查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شىىرئەلى 2013-07-30 21:44
ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى
ئۇيغۇر تىلى ـــئۇزاق تارىخقا ئىگە،تەرەققىي قىلغان قەدىمىي تىللارنىڭ بىرى.ئۇيغۇر تىلى پەيدا بولغاندىن باشلاپ بۈگۈنكى دەۋرگىچە ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىللار جەريانىدا قەدىمىي تۈركىي تىللار ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان،بېيىغان،مۇكەممەللەشكەن.
ئۇيغۇر تىلى پەيدا بولغان نەچچە مىڭ يىلللاردىن بويان،ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ،ھەر جەھەتتىن بېيىپ،تاكامۇللىشىپ،ئىلمىيلىشىپ،بۈگۈنكى دەۋىرگە يېتىپ كەلدى.
بۈگۈنكى دەۋىر  ئۇيغۇر تىلى تەرەققىي قىلىپ بېيىغان،ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك،قائىدە-قانۇنىيەتلىرى مۇكەممەل تىللاردىن ھېسابلىنىدۇ.ھەزىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەملىكەت ئىچى ۋە سەرتىدىكى،بۈگۈنكى ياكى قەدىمكى دەۋرلەردىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ياكى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى،ئىلمىي-نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى ئەڭ نازۇك،ئىنچىكە،مۇرەككەپ،چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى گۈزەل تىل ۋاستىسى بىلەن بىمالال ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان،ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان نەپىس،باي تىلغا ئايلىنىپ،تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان،ئالدىنقى قاتاردىكى باي تىللارنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەندى.
ئۇيغۇرلار  يېزىق تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن،ئۆز تارىخىدا يۆپ خىل يېزېقلارنى قوللانغان خەلقتۇر.
مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇر لارنىڭ يېزىق تارىخى 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.‹‹شىنجاڭدىن تېپىلغان ھەرخىل تىل يېزىقتىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى 22 خىلغا،يېزىق تۈرى 20 خىلغا يېتىدۇ.بۇ يېزىقلارنىڭ توققۇز تۈرى تارىختا ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلگەن.بۇ يېزىقلارنىڭ ئىچىدە قوللىنىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئورتاق قوللىنىلغان، تەسىرى چوڭراق،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پارلاق مەدەنىيەت تارىخىنى يارتىش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.سوغدى يېزىقى(Ⅳ-Ⅴئەسىرلەردە قوللىنىلغان)
2.ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقى(Ⅳ-Ⅷئەسەرگىچە قوللىنىلغان)
3.قەدىمكى ئۇيغۇر  يېزىقى(Ⅷ-ⅩⅤئەسىرگىچە قوللىنىلغان)
4.ئەرەپ ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى(Ⅹ-ⅩⅢئەسىرگىچە قوللىنىلغان)
5.چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى(ⅩⅢ-ⅩⅩئەسىرنىڭ30-يىللىرىغىچە قوللىنىلغان)
6.لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى(1965-1984)
7.ھازەرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى(1950-يىللىرىدىن يېيىنكى ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەپ يېزىقى ئاسا سىدىكى ھازىر قوللىنىلىۋاتقان يېزىق)
مەنبە:ئۇيغۇر تىلى(ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن ئومۇمىي تەكرا(

uzqak 2013-07-31 15:05
يولانمىڭىزغا رەخمەت! خۇلاسلەش خارەكتىرلىك ياخشى پايدىلانما ئىكەن .داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-31 16:54
يوللانمڭىزغاكۆپ رەھمەت!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:46
يوللانمىڭىزغا رەخمەت.

akkax 2013-08-04 22:41
  ئاۋۋال ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
  بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىشلەتكەن تىللارنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ تولۇق بولاتتىكەن.
  ئۇيغۇر تىلى دەرسىدىلا ئەمەس، تولۇق ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ  بۇ يېزىق ( ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇلىشى بېرىلگەچكە بۇ قىيىنچىلىق ھېسابلانمايدۇ )  ۋە تىللار ( كلاسسىك شېئىىرلارنى ئۆتكەندە ) نىڭ ئوقۇتۇشتىكى  قىيىنچىلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
پايدىلىنىش قىممىتى زور تېما يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن داۋامىغا ھەم كۈچ چىقىرىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-08-05 15:52
ئاققاش مۇئەللىم توغرا ئېيتىدۇ !!!


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us