ablatmuhamma |
2013-07-29 00:46 |
ئەجەل كەلسە دۇنيا بىر سىقىم
دەرەخ شېخىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق _ پىشقان يورۇقلۇق . _____ خاتىرەمدىن
سەسكىنىشنى بىلمەي ئاشقازان ، نىمانچىلا يەيدۇ كۈندۈزنى ؟ بۇلۇڭدىكى خىرە ھالىتىم ، مارجان قىلىپ ئاسار يۇلتۇزنى .
پەسىللەرگە سېتىلغان قۇياش ، مازاق قىلار غازاڭلىرىمنى ، تىڭىرقىغاچ ئېھتىماللىقىم ، باقالمىدىم سازاڭلىرىمنى ،
كوچىلاڭلار يالغان ئەتىراپىم ، دوقمۇشتىكى يالغان باھارنى . ئوغرى چىشتا ياشىغان بىلەن ، كىم سۆيىدۇ تەلەيسىز ،خارنى .
يۆتكىلەيلى تاقىر قىرلاردىن ، ۋابا كەلدى ئېرىق ئىچىگە . چىلىم چوغلار تاياقچى ئامبال ، سۇلغۇن كىرىپ كەلدۇق كېچىگە .
خەت يازالماس قاناتسىز يىتىم ، ئانىسى يوق چۈشەيدۇ تونۇر . گۆشلۈك تىلدا سالقىن ھېجاراپ ، رىئاللىقى قويىدۇ نومۇر .
كېكىرىدۇ قايناق سۇلىرىم ، ئايەملەردە ناۋات سېغىنار . مايىقىنى قىلىپ قاشتىشى ، تۇلۇم چاشقان گىلەم ئېغىنار .
يۆتكىلىمەن ئىزدەپ يورۇقلۇق ، ھۆكۈمنامەم مۈددەتسىزمىكىن ؟ بىكار كەلگەن تاتلىق ئىرىمچىك ، خەق سېپ قويغان ئىمىزگىمىكىن ؟
قوۋۇرغامنى چىشلەر قوۋۇرغام ، قان چىقارماي تەمىمنى شورار . ئېھ ، بىھۇدە كەتكەن ئەجرىگە ، تاپانلىرىم تىنماي ئاھ ئۇرار .
نۇر سېغىنىپ رىشاتكىلاردىن ، سېسىماقتا ساغرام تېرىسى . چىن تۆمۈرنىڭ يايلىقىمىدۇ ؟ ئەشۇ تاغنىڭ كۈنگەي نېرىسى .
قۇرۇت چىشلەپ بەرمىدى ئارام ، كەچۈر مېنى مايلىق قولتىقىم . خورۇلدىغان تۇرمۇش خەتەرلىك ، ئەجەل كەلسە دۇنيا بىر سىقىم .
ئاپتۇرى : ئا .مۇھەممەت باغۋەن
|
|