查看完整版本: [-- بىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> بىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-07-31 07:42

بىز
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ < ئىز > نامىلىق شېئىرغا يانداشما
(  ئۇزۇن ۋاقىت كۆرىشەلمىگەن ساۋاقداشلار يىقىندا غۇلجىدا  يىغىلىش قىلماقچى بولدۇق . بۇ شېئىرنى ئەشۇ يىغىلىشقا  مەخسۇس ئاتاپ تەييارلىدىم . مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .)
 
ياش ئىدۇق ئالىي مەكتەپكە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز ،
مانا بۈگۈن مىنمەكتە ۋەلىسپىت ئوغلىمىز يا قىزىمىز  .
ئاز ئىدۇق ئوقوش سەپىرىگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز ،
ھە، مانا ،  چۈشتۇق سۈرەتكە، جۈپ بولۇپ  مەيداندا بىز  ،
ئاز دىمەڭ ،ئائىلىنىڭ غېمى ئۈچۈن تۆكتۇق بەدەل ،
قىش – ياز دىمەي ئىدارىدە ، قاتىردۇق چوڭ يولدا بىز .
ئانا تىل ئىشقى پىراقى بەرگەن ئىكەن بىر مېھىر ،
ساقلىدۇق ئەنئەنىنى ،چىن ياشاپ ئۆز قولدا بىز .
رەڭ بېرىپتۇ چېھرىمىزگە   ، چوتكىسىدا تۆت پەسىل ،
سېغىنىش رىشتى كۈچەيدى ، ھەر كۆرۈپ ئالبۇمنى بىز .
دوست – يارەن ، قان- قېرىنداشلارنىڭ ئۇزاتتۇق تاۋۇتىنى ،
ھەر سەھەر بامدات ئارا بەخت تىلەشتۇق سىزگە  بىز .
شۇ يىلى يامغۇر تۆكۈلگەن، ئېيتقان چاغدا < ئايرىلىش >
بەك يىراق ئۇچۇپ  كېتىپتۇق ، تەڭكەش قىلىپ  كۈيگە بىز ،
كۆز جىيەكلەر قىزارغاندا ماشىنىدىن قارىدۇق ،
مەختومسۇلا چاچ تارىغان ، سايرام دىگەن كۆلگە بىز .
مەشئىلى يانغاچ يېلىنجاپ دىلىمىزدا مەرىپەت ،
مېھرىمىزدىن زەم –زەم قۇيۇپتۇق مىڭلىغان ھەر گۈلگە بىز .
مۇنبەردە  قولتۇق  يىرىتلدى ، مىللىتىم پەخرى ئۈچۈن ،
يۈز ئۈچۈن گۈلگۈن ياشاپتۇق ، ياش تۆكۈپ  ھەر نۆلگە بىز .
تەڭشەلمىگەن ئىش ھەققىگە سۈكۈتلەرنى قىپ ساداق ،
ئېرىنمەي ئىمزا قويۇپتۇق ئىگىز –پەسكە، تۈزگە بىز .
تۆت قۇلاق بوپ نەۋ باھاردا ، چېچەكلىسەك ياز ئۈچۈن ،
خۇشپۇراق چېچىپ قوغۇندەك ، يېرىلىمىز كۈزدە بىز .
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ، دىدارلىشىش غەنىيمەت ،
كۆكسىمىزدىن ئورۇن بېرەيلى < ئەسسالام> دەك سۆزگە بىز .
بىر ئىزگۈ ئالى ماكانغا باش قوشايلى جەم بولۇپ .
زار ئىدۇق ، چاڭقاق ئىدۇق   ئىدۇق ، شۇنچە يىل  بۇ كۈنگە بىز .
 
 
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
 
 
 

uzqak 2013-07-31 11:19
ياش ئىدۇق ئالىي مەكتەپكە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
  مانايۈرەك پارىلەر  ھەم  قىرانلىققا سالدى ئىز.

يىغىلىشىڭلارغا خۇشاللىق ۋەئەھمىيەتلىك ئەسلىمىلەر تىلەيمەن.
بۇ شېئىر ئوقۇغۇچىلىق ئەسلىملەر قوينىغا باشلاپ كەتتى دىسە!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-31 16:54
ياخشى يېزىپسىز!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:39
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز،يىغىلىشتا بىر ئوقۇسىڭىز ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سېغىنىش ياشلىرىنى تۆكۈپ كېتىشى مۇمكىن.

شىىرئەلى 2013-08-06 14:36
ياش ئىدۇق ئالىي مەكتەپكە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
  مانايۈرەك پارىلەر  ھەم  قىرانلىققا سالدى ئىز.    
   بۇمىسرا بەك ياخشى چىقىپتۇ.     

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 21:32
يەنىمۇ بەركەتلىك بولۇڭ ئابلەت مۇئەللىم !!!

ozqan 2013-08-13 22:55
ناھايىتى  ياخشى چىقىپتۇ ،  بەكمۇ ياقتۇردۇم ...

ماۋۇ جاينى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىزكەن دەيمەن :

مۇنبەردە  قولتۇق  يىرتىلدى ، دېگەننى

مۇنبەردە مېھىر تۆكۈلدى ،
مۇنبەردە گۈللەر ئېچىلدى،
مۇنبەردە  چېقىن چېقىلدى ،
مۇنبەردە  چىراق يېقىلدى ،

دېگەنلەردەك ياكى باشقا خىل قىلىپ ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز ...

ablatmuhamma 2013-08-29 12:46
ئەلىۋەتتە ئۆزەگەرتىمەن ، چۈنكى كۆپنىڭ باھاسى ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشىرىدۇ . كۆپەرەك تەلەم بېرىشىڭلارغا موھتاجمەن . بۇندىن كىيىن كۆپەرەك تەلەم بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن

مەرىپەت0999 2013-09-11 17:26
يىغىلىشىڭلار قۇتلۇق بولغاي!!غۇلجا دېگەن ياخشى جاي.كەلگەندە مۇنبەرداشلارغا خەۋەر قىلىپ قويسىڭىزمۇ ئالدىڭىزغا چىقىمىز.


查看完整版本: [-- بىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us