查看完整版本: [-- تاۋۇز چىراق(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> تاۋۇز چىراق(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-29 14:22
                                             تاۋۇز چىراق


مەقسەت:ئاتسېتىلىننى ئېلىش قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ كۆيۈشچان ماددا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش.
ئويۇن كۆرسىتىش:
ئىككى ئۆسمۈر ھەربىرى بىردىن تاۋۇز ۋە بىردىن پىچاقنى سەھنىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويىدۇ.سېھىرىگەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ،تاۋۇزنىڭ ساپىقى تەرەپكە پىچاق سېلىپ،كونۇس  شەكلىدە بىرپارچە تاۋۇز ئويۇپ ئېلىپ،يېنىدا تۇرغان ئۆسمۈرگە راست-يالغانلىقىنى  ئايرىپ بېقىشقا سۇنىدۇ.ئۆسمۈرتاۋۇزنى يەپ بولۇپ،شاپىقنى سېھرگەرگەقايتۇرۇپ بېرىدۇ .سېھېرگەر30سانتېمىتېرئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچلۇق ئەينەك نەيچىنى   يۇمۇلاق شاپاقنىڭ ئوتتۇرىسىغاسانجىپ،ئۇنى گازئۆتكۈزگۈچ قىلىدۇ.ئارقىدىنلا  يانچۇقىدىن ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى كۈلرەڭ تاشنى ئۈستەل ئۈستىگە تاشلايدۇ.كۆپچىلىك ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.سېھرىگەر تاشنى قولىغا ئېلىپ،ئۇنىڭ تاۋۇزنىڭ ئويۇلغان جايىغا قۇيىدۇ ھەمدە ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن گاز ئۆتكۈزگۈچ نەيچە بېكىتىلگەن شاپاقنى تاۋۇزنىڭ ئويۇلغان يېرىگە قۇيىدۇ.سول قولى بىلەن تاۋۇزنى تۇتۇپ،ئوڭ قولىدا شاپاقنى چىڭ باسىدۇ.شۇ ۋاقىتتا بىر ئۆسمۈر تېزلىك بىلەن سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ،گاز ئۆتكۈزگۈچ نەيچىنىڭ ئۇچىغا ئوت ياقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆزنى چاقنىتىدىغان ،قويۇق قارا ئىسى بولغان يالقۇن پەيدا بولىدۇ.ئۆسمۈر كۈلگەن پېتى نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋۇز چىراقنى كۆتىرىپ سەھنىنى ئايلىنىدۇ.يەنە بىر ئۆسمۈر تاۋۇز چىراقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ پۈۋلەيدۇ،لېكىن چىراقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرەلمەي،-ياخشى ئىكەن،دەپ خوشلۇقىدىن چاۋاك چېلىپ كېتىدۇ.
چۈشىەندۈرۈش:
سېھرىگرنىڭ تاۋۇز ئىچىگە سالغىنى تاش بولماستىن ،بەلكى كالىتسىي كاربىد بولۇپ،ئۇ تاۋۇزدىكى سۇ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ،كۆيۈشچان گاز ئاتسېتلىننى ھاسىل قىلغان.
ئەسكەرتىش:گاز ئۆتكۈزگۈچ نەيچە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇن بولىشى،تاۋۇزنىڭ شاپاق ئېغىزى مەھكەم ئېتىلىشى كېرەك.


مەنبە:«خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ئەكبەرنىياز 2013-07-29 23:43
بۇنى بىز ئادەتتە كۆرسەك ھەقىقەتەن سېھرىگەرلىك ئىكەن دەپ ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالىمىزكەن . كۆپ رەھمەت !!!

ئايبىكە 2013-07-30 10:00
ئەنۋەر مۇئەللىم،مۇنبىرىمىزنى كۆپقىرلىق بىلىملەر بىلەن موللاشتۇرغانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 11:54
بەرگەن باھالىرىڭلاردىن ئالەمچە سۆيۈندۈم.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 11:55
ئەگەر سىناپ باققۇچىلار بولسا چوقۇم بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

گۈلچىمەن 2013-08-05 16:48
   دەرسىڭىزنى  قىزىقىپ ئاڭلايدىغان  ئوقۇغۇچىلېرىڭىز   سىزدىن  سۆيىنىدۇ  ھەقاچان.


查看完整版本: [-- تاۋۇز چىراق(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us