باھار بولۇپ...
باھار بولۇپ گۈللەر ئاچسام، دىمىقىڭغا ئىپار سالسام، سەن گۈل بولساڭ، مەن قۇش، بۇلبۇل بولۇپ يېنىڭغا ئۇچسام. ياشار ئىدۇق دىل بېغىدا، ياشنار ئىدۇق ئىشىق بېغىدا. باھار بولۇپ گۈللەر ئاچسام، مايسىلارغا دىللار ئاچسام، سۆيگەنلەرنىڭ دىللىرىغا يوللار ئاچسام. ئۇچار گېلەم ياسار ئىدۇق، ئاسمانلارنى كېزەر ئىدۇق. باھار بولۇپ گۈللەر ئاچسام، رەيھان بولۇپ شەبنەم ئىچسەم، سېنى ئويلاپ، سېنى ئويلاپ، ئۆزدىن كەچسەم.
 بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن...
دېۋانەڭ مەن، بىچارەڭ مەن، ئارقىڭدىن سايەڭدەك يۈرىمەن. دىلىمدا دەيدىغان دىلپارەم مېنىڭ، نېمە قىلاي بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن. جانىم بېرەي بەختكە تولۇشۇڭ ئۈچۈن، بەختتىن يىغلاپ، بەختكە كۈلىشىڭ ئۈچۈن. ئارزۇيۇم ئاسمىنىغا ئېلىپ كېتەي، يۈر، نېمە قىلاي بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن. قۇچقاندا باغرىمغا سېغىنىشىڭ پاتتى، مېنى سۆيگۈنۈڭنى كۆزلىرىڭ ساتتى، سوراي جېنىم سەندىن ئېيت، نېمە قىلاي بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن. پەقەت سېنى سۆيگەنلىكىم راست، دەيسەن، ماڭا بىر ئاز سۆيگۈ بەر، دەيسەن، نېمە قىلاي، جېنىم، بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن. دۇنيالاردىن كېچەي يېنىمدا بولساڭ، جانانلاردىن كېچەي جېنىمدا بولساڭ، يېنىمدا بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئاھ، جېنىمدا بولۇشۇڭ ئۈچۈن، نېمە قىلاي جېنىم بەختلىك بولۇشۇڭ ئۈچۈن.
ئەي، دىل
ئاھ دىل، نېمىلەردىن يارالدى ئۇ، نۇردىنمۇ، گۈلدىنمۇ؟ بۇنچە نەپىس، بۇنچە نازۇك. بىر سۆز بىلەن ساماغا چىقار، بىر سۆز بىلەن يەرگىلا چۈشەر. بىر قەترە مېھىر بىلەن تېزلا ياشنايدۇ، يىڭنىدەك زەھەر بىلەن چاك - چاك سۇنىدۇ. شۇ قەدەر بۈيۈك، شۇنچىلىك زەئىپ. گاھى قىلدەك نەرسە سىغمايدىيۇ، گاھى ساماۋى تۇيغۇلارغا ئېھرام بولىدۇ. چۈمۈلىدەك يۈرەكلەردە شىكەستە بىر دىلنىڭ ياشىغانلىقىنى باغرى تاشلار بىلمەسمۇ؟ قانچىلىك كۈچلۈك ۋە يېتۈك بولمىسۇن، ئىنسان بالىسىنىڭ قەلبىنىڭ گۆدەك ئىكەنلىكىنى نىچۈن بايقىماس ئۇ باغرى تاشلار؟ ئاھ دىل، قانداق ئاسىراي، نەگە يوشۇراي، قانداق خۇش قىلاي سېنى، دىل...
ئەپسۇس
مەن سېنى سۆيىمەن، غۇنچە بەرگىدىكى شەبنەم مىسالى. مەن سېنى سۆيىمەن، تۈن قوينىدا كۈندەك يورىغان بىر شام مىسالى. مەن سېنى سۆيىمەن، ئۆزگىدىن چۆچۈپ ئارقىدىلا يۈرگەن سايە مىسالى. مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن، ئاھ، بۇندىن ئارتۇق سۆيىشىمنى تەلەپ قىلمىغىن، بۇندىن ئارتۇق سۆيگۈ بولىدۇ ئۆلۈم. ئاپئاق قارلار رەھىمسىزلەرچە چۈشەر سۆيگىمىزنىڭ ئاخىرقى غۇنچىسىغا، باھار كېلىپ ئېچىلار گۈللەر، كۆرىشەر ئۆزگىلەر، لېكىن سەن ساداسىز. سۆيسەممۇ مەن مەجبۇر بولدۇم "ئەلۋىدا" دېيىشكە... ئەپسۇس...
سېغىندىم
قىشنىڭ زېرىكىشلىك كۈنلىرىنى ۋىسالنىڭ سېغىنىشى بىلەن ئۆتكۈزۈپتىمەن، ئىسمىڭنى شىۋىرلاپ باھارنىڭ بىغۇبار چاغلىرىنى تۇيغاندەك بولىدۇ كۆڭلۈم. ئەتراپىمدىكىلەر يالغان گەپ قىلغاندا سېنىڭ راست سۆزلىرىڭنى سېغىنىپ كېتىمەن، قىلغان تېلفۇنىڭ مېنى دۇنيانىڭ تەشۋىشلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. كۆزلىرىمگە بېقىپ قۇلىقىم تۈۋىدە ياڭراتقان سەمىمىي سۆزلىرىڭنى ئەسلەيمەن، سېنىڭ بارلىقىڭنى قىياس قىلغىنىمدا قەلبىمگە سايە تاشلىغان خىرە مەنزىرىلەر بىر تنىقتا قارا بۇلۇتلار بىلەن تارقاپ كېتىدۇ.
سېغىندىم...
سېنى ئاسرىغىم كېلىدۇ، ماڭا ئىشىنىشىڭنى ئىستەيمەن، تەسەۋۋۇرىمدا سەن مەن سۆيۈشنى ئىستىگەن ئادەمسەن. مەن سەندىن ئالدىنىشنى ئويلىمايمەن، سېنى ئاسراش بەخت، ماڭا ئىشىنىشىڭ بەخت، بارلىقى بەخت، كۆزلىرىڭنى ئاسرا، مەن سۆيگەن كۆزلىرىڭنى ئاسرا، مەن ئۈچۈن ھەم ئۆزۈڭنى ئاسرا.
سېغىندىم...
تونۇش سانلارنى باسىمەن ۋە بىرلا سۆزنى ئېيتىشقا ئۇرىنىمەن "سېغىندىم" تېلفۇنىڭنى كۈتىمەن، شۇ باھانە قەلبىمگە تەسەللىي بېرىدىكەن، يېگانە شىۋىرلايمەن "سېغىندىم"
سېغىندىم.... ئىككى كۈندىن بېرى تور يوق زېرىكىپ، ئىچىم پۇشۇپ ئۆزبەكچە ئەسەرلەرنى ئوقىۋېرىپ ھېسلىرىم ئۆزبەكچىلىشىپ قالدىمۇ قانداق، شۇ تۇيغۇلىرىمدىن ئىككى شىڭگىلنى سۇنىۋەتتىم مانا |