查看完整版本: [-- بىر  قىسىم  سۆزلەرنىڭ  مەنىلېرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> بىئولوگىيە -> بىر  قىسىم  سۆزلەرنىڭ  مەنىلېرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلچىمەن 2013-07-30 16:52
     داموللام  _   <1>دىنىي  دەرىجە  نامى <2>  دە   پارسچىدىكى « دەھ » (ئون)نىڭ ئۆزگىرىشى
  بولۇپ، «موللا» بىلەن  قوشقاندا  «ئون يىللىق دىنىي  ئىلىم تەربىيىسى ئالغان  كىشى» دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
   سارت     _   سانسىكىرتچە   سۆز  بولۇپ  « سودىگەر» دىگەن  مەنىنى  بىلدۈرىدۇ.
   ۋەھشىي  _   ئەرەپچە  سۆز  بولۇپ  «ياۋايى ، سەھرايى  چۆلدە  تۇرغۇچى »  دىگەن  مەنىدە.
   ئىنقىراز   _  ئەرەپچە  سوز  بولۇپ « تۈگەشمەك ، يوقالماق، مۇنقەرز  بولماق» دىگەن مەنىدە.
  مەتلۇب   _  ئەرەپچە  سۆز  بولۇپ « تەلەپ  قىلغان نەرسە ، كۈتۈلگەن نەرسە ، ئىستەلگەن نەرسە ،
                 سورالغان نەرسە ، ئىزدەنگەن  نەرسە، ئارزۇ  قىلىنغان  نەرسە» دىگەن  مەنىدە.
  ئېلىپبە   _  ئەرەپچە  سۆز  بولۇپ، « ا» ۋە « ب» نىڭ  بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ  « ئىشنىڭ  باشلىنىشى ،
                 مۇقەددىمىسى»دىگەن  مەنىنى  بىلدۈرىدۇ.
  ئىنتىرناتسىئونالىزىم _  دۇنياۋى  رىشتە  دىگەن  مەنىنى  بىلدۈرىدۇ.
  
                

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-30 16:55
ياخشى بىلىمكەن!داۋاملىق يوللاپ  تۇرارسىز!

ئايبىكە 2013-07-30 17:52
قايسى تىلدىن كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بەك ياخشى قىلدىڭىز.

kaqur 2013-07-30 17:58
قازاقلارنىڭ بىزنى "سارت" دېيىشىنىڭ مۇشۇ خىل مەنە بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ

kaqur 2013-07-30 18:11
ئىنتىرناتسىئونالىزىم - سۆز تەۋەلىكى رۇسچە.
                يەشمىسى: ماركسىزمنىڭ خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپلىرىدىن بىرى.

گۈلچىمەن 2013-07-30 19:11
    دىگىنىڭىزچە  بولىدۇ. رەھمەت  مەدەت  بەرگىنىڭىزگە.

گۈلچىمەن 2013-07-30 19:25
     قازاقلار  بۇ  مەنىدە  ئىشلىتەمدۇ  ئېنىق  ئەمەس. بۇ  سۆزنىڭ  مەنىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىدىغان  قازاقنىڭ سەۋىيىسىگە  باغلىق.
    

گۈلچىمەن 2013-07-30 19:28
   سۆزنىڭ  يەشمىسىنى  تولۇقلاپ  قويغىنىڭىزغا  كۆپ  رەخمەت.

gulhan 2013-07-30 19:37
مۇنبەرگە سۇنغان گۈلىڭىزگە رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2013-07-30 20:20
ياخشى بىلىملەر ئىكەن كۆپ رەھمەت !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 23:04
ياخشى بىلىملەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.


查看完整版本: [-- بىر  قىسىم  سۆزلەرنىڭ  مەنىلېرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us