ۋاقىت بىزنى قىلمىسۇن تالاق
ئۇخلىمايدۇ شائىر پاشىلار ، كومۇتىلار قويار كونسېرىت . سەت چىۋىنلەر يازار تەزكىرە ، ئەۋلادىغا قالدۇرار جىلىد .
تاقالماقتا كېچە چىگرىسى ، پەرۋانىلەر ياسار پاسپورت. سوپۇن قىلىپ مەھەللىلەرنى ، سەھەر نۇردا ئالىدۇ بۇرۇت .
ناشتىلىققا ئوت يېقىپ قويۇپ ، قۇچقاچ نوقۇر بالىلىرىنى ، سۈت سېغىنغان قايماقچى سەھرا ، مۆرەتمەكتە كالىلىرىنى .
بۇلۇتلارنى بىلىپ پەرىزات ، ئىس تولغۇنۇپ بولماقتا دىۋە . تۈلكە ياسار ئايەملىك قۇيماق ، جاڭگاللارنى تۇغماقتا بۆرە .
ئىت توقۇيدۇ جەڭنامىلەرنى ، كوتۇلدايدۇ خوراز كاتەكتە . ھاياتىغا قىلسا تەۋۋەككۈل ، مىكىيانلار چىقىدۇ چەكتە .
سۈمۈرمەكتە سەھەنى ئۆردەك ، غاز قىلىدۇ كاتەكنى ئاۋات . سىيىر يىغار ئوقۇردىن پەتنۇس ، ئوماق موزاي يالايدۇ ناۋات .
گۈلدۈرماما ساغلىق ئاۋازى ، چۆچىمەكتە چۈشىدىن قوزا . ئىپتارلىماي قويار جامائەت ، ئۆي ئىگىسى تۇتمىسا روزا .
ئاسمانلارنى ساقلاپ دەرەخلەر ، ياپرىقىدا سۈرىتەر تەرنى . بوياق ياساپ غەزەللىرىدىن ، بۇلبۇل سىزار سۈزۈك سەھەرنى .
بايرىقىنى قاداپ سەھەرگە ، بۆدۈنىلەر دەيدۇ ۋىت –ۋالاق . پەرھىزلەرنى قىلايلى ئادا ، ۋاقىت بىزنى قىلمىسۇن تالاق .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن |