查看完整版本: [-- قىز قارچۇقى ___ يەر شارى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> قىز قارچۇقى ___ يەر شارى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-07-31 14:28
قىز قارچۇقى ___ يەر شارى

گۈل ئىچىدە جانان قىز ، گۈلنى سۆيەر چوككىدە ،
يۇلتۇزلاردىن تاراملاپ چۈشەر سۆيگۈ توككىدە .
قىز زىنىقى گۈل بىلەن ياسىلىدۇ بېھىشباغ ،
ئەتتىر پۇراپ ياشايمىز ،ھايات شۇڭا بۈككىدە .
قىز تىلىكى گۈل قىسار ، رەيھان ئاچار يۈزىنى ،
شېكەر تەملىك شەبنەملەر قىسار  شەھلا كۆزىنى .
سۈزۈك سەھەر نۇرىدا پارقىرىغان  يۈرەكلەر ،
غىدىقلانسا چىمەندە ،راھەت سېزەر ئۆزىنى .

گۈل ياپرىقى ئوقۇيدۇ  مۇشائىرە تارتىنىپ ،
ھەشقىپىچەك رىشاتكا يالىماقتا ئارتىلىپ .
جوخار، سەبدە ، قىزىلگۈل خېنە قويار قولىغا ،
چىغرتماققا كوتۇلدار مامىكاپلار چايقىلىپ .

قىز چېكىسى گۈل قىسار ، سۈزۈك بۇلاق بويىدا ،
گۈل چەمبىرەك ياسايدۇ مەختومسۇلا بوينىغا .
يىلتىزىمىز چىرماشسۇن ، چېچەكلەيلى بەسلىشىپ ،
ۋېنتمىزنى  تەڭشەيدۇ ھايات سېلىپ چويلىغا .
قىز زىنىقى _ ۋارىنا ، شېكىرى كۆپ سېلىنغان ،
قىز لەۋلىرى _ پەمىدۇر ، قىزىللىرى يېيىلغان .
قىز قارچۇقى _ يەر شارى ، چاپلىشىدۇ كىرپىككە ،
قىز سۈكىتى _ سوئالدۇر ، كۆپ چېكىتكە يېيىلغان .
بارغاق يازار گۈلشەنلەر  ھوجرىسىدا ئولتۇرۇپ ،
توي قىلىشنى خالىماي يىغلار زەينەپ  ئاھ ئۇرۇپ ،
شېرىن سۆھبەت قىيامى كۆمەچ بولغاچ ۋا دەرىخ ،
تاڭ سەھەرنىڭ  سائىتى ياش تۆكىدۇ داڭ ئۇرۇپ .

ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن




ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-31 16:52
ئىزچىللىقىڭىزغا  ھەقىقەتەن قايىلمەن،شئېرىڭىز بارغانسىرى ياخشى چىقۋاتىدۇ!

گۈلچىمەن 2013-07-31 22:12
     پىكىر كىلىش ئوسۇلىڭىز  ئۆزگىچىكەن.  قەلىمىڭىز  ھارمىغاي.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:19
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

gulhan 2013-08-01 18:18
تېمىسى نىمە دىگەن ئۆزگىچە ھە! مىسرالاردىكى ئوبرازلىق تىللارچو تىخى!

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 21:38
گۈل ياپرىقى ئوقۇيدۇ  مۇشائىرە تارتىنىپ ،
ھەشقىپىچەك رىشاتكا يالىماقتا ئارتىلىپ .
جوخار، سەبدە ، قىزىلگۈل خېنە قويار قولىغا ،
چىغرتماققا كوتۇلدار مامىكاپلار چايقىلىپ .

بەك ئېسىل چىقىپتۇ ، يەنىمۇ بەركەتلىك بولۇڭ ئابلەت مۇئەللىم !!!


查看完整版本: [-- قىز قارچۇقى ___ يەر شارى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us