ablatmuhamma |
2013-08-01 00:26 |
ساپما كەشتە كەلمەكتە گۇگۇم
1
سەلكىن قىلار لەشكىرىي يۈرۈش ، چايقاپ توموز ھارارىتىنى . قوچقاچلارغا سۆزلەيدۇ نوتوق ، شەپەق تىكلەپ ئىناۋىتىنى .
چۇرۇقلايدۇ توقايلىق قوينى ، باشلىنىدۇ كەچكى ئولتۇرۇش . بۇ سېھىرلىك يازنىڭ ئادىتى ، نۆۋىتىدە ئەنجۈمەن قۇرۇش .
كەچ كەڭتاشا بوشىتار بەلباغ ، كەچ ھەممىگە قاراپ ھېجارار . مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ھاۋا ، قويوق ئۆسكەن چېچىنى تارار.
يۇلتۇزلارنى ياندۇرسا كېچە ، پەرۋانىلەر ئېقىتار شۆلگەي . يازنىڭ ئىزگۈ خاسىيىتىنى ، بارچە جانلىق شۇنىڭدىن بىلگەي .
2
ياز ___ نىيىتى دۇرۇس ئوتۇنچى ، ياز ___ھاراقكەش قېرى چال ئەمەس . بىر ئىنجىقتا تۇغۇلار ھايات ، ياز رامكىسى ئۇنچە تار ئەمەس .
تۆت پەسىلنىڭ تۆت خىل كېچىسى ، تۆت خىل رەڭلىك ئاكا – ئۇكىلار . قورسىقى ئاچ نېگىر بۇلۇتلار ، ياز تېنىگە دائىم سوقىلار .
يامغۇر سۆيسە باغاشلاپ يەرنى ، سۈت چىقىدۇ زىمىن كۆكسىدىن . چاڭقاپ كەتكەن ئاسمان يېرىلار ، ۋىلىق قىلغان سەبىي كۈلكىدىن .
بارمىقىدا نوقوپ گۇگۇمنى ، شەپەرەڭلەر يايىدۇ قانات . كەچ كۆرپىسى راھەتمىكىنتاڭ ؟ سۇنايلىنىپ ياتىدۇ ھايات .
كەچ مايلىسا بەتىنكىسىنى ، ساپما كەشتە ھەممە شېپىقار . مايلاش ئۈچۈن سايىلىرىنى ، ئالتۇن ئايلار بارماقنى سانار .
ساپما كەشتە كەلمەكتە گۇگۇم . ئوڭ قولىدا بىر تاۋاق پەتنۇس . ياز غەزنىدىن چىقىرار مەبلەغ ، چىن مەقسىتى بىر سۆھبەت قۇرۇش .
قويۇلغاچقا كۈندە كونسېرت ، ئايرىمايدۇ كۆپچىلىك ئازنى . زوكاملارغا سۈركىلىپ كەتمەي ، ئۆتكىزەيلى مۇشۇنداق يازنى .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|
|