查看完整版本: [-- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روبائىيلىرىدىن تاللانما(لىللا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تاللانغان شىئىرلار -> ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روبائىيلىرىدىن تاللانما(لىللا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

لىللا 2013-07-29 20:53
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روبائىيلىرىدىن تاللانما
阿布都热依木•吾提库尔柔巴依选
狄力木拉提•泰来提   译
خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: دىلمۇرات تەلئەت
(1)
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقۇچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە ،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
(2)
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
قەلبىڭدە گەر بولسا تېرىقچە رىيا.
(3)
ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،
ۋىژدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
(4)
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك ،
چېچەكسىز پېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى ــ
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
(5)
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن .
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىژدان شارابىن
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

مەنبە: ‹‹ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

لاچىن 2013-07-30 07:01




                                 

ئايبىكە 2013-07-30 10:13
دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ۋە يېزىقچىلىق مەشقى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار يازما ئىكەن.ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.

ئەكبەرنىياز 2013-07-30 14:33
مەرھۇم شائىرىمىزنىڭ شىئېرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 14:43
مەرھۇم يازغۇچى،شائىرىمىزنىڭ نادىر لىرىكىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-30 17:12
خەنزوچىسىنىمۇ قۇشۇپلا يوللىۋەتمەي!     


查看完整版本: [-- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روبائىيلىرىدىن تاللانما(لىللا) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us