查看完整版本: [-- داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-07-31 00:10
داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى
 
 
پەسىل سۆزلەر دېھقان تىلىدا ،
دۇئا كۈتۈپ ياتار ئېتىزلار .
رۇسلىغاچقا قەددىنى كەتمەن ،
نەقىش ئويار كەچكۈزگە ئىزلار .
 
مەۋھۇم دۇنيا دىمەكتە راھەت ،
يىشىل ھايات _ يۇمشاق ئېتىزلىق ،
خاماندىكى كۇسۇر ئاۋازلار  ،
بىلىنىدۇ چۆچەكتەك  قىززىق .
 
ئەركىن نەپەس بوشلىقى سەھرا ،
بوشىتىدۇ ئىچىڭنى چىمەن .
ئاپتاپ ئىچىپ ياشار نەۋرىلەر ،
چال – كەمپىرلەر نىمانچە تېمەن ؟
 
ئېقىپ چىققان تۇرمۇش بېسىمى ،
قۇچاقلايدۇ يايلاق ئۆيىنى .
سۇنايلىنىپ ياتقاندا ۋاقىت ،
زىمىن تىڭشار تەمبۈر كۈيىنى .
 
 
باھار ئاچسا زىمىن كۆزىنى ،
ياز ياشنىتار  ھايات ئىزىنى .
ئالتۇن رەڭدە ئىجىقلىسا كۈز ،
قىش كېپەنلەپ قويار ئېتىزنى ،
 
ئەركە شاھلار دۇنيا ياسغان ،
ئەجەل بىرلە سۇندى قىلىچى .
سۈكۈتلەردە غەليان قىلمىغان ،
پەسىللەرلا ئەڭ ئۇلۇغ كۈيچى .
 
 
قىسقىرايدۇ ۋاقىت قۇيرىقى ،
بارمىقىنى چىشلەيدۇ سەبىر .
سەلتەنەتلىك ياز ئىمپىريەسى،
دائىم قىلار  قۇياشقا ئەمىر .
 
قەلئەلىرى ھامان چۆلدەرەر ،
داتلىشىدۇ شاھلار خەنجىرى .
ئۈمۈدلەرنى قىلغاچقا مارجان ،
داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى .
 
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
 

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-31 16:58
بەك  ياخشى يېزىپسىز  بەكمۇياقتۇردۇم     

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:44
نادىر لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،ئىلھاملىرىڭىز دائىم جۇش ئۇرۇپ تۇرسۇن،قەلىمڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-08-07 21:19
باھار ئاچسا زىمىن كۆزىنى ،
ياز ياشنىتار  ھايات ئىزىنى .
ئالتۇن رەڭدە ئىجىقلىسا كۈز ،
قىش كېپەنلەپ قويار ئېتىزنى ،



ئەركە شاھلار دۇنيا ياسغان ،
ئەجەل بىرلە سۇندى قىلىچى .
سۈكۈتلەردە غەليان قىلمىغان ،
پەسىللەرلا ئەڭ ئۇلۇغ كۈيچى .

ئېسىل مىسرالىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم ئابلەت مۇئەللىم ، ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن !!!

koksangun 2013-08-21 22:39
ئېسىل مىسرالىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم ، ئابلەت مۇئەللىم ، ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن .


查看完整版本: [-- داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us