查看完整版本: [-- شىېئىر دىن ھوزۇر ئىلىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> شىېئىر دىن ھوزۇر ئىلىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شىىرئەلى 2013-07-29 22:03
يۈرمەكتىمەن
دەرد-ئەلەم سەھراسىدا يۈرمەكتىمەن
كۆز يىشىم دەريا سىدا ئۈزمەكتىمەن
ۋاھ...ئەجەپ جەبرۇ مالامەت ئىلكىدە
ئىككى يڭغلاپ بىر كۈلۈپ ئۆتمەكتىمەن
بۇ زېمىننى باستى قاپقارا بۇلۇت
زۇلمىتى خۈلخانىدا كۆيمەكتىمەن
شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى قىلدى خاراپ
ھەر دەقىق ئونمىڭ قىتىم ئۆلمەكتىمەن
ھەق جامالىنى كۆرەلمەي بىر قىتىم
ئەرتە-كەچ شېرىن خىيال سۈرمەكتىمەن
تا..ئەزەلدىن تەلىيىم كاجمۇ مىنىڭ
يۈن ۋە ئاي،يولتۇزلىرىدىن سورىماقتىمەن
پاتتى زورلۇق جان-جېنىمغا بىھېساپ
غەزىپىمدە مۇشتۇمۇم تۈرمەكتىمەن
تۇر،ئەي دادىل،بولما ھەرگىز نا ئۈمۈت
تەڭلىك،بەخىت نۇرىنى كۈتمىكتىمەن

ئايبىكە 2013-07-30 10:11
كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم.ئۆزگىچە ھوزور ئاتا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 12:02
لىرىكىلىرىڭىزدىن زور ھوزۇر ئالدىم.رەخمەت.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-30 17:07
مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ قېرىندىشىم .

كىچىككىنە تەكلىپ :ئىملاسىنى قايتا بىركۆرۈپ باققان بولسىڭىز !     

شىىرئەلى 2013-07-30 21:50
ئەسكەرىت كىنىڭىزگە رەھمەت......


查看完整版本: [-- شىېئىر دىن ھوزۇر ئىلىڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us