ئەنۋەرچەرچەن |
2013-07-30 12:21 |
ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ،گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى (مۇھاكىمە ماقالىسى) بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئەلمىساقتىن تارتىپ كەڭ قۇرساقلىق ،كۆيۈمچانلىق ،ئاق كۆڭۈللۈك،ئالىيجاناپلىق...لارغا ئوخشاش ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىگە بىر خىل ئېسىل پەزىلەت قاتارىدا قاراپ كەلگەن.ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ قېلىشى بۇ بىر ھەقىقەت.بىز ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ ئەنئەنە ،ئۆرۈپ –ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرقىسمىنى قوبۇل قىلىپ ۋارىسلىق قىلغان بولساقمۇ،لېكىن يەنە بىر قىسىم ئېسىل مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلماي،ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىۋاتىمىز ۋە ياكى ۋارىسلىق قىلىشتىن يالتىيىۋاتىمىز.بىز مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلساق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شۇ ئېسىل ئۆرۈپ-ئادەتلىرى يوقۇلۇپ كەتمەمدۇ؟ جەمئىيەت كۈنسىرى تەرەققى قىلماقتا،بولۇپمۇ ئىنسانلار 21-ئەسىردىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر رىقابەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ئېسىل ئۆرۈپ –ئادەتلىرىمىزدىكى ئەدەپ-ئەخلاق،ئالىيجاناپلىق قاتارلىق ئۆرۈپ-ئادەتلەر بىر چەتتە «بويۇن قىسىپ» قالماقتا.جەمىئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئۆرۈپ-ئادەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا قارىمۇ-قارشى نەرسىگە ئايلىنىپ قالماقتا.«ئەخلاق ئادەم زىننىتى كۆپتۇر ئۇنىڭ ھىممىتى»قاتارلىق ماقال-تەمسىللەر ئىنتايىن كۆپ،بۇ سۆزلەر ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان.ئەدەپ-ئەخلاق ھەقىقىي بىر ئادەم ئۈچۈن بىر زىننەت،گۈزەللىك بېغىشلىغۇچىدۇر.لېكىن جەمىئيىتىمىزدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئەدەپ-ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئادەتتىكى ئوقۇمنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى قانچىلىك؟جۈملىدىن ھازىرقى زاماندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۇبنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى،تونۇشى قانچىلىك؟بۇ سۇئاللار بىزنىڭ بىر جەمئىيەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مېنىڭچە ئەدەپ-ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇم ئاتا-ئانىنى،چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش دىگەنلەردىن ئىبارەت كىچىككىنە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماستىن،بەلكى ئوقۇتقۇچى،ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش،قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش ،جامائەت ئەخلاقىغا ،ئاممىۋى ئەخلاققا رىئايە قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.لېكىن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھازىرقى زاماندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەدەپ-ئەىلاق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. ئىناق ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى ئانا مەكتىۋى.ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى،تەربىيىچىسى،غەمگۈزارى.مەكتەپلەر بولسا ئىككىنچى مەكتىۋى.ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بولسا بالىلارنىڭ ئىككىنچى ئۇستازى.بالىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئەڭ ئاۋال ئائىلە تەربىيىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولىدۇ.«سۇنىڭ بېشى لاي بولسا،ئاخىرىمۇ لاي بولىدۇ»دىگەندەك تۇنجى قەدەمدە ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولسا بالا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ،ئەگەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا بالا ئەخلاقسىز يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. مەكتەپ بولسا بىلىمسىزگە بىلىم ھىكمەت ئۆگىتىدىغان ،ئەخلاقسىزنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان بىر ياخشى سورۇن،شۇنداق بولسىمۇ لېكىن مەكتەپلەردە ئەخلاقسىزلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ گۈزەل مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەكتە.ھازىر مەكتىۋىمىزدە ھەرخىل ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە.بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇتقۇچىدىن بالىلار تەپ تارتاتتى،لېكىن ھازىر ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ تاكاللىشىدىغان،ھەتتا ئۇرۇشىدىغان،ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان،مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە –تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلماي ھاراق ئىچىدىغان،تاماكا چىكىدىغان ئەخلاققا يات بولغان،جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمىگە خىلاپ بولغان قىلمىشلارنى قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.بەزى بىر قىسىم ئوغۇللارنىڭ «مودا»قوغلۇشۇپ قۇلاقلىرىغا ھالقا،پۇت-قولىغا زەنجىر ،بارماقلىرىغا ئۈزۈك سېلىۋېلىشلىرى،پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ تىزىنى ئويۇۋېتىپ ،خېنىملەرچە چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋېلىپ ،يا قىز ،يا ئوغۇللۇقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغانلىرىمۇ يوق ئەمەس،ئەلۋەتتە. ئوقۇتقۇچى مىننەتسىز بىر ئۇلۇغ ئىنسان،ئۇ مەكتەپتە كىمنىڭ بالىسى بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىگە ئوخشاش، باراۋەر تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.تېنىچ مۇھىت بىلەن ،ئۇرۇش-جىدەللىك ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولغان مۇھىتنىڭ قايسىسىنىڭ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە باپ كېلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.تېنىچ خاتىرجەم ئۆگىنىش مۇھىتى بولغاندىلا ،ئاندىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگىلى بولىدۇ.ئەخلاقسىزلىق پەندىمۇ،دىندىمۇ يامان ئىللەتتۇر.ئاتا-ئانىمىز بىزگە چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرىسىغا ئۆتمەسلىك ،ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرماسلىق كېرەك دەپ تەلىم بېرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇلاربىڭ ھەممىسى بىزنى ئەخلاقلىق ئادەم بولسۇن دىگەننىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەخلاقلىق ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىش ئەمەلىيەتتە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلار بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ تۈپكى كاپالىتى.ئۇنداقتا گۈزەل مەكتەپ قانداق بولىشى كېرەك؟ مېنىڭچە گۈزەل مەكتەپ بولىشى ئۈچۈن ،بىرىنچىدىن ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق ،ئىنتىزامچان ،تىرىشچان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار بولىشى كېرەك.ئىككىنچىدىن، تېنىچ-خاتىرجەم مۇھىت بولىشى ،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەرخىل بولغان بولىشى كېرەك.مۇشۇ مەزمۇنلار ئىچىدە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ،ئىنتىزامچان ،تىرىشچان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولىشى ئىنتايىن مۇھىم ھېساپلىنىدۇ.ئەگەر ئوقۇغۇچى ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولمىسا مەكتەپنىڭ تۈزۈم-قائىدىلىرىگە بويسۇنمىسا،مەكتەپنىڭ تېنىچلىقىغا،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە تەسىر ى بولىدۇ. ئەخلاقلىق ،ئىنتىزامچان ،تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش گۈزەل مەكتەپ بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.مەكتەپ بولسا بىلىم بولىقى .مەكتەپلەردە پەننىي بىلىملەر ئۆگىتىلگەندىن باشقا ،ئوقۇغۇچىلاردا توغرا رىقابەت ئېڭى،توغرا تۇرمۇش قارىشى،گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرىدۇ.شۇڭا بىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ تۈرلۇك قائىدە –تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەرگەن ئىدىيە-ئەىلاق تەربىيىلىرىنى ياخشى قوبۇل قىلىپ،ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتتىن تەڭ تەرەققى قىلغان سوتسىيالىزىمنىڭ غايىلىك ،ئەخلاقلىق،ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
|
|