查看完整版本: [-- قۇيغان سۇغا ئوت كېتىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> قۇيغان سۇغا ئوت كېتىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-29 14:43
[sell=100,money]                                قۇيغان سۇغا ئوت كېتىش(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك)


مەقسەت:كالىينىڭ ئاكتىپ مېتال ئىكەنلىكىنى،ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدىمۇ سۇ بىلەن شىددەتلىك رېئاكسىيىلىشىپ ھىدروگىن گازىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش.
ئويۇن كۆرسىتىش:
ئىككى قىزچاق مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن سەھنىگە چىقىدۇ.ئۇلاردىن بىرى ھەرخىل رەڭدىكى بىر تەشتەك قەغەز گۈلنى سەھنە مەركىزىدە قويىدۇ،يەنە بىرى سۇ چاچىدىغان چەينەكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ تەشتەككە سۇ قۇيىدۇ.
شۇ ھامان تەشتەككە تۇيۇقسىز ئوت كېتىدۇ،ھەتتا ئوت كۆيگەنسېرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
چۈشەندۈرۈش:
تەشتەك ئىچىدىكى توپا ئۈستىگە يېرىم سۇڭ قېلىنلىقتا قۇم يېيىتىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىگە شاپتۇل ئۇرۇقچىسىچىلىك 4-5تال كالىتسىي كاربىد كۆمۈلگەن.ئۇنىڭ يېنىغا كۆك پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى 2-3تال كالىي قۇيۇلغان.سۇنى چاچقاندىن كېيىن كالىي سۇ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ،ھىدروگىن ھاسىل قىلىدۇ.كالىتسىي كابىد سۇ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ،ئاتسېتلىن ھاسىل قىلىدۇ،ھەم كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۇ كۆيۈشچان گازلار ئوت ئېلىپ كۆيىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
(1)تەشتەك ئىچىدىكى قۇم چوقۇم قۇرۇق بولىشى كېرەك.
(2)سۇ چاچقاندا تەشتەككە بەك يېقىن كەلمەسلىك كېرەك.
(3)كالىينى ساقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.


مەنبە:«خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ئەكبەرنىياز 2013-07-29 23:44
ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن . ئەنۋەر مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت !!!

ئايبىكە 2013-07-30 10:01
كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 11:54
سىناپ باققۇچىلار چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاقىۋىتىگە مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ.

گۈلچىمەن 2013-07-30 15:28
سېتىۋالمايمۇ  كۆرگىلى  بولامدۇ؟

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-30 17:19
نەقىل
引用第4楼گۈلچىمەن于2013-07-30 15:28发表的  :
سېتىۋالمايمۇ  كۆرگىلى  بولامدۇ؟



سېتۋىلىپ بوپسىزغۇ!

گۈلچىمەن 2013-07-30 20:02
كۆرەلمەي  ئىلاجىسىز سېتىۋالدىم.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:56
بىرەر تېمىنى سېتىۋېلىش ئىلاجىسىزلىقتىنمۇ بولۇپ كەتمەس.

شىىرئەلى 2013-08-08 20:55
مىنىڭمۇ بىر سىناپ باققۇم كىلى ۋاتىدۇ   


查看完整版本: [-- قۇيغان سۇغا ئوت كېتىش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us