查看完整版本: [-- «11 ماددىلىق بېتىم» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> «11 ماددىلىق بېتىم» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-07-31 23:30


«بېتىم» نىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى:
    مەركىزى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ئىختىلال قىلغان جايلارنى ئىشغال قىلغان خەلق ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق جاڭجال مەسىلىسىنى تىنىچلىق بىلەن ھەل قىلىش توغرىلىق بېتىم
    1. ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنگەن يەرلىك خەلقىدىن مەمۇرى خادىملار سايلاش ھوقۇقى بېرىدۇ. بۇ ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرتىپ بەلگىلىنىدۇ:
    ۋەقە ھەل بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەر بىر ناھىيىدىكى خەلقلەر ناھىيىلىك كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ، ناھىيىلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.
    ناھىيىلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى ھاكىم (ناھىيە باشلىقى) ۋە مۇئاۋىن ھاكىملارنى سايلايدۇ.
    سايلام ئۆتكۈزىلىدىغان دەۋرگە قەدەر رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە ئۇ يەردە بار بولغان مەمۇرىيەتلەر ساقلىنىدۇ.
    ۋىلايەت ئىدارىلىرىدىكى ۋەزىپىلەرگە خىزمەتچىلەر ۋىلايەتلىك ۋەكىل (ۋالىي) تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
    ھەر بىر ناھىيىلىك كېڭەش ھەيئىتى تەشكىل بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قانۇنغا ئاساسەن ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئىتىنى سايلايدۇ. ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئىتى خەلقنىڭ رايى ھەم تەلىپى بويىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدۇ ھەم ياردەملىشىدۇ.
    ئاساسى قانۇن ئېلان قىلىنىپ ئومۇمىي - دائىمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش چارىلىرى 9 - ماددا بويىچە بەلگىلىنىدۇ.
    2. ھۆكۈمەت دىنىي سىقىشلارغا يول قويماي خەلققە، دىنغا تولۇق ئازادلىق بېرىدۇ.
    3. دۆلەت ئىدارىلىرىنىڭ، مەمۇرى ئىدارىلەرنىڭ ۋە سوت ئىدارىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى دۆلەت تىلى ۋە مۇسۇلمان تىللىرىدا تۈزۈلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان خەلق ھاجەتلىرى شۇ خەلقنىڭ ئۆز تىلىدا تۈزۈلۈشىگە ئىجازەت بېرىلىدۇ.
    4. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا بولىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپتە دۆلەت تىلى مەجبۇرى دەرس بولۇپ كىرىدۇ.
    5. ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي سەنئەتنىڭ ھۆرلۈك بىلەن تەرەققىي ئېتىشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
    6. ھۆكۈمەت مەتبۇئاتتا، مەجلىسلەردە، نۇتۇق سۆزلەردە ھۆرلۈككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    7. ھۆكۈمەت ھەقىقىي ئىشلەپچىقىرىش ئوبيېكتىنى ۋە خەلقنىڭ قۇۋۋىتىنى ھېسابقا ئېلىپ كۈچ - قۇۋۋىتىگە قاراپ خىراجەت بەلگىلەيدۇ.
    خەلقلەر ھۆكۈمەتكە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن بۇ ياردەمنى بېرىشنى لازىم، دەپ ھېسابلايدۇ. لېكىن ياردەمنىڭ مىقدارى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىگە دەخلى يەتكۈزمەيدىغان دەرىجىدە بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.
    8. ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە داخلى ۋە خارجى (چەت ئەل) سودا ھۆرلۈكى بېرىدۇ. لېكىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خارجى دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن سىرتقى سودا قائىدىلىرىگە سودىگەرلەر رىئايە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
    9. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىگىرمە بەش ئەزاغا قەدەر كۆپەيتىلىدۇ.
    يىگىرمە بەش ھۆكۈمەت ئەزاسى ئىچىدە مەركىزى ھۆكۈمەت ئون ئەزانى تەيىنلەيدۇ. قالغان ئون بەش ھۆكۈمەت ئەزاسىنى ھەر بىر ۋىلايەتتىن خەلق ۋەكىللىرى سايلايدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ئون ئەزا ئىچىگە:
    ھۆكۈمەت رەئىسى، باش كاتىپ، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ باشلىقى، مالىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى، جەمئىيەت ئىدارە باشلىقى، مائارىپ نازارىتى باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى، تەمىنات نازارىتى باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى، سەھىيە ئىدارە باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە ئىككى ھۆكۈمەت ئەزاسى كىرىدۇ.
    ھەر بىر ۋىلايەت خەلق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن سايلىنىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىدىغان ئون بەش ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئىچىگە:
    ئىككى ھۆكۈمەت رەئىس مۇئاۋىنى، ئىككى باش كاتىپ مۇئاۋىنى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىنى، مائارىپ نازىرى، تەمىرات ئىشلار نازىرى، سەھىيە ئىدارە باشلىقى، مالىيە نازىرىنىڭ مۇئاۋىنى، جەمئىيەت ئىشلىرى باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە بەش ھۆكۈمەت ئەزاسى كىرىدۇ.
    قالغىنى «قوشۇمچە» نىڭ بىرىنچىسىدە كۆرسىتىلدى.
    10. مىللىي ھەربىي قىسىملار تەشكىل قىلىنىدۇ.
    بۇ قىسىملارنىڭ تولدۇرۇلۇشى دائىرىۋى بەلگە بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەردىن بولۇشى شەرت. بۇ مىللىي قىسىملار ئىختىلالچى ھەربىي قىسىملارنى قايتىدىن دۆلەت ئەسكىرى تەرتىپىگە مۇۋاپىق قۇرۇش يولى تەشكىل قىلىنىدۇ.
    ئەسكەرلەرنى ئوقۇتۇش ۋە كوماندا بېرىش ئىشلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا بولىدۇ.
    بۇ قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ئۆز ۋەزىپە ۋە ئۇنۋانلىرىنى ساقلايدۇ ھەم ئۆز دەرىجىسىنى ساقلاپ تۇرۇپ، بەلگىلىك مۇددەتلەردە، ھەربىي مەكتەپلەرگە تەلىم - تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ. بۇ قىسىملارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەلىم - تەربىيە بېرىش ئۈچۈن كىشى ئەۋەتىپ تەلىم بېرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.
    مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرغۇچى ئەسكىرى قىسىملىرى مىللىي ھەربىي قىسىملار تۇرغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. مەركەزنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ھەم مىللىي ھەربىي قىسىملار ئۆز ئارا دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاشلىرى لازىم ھەم ئۆز ئارا بىر - بىرىگە ھېچقانداق دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرى قىلماسلىقى شەرت.
    بۇ ئەسكىرى قىسىملارنىڭ سانى، مىقدارى توغرىلىق، تۇرىدىغان ئورۇنلىرى ھەققىدە ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئايرىپ قوشۇمچە تۈزۈلۈپ ئىمزالانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    قالغىنى «قوشۇمچە» نىڭ ئىككىنچىسىدە كۆرسىتىلىدۇ.
    11. ھازىرقى ۋەقەگە ئالاقىدار ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەپسىگە ئېلىنغانلار مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە ئىككى تەرەپ باراۋەر ھەسسىدە بوشىتىدۇ ۋە كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەب بىلەن سىقىلماسلىقىنى ئىككىلا تەرەپ (گارانت) كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى: جاڭ جىجۇڭ
    خەلق ۋەكىللىرى: رەخىمجان سابىر ھاجى، ئۇبۇلخەيرى رابات، ئەخمەت قاسىمى
    جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
    1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
    ئۈرۈمچى شەھىرى
مەنبە :تۇرسۇن ئەرشىدىن  «نەزەر خۇجا ئابدۇسەمەت»

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 23:31
مەن ئۆتكەندە ئىزدەپ پەقەت تاپالمىغان ئىدىم.بەك ياخشى بولدى.

koksangun 2013-07-31 23:34
تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ كىتابىنى توردىن چۈشۈرۈۋالغان ئىدىم ، بۈگۈن ماتېرىياللىرىمنى كۆرۈۋېتىپ قايتا ئۇچرىتىپ[ قالدىم - دە ، بۇ يەرگە يوللىدىم .

tutya 2013-07-31 23:47
مەنمۇ ئىزدەپ تاپالمىغانتىم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 23:05
كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، 11بېتىم تارىخى ماتىرياللاردا بەكلا تولا ئۇچرايدۇ ، ئەمما مەزمونىنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەيمىز . داۋاملىق ئالغا ئۇستاز !!!


查看完整版本: [-- «11 ماددىلىق بېتىم» --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us