىدىن


مېھرىبان 2013-08-01 13:51
قەدىرلىك ئۇزچاق ،سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ،مەن خاتىرىلىرىڭىزنى بىرنى قويماي ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆزەمنى قايتىدىن يېڭىلانغاندەك ،روھىمداقاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا بولدى ،بۇ ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابى ئۈزۈلمەسلىكى ئېنىق. سىزنىڭ كېلەر مەۋسۈمدە تەربىيلىنىشكە بارىدىغانلىقىڭىزدىن خەۋەردار بولدۇم،  لېكىن مەيلى نەدىلا بولۇڭ،يېڭىچە تەپەككۇر جەۋھەرلىرىڭىز بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل، .

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-01 14:25
يېڭىچە تەپەككۇر جەۋھەرلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگىنىڭىزگە رەخمەت.

uzqak 2013-08-01 16:48
كونۇپكا تاختىسى چاتاقمۇ بىلمىدىم ، شۇنچە تەھرىرلەپمۇ بەزى  ھەرىپ ۋە تېنىش بەلگىلىرىنى ئورنىغا ئەكىلەلمىدىم... ئېغىر كۆرمەي بىر تەھرىرلەپ قويساڭلار!    

ئايبىكە 2013-08-03 00:40
.ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىسقا كالتە ئىشتان كىيگەن بولۇپ سىمىز، ئورۇق ،ياراشقان ياراشمىغاننىڭ ھەممىسى «كالتە ئىشتان مودىسى» نىڭ «تاجاۋۇز»ىعا ئۇچۇرعان ئىدى .


سەن قايسى قەۋمنىڭ كۆرۈنىشىدە بولساڭ ،شۇ قەۋمدىندۇردۇرسەن.

ئايبىكە 2013-08-03 00:45
ئۇلارمۇ مېنىڭ بالامنىڭ غېمىنى ياۋاتسا ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشۇم كېرەكتە؟


«كۆزلىرىمدە كۈلكە ،يۈرىكىمدە ياش.»

gulhan 2013-08-04 00:14
« تەربىيىسىزلىكتىن ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماناسىپ كەلمەيدىغان تەربىيە ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن ساقلىغايسەن!»

«ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە مۈجىمەللىك ئىچىدە ئايلىنۋاتقاندەك ..ئۇ مۈجىمەللىك ئىچىدە قوللار قوللارغا سۇنۇلماي، يۈرەكلەر يۈرەكلەرنى تۇنۇماي ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندەك ...»

بىزنى زەررەتلەۋاتقان تەپەككۈر تامچىلىرىڭىزنىڭ بۇلاقتەك ئاچقان روھىيىتىمىزگە بارغىنلىقىدىن بەكمۇ سۈيۈندۇق.
بەردەملىك، ساغلاملىق يار بولسۇن ئەزىز.

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 23:19
قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت ، ئەتىڭىزگە ئامەت يار بولغاي !!!


查看完整版本: [-- ئوعۇرلانعان قۇرلار 10 --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us