‹‹ تەخسىكەش ››
سېپىل ئەمەس تاغدىنمۇ ئاتلايدىغان تەخسىكەش، تىرىسىگە ئۆزنىڭكى پاتمايدىغان تەخسىكەش، تار كوچىدا تۇلكىدەك قاترايدىغان تەخسىكەش، نەپ ئالدىدا ئانانىسنى ياتلايدىغان تەخسىكەش،
رىستۇراننى قاۋاقنى يوقلايدىغان تەخسىكەش، بىكار بەرسە زەھەرنى ئوتلايدىغان تەخسىكەش، بىر چاممىدا بىر پاختەك، سوقمايدىغان تەخسىكەش، سۈتنى ئاياپ ئەمچەكنى پوقلايدىغان تەخسىكەش،
ئۆز ئۆيۈدە سۇ ئىچسە يۆتۈلىدىغان تەخسىكەش، ئالدىگەندە تاغنىمۇ كۆتىرىدىغان تەخسىكەش، پۈدەپ تۇرۇپ چوغنىمۇ يۈتىدىغان تەخسىكەش، غەلىمەتنى-پۇرسەتنى كۈتىدىغان تەخسىكەش،
بۇرۇچىنى ئۆزنىڭكى بىلمەيدىغان تەخسىكەش، پۇخرا كەلسەڭ ئۆيىگە كۈلمەيدىغان تەخسىكەش، سۆيەي دىسەڭ ۋەتەننى كۈنلەيدىغان تەخسىكەش، يەرلىپ كەتكەن دۇمباقتەك ئۈللەيدىغان تەخسىكەش،
قاۋاقلاردا قىز-چوكان قۇشلايدىغان تەخسىكەش، تۇمۇشقىنى يۇۋاشقا ئۇشلايدىغان تەخسىكەش، بۈلۈپ قالسا سىرىمنى قارىپ قۇيۇپ نۇمۇسنى، توسۇۋېلىپ كوچىدا مۇشلايدىغان تەخسىكەش،
نەپسىڭ يامان بولمىسا ئىچەرمىدىڭ زەھەرنى، كاللاڭ قۇرۇق بولمىسا قىلتىڭ،خىزمەت قەدرىنى، پەچ-كىسىگە يەم بولدۇڭ خاتا مېڭىپ گەردىنى، ۋىژدانىنى قۇرتيىگەن كوڭلى قارا تەخسىكەش، ئاپتۇرى ئازات 2010-يىل يېڭسار سۆگەت
|