查看完整版本: [-- ئەي ،«يېرىم دۇنيالار، بىز سىلەرگە قەرزدار» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئەي ،«يېرىم دۇنيالار، بىز سىلەرگە قەرزدار» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-28 20:49
گۈلخاننىڭ تەكلىپى بىلەن ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.«ئانىلىرىمىزغا نېمە بولدى»تېمىسىدىكى شېئىرنى كۆرۈپ ئىنكاس يوللىغان ئىدىم.


پەيغەمبىرىمىز؛«جەننەتكە ئەڭ بۇرۇن قەدەم ئالغانلارنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆردۈم ھەمدە دوزاخقا ئەڭ كۆپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئايال ئىكەنلىكىنى
 كۆردۈم.»دەپتىكەن.دىمەك،ئايال ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن جەننەتكە ھەم گۇناھقا ئەڭ كۆپ شېرىك بولۇش سەۋەپلىك دوزاخقا يول ئالسا كېرەك.


            ئەي ،«يېرىم دۇنيالار، بىز سىلەرگە قەرزدار »
ئوسمان زاھىر
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر«قىسسەسۇل ئەنبىيا»دا ئېيتىلىشىچە، ھەۋۋا ئانا ئادەم ئاتىنىڭ سول قوۋۇرغۇسىدىن يارىتىلغان ئىكەن.ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ زىمىنغا چۈشۈرۈلگەندە، بىرى ھىندىستانغا، بىرى شامغا چۈشكەن ئىكەن. بۇ ئىككەيلەن بۇ جۇدالىقتىن كېيىن 300 يىل ھىجران ئازابى تارتىپ ئاندىن جەم بولغان ئىكەن. دەل مۇشۇ جۇدالىق بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. مۇھەببەت جۇدالىق داۋامىدا ۋايىغا يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت يۈكسەك مەدەنىيلىشىش دەۋرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تەسۋىرلىگۈسىز يېقىنلىق ھەم تولۇقلىغۇچىلىق مۇناسىۋەت ھاياتلىقتىكى ئەڭ شىرىن، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەت بويتاق ياشاشنىڭ زىيانلىقلىقىنى، كىشى تۈرلۈك يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۆيلىنەلمىگەنلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ تويىنى قىلىپ قويغان. ئائىلىنىڭ كىشىنى بىھۇدە ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغان قورغان، پاك ئەقىدىنىڭ پاناھ جايى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئەر- ئاياللىق مۇھەببەتنى مەدھىيىلەپ ئېسىل دۇردانىلەرنى تىزغان. مۇھەببەت ھەققىدىكى قىسسىلەر ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. «پەرھاد- شېرىن»، «لەيلى- مەجنۇن» ، «غېرىب- سەنەم»،«يۈسۈف- زۇلەيخا» لار بۈگۈنگە قەدەر پاك مۇھەببەتنىڭ نامايەندىلىرى سۈپىتىدە يادلىنىپ كەلمەكتە. پەرھاد شېرىننىڭ شەرتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تاغ تېشىپ سۇ باشلىغان. تاھىر زۆھرا ئىشقىدا سەكپارە بولغان. تارىختىكى مەشھۇر تىرويا ئۇرۇشى بىر خانىشنىڭ ئېلىپ قېچىلغانلىقى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. ئايالنىڭ تەن قۇرۇلمىسىلا ئەمەس، مىجەز- خاراكتىرى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، نۇتۇق ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلىنىپ بولۇنغان.ئەرلەر قاۋۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن. ئاياللار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەرگە مۇھتاج بولغان. بۇ خىل قوغداش، قوغدىلىش،كۆيۈش- كۆيۈنۈش مۇناسىۋىتى ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ بەخت ياكى بەختسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئايالىغا مۇھەببەت ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلالمىغان، ئايالى ھەم بالىلىرىنى پەخىرلەندۈرەلمىگەن ئەر ھەقىقىي بىچارە ئەردۇر. چۈنكى، ئايال دۇنيانىڭلا ئەمەس، كۆڭۈل خانىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىدۇر.  
دەرۋەقە، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەقىللىقلىقى بىلەن شاھزادە كەبى يىگىتلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزغان، ئىپپەتلىكلىكى بىلەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنى سۆيۈندۈرۈپ كەلگەن خانىم- قىزلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيانىڭ كۆركى، تالاي ئىللىق ئائىلىلەرنىڭ پەرۋىشكارلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ نازۇك قەلبىنىڭ چوڭقۇرىدا تۇرمۇش مۇشەققەتلىرىگە باش ئەگمىگەن يارقىن بىر روھنىڭ سىماسى بار. ھەر بىر ئەرنىڭ، ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىچە- سىڭىللىرىنى ،ئاياللىرىنى، ئانىلىرىنى قوغداش، ئۇلارنى بەختلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇلارنىڭ تۆككەن بىر تامچە نادامەت يېشى ۋاپا گۈلىستانلىرىنى توزۇتۇپ، نىكاھ چىمەنزارىغا جۇت چىللاپ كېلەلەيدۇ. شۇنداقلا، ئايالنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت كۈلكىسى ھالاكەت چۆلىنى ئۈمىدلىك دۇنياغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئىنسانلار مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن بۇيان سان- ساناقسىز ئائىلىلەر قۇرۇلدى. سان- ساناقسىز پەرزەنتلەر ئاپىرىدە بولدى.ئىنسانىيەتنىڭ ئەگرى- توقايلىققا تولغان نىكاھلىق تۇرمۇش تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، مەيلى قايسى پىرقە، قايسى تەبىقە، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىلا ئائىلىنىڭ «بەختلىك بولۇش»نى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ھالبۇكى، نىشان يۈكسەك بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يېتىش جەريانى ئۇنچىلىك ئاددىي بولمىغان. تالاي ئائىلىلەر ئەنە شۇ بەختكە ئېرىشىش ئىستىكىدە قانلىق بەدەللەرنى تۆلىگەن. چۈنكى، بىز كۆرگەن كىنولارنىڭ رىژىسسورى بولسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ رىژىسسورى يوق.ئوخشىمىغان ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلىۋىي تۇرمۇش ئوخشىمىغان نەتىجىلەر بىلەن تۈگەللىنىدۇ.تارىختا سۈرلۈك قەسىرلەردىكى شاھانە تۆشەكلەردە بىئارام بولۇپ، ئاددىي لېكىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن مەلىكىلەر، غېرىب كۈلبىلەردە خانىش بولۇشنى چۈشىگەن ئاياللار ئۆتكەن.ئاياللار قەدىرلەنگەن، ئانىلار ئانىلىق سۆيۈنۈش تاپقان جەمئىيەت ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتە يۈكسىلىش تاپقان. ئاياللار پەس كۆرۈلگەن، ئانىلارنىڭ كۆزلىرى ياشلانغان دەۋردە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلەر پۈتۈلگەن. شۇنداق، تارىم، تەكلىماكان قىرغاقلىرىدا تالاي ئىللىق ئائىلىلەرنى قۇرۇپ، ئەنە شۇ ئائىلىلەردە تۇغۇلغان مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەر ئارقىلىق جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس دۇردانىلەرنى تەقدىم قىلغان، ئۆي تۇتۇش ھەققىدە تالاي رىسالىلەرنى تۈزگەن، تېپىشماق ئېيتىپ، ئەقىللىق يىگىتلەرنى ئۆزىگە جۈپ قىلغان مەلىكىلەر ھەققىدە چۆچەكلەرنى تۇقۇغان تەسەۋۋۇرغا باي، ئىجادكار مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاياللىرىمىزنىڭ بۈگۈنى ھەققىدە ئويلىنىش، ئۇلارنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى، ئۇلارنىڭ قايغۇ- ھەسرەتلىرىگە ئورتاقلىشىش ھەر بىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.  
ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلىدە ھەم پەرۋىشكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەردۇر. ھارغان، ئاچقان ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ، خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇنغان ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر ئۇلۇغلۇقنىڭ شولىلىرى پارلاپ تۇرىدۇ. «ئەممە» دېگەن پەرزەنتىگە ۋۇجۇدىدىكى قۇۋۋەتنىڭ جەۋھىرى بولغان سۈتنى بەرگەن ئاشۇ ئايال ئەجىبا بىزنىڭ بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىمەمدىكەن؟! لېكىن ھارغان ئايالىمىز ئوخشىغان سۈيقاشنى ئالدىمىزغا قويغىنىدا پەقەت ۋە پەقەت «تامىقىڭىز بەك تەملىك بوپتۇ» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىمىز بىلەنلا بېشى ئاسمانغا يېتەتتىغۇ! بىز ئۇنداق دېمىدۇق. ئاتالمىش ئەرلىك غۇرۇرىمىز ئۇنداق دېيىشكە يول قويمىدى. ئاياللىرىمىزنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىكى قورۇقلارغا نەزەر سالمىدۇق. ئۇنىڭ چېكە چاچلىرىدىكى نەچچە تال ئاق چاچنى كۆرمىدۇق. ئاياللىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنى قىممەت باھالىق جاۋاھىر ئەمەس، مۇھەببەتلىك بىر نەزەر، تاتلىق بىر ئەركىلىتىش، مېھىرلىك بىر جۈملە سۆز ئىدى. بىز بۇنى بېرەلمىدۇق. dH4wyd`  
تۇرمۇش قۇرغىنىمغا توققۇز يىل بولدى.بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارماقنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى قولۇم بىلەن تۇتۇپ، كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، پۇتۇم بىلەن مېڭىپ تۇرۇپ ھېس قىلدىم. ئەگرى- توقايلىققا تولغان بۇ توققۇز يىل نىكاھنىڭ پەرۋىش، مۇھەببەتنىڭ پىشىش مەزگىلى بولدى. ئىككى پەرزەنتىمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ۋە ئائىلەمدىكى «ئىناق جەمئىيەت» مېلودىيىسىنى ئويلاپ، ئاخىرى نىكاھلىق تۇرمۇشۇمنى «بەخت» دېگەن سۆز بىلەن خۇلاسىلىدىم. ئايالىمنىڭ ئورۇقلۇقىدىن كۆك تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىنچىكە قوللىرى، قورۇق چۈشكەن كۆز جىيەكلىرى، ئىككى پەرزەنتىمنى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىش نەتىجىسىدە قالغان چوڭ تارتۇقنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئائىلەم ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىرىنىڭ مۆلچەرىمدىكىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاسرىشىم، بالىلىرىم ئۈچۈن قەدىرلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمەن. بۇ توققۇز يىلدا ھەر ئىككىمىز پىشىپ يېتىلدۇق. قىزىققان خاراكتىرىمىز ئېغىر- بېسىقلىققا ئورۇن بەردى. رومانتىك خىياللىرىمىز ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئورۇن بەردى. پەرزەنتلەرنى ياخشى تەرىيىلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشان بىزنى پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە قىلدى. مۇقىم، خاتىرجەم ئائىلە مۇھىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان ئېھتىياجلاردىن ۋاز كەچتۇق. يۇمۇر ئارقىلىق جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىشنى، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىغا قارىتا ئىش كۆرۈشنى ئۈگەندۇق. تېلۋىزور تىزگىنىكىنى تالىشىشتىن ئۆزئارا يول قويۇشقا قەدەم قويدۇق.ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم ئىككىمىز مەلۇم مەسىلىدە خېلىلا قاتتىق قىزىرىشىپ قالدۇق. ئۇ ئانىسىنىڭكىگە كەتتى. مەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. ئاخىرى ئىشخانىسىغا بىۋاستە ئىزدەپ بېرىشنى قارار قىلدىم. مەن ئايالىم ياخشى كۆرىدىغان شاكىلاتتىن ئېلىپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدىم. ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا تۇتۇق بولسىمۇ، مەن كۆڭۈل كۆزلىرىم ئارقىلىق ئۇنىڭمۇ ئۆيگە قايتىشقا ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان ئىدىم. مەن يۇمۇرلۇق سۆزلەر ئارقىلىق شاكىلاتنى يېنىمدىن چىقاردىم. ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز بىر كۈلكىسى بىلەن ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشتى. نەچچە يۈەنلىك شاكىلات بىلەن ئائىلە ئىللىقلىقى قولغا كەلدى. بىر قېتىم ئىككىمىز قىزىرىشىپ قالغاندا مەن ئىككىمىزدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەرنى تەھلىل قىلىپ بىر پارچە سالام خەت يېزىپ، بىر شەھەردە ياشاۋاتقان ئايالىمغا پوچتىدىن ئەۋەتىۋەتتىم. ئايالىمنىڭ دېيىشىچە، خىزمەتداشلىرى بىزنىڭ بۇ خىل رومانتىك ھەم يېڭىچە ئۇسۇلىمىزغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىشىپتۇ. ئىسراپچىلىقنى خالىمايدىغان، سىرتتىن تاماق يېيىشكە توغرا كەلگەندە بىر قاچا سېرىق ئاش بىلەنلا بېشى كۆككە يېتىدىغان ئايالىم مېنىڭ ئەرلەرچە كالانپايلىقىمنى تۈزەپ ماڭغۇچى. يۈرۈش- تۇرۇشۇمنى ھەرۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئوبراز لايىھىلىگۈچۈم. سېغىنغان تاماقلىرىمنى ئېتىپ بەرگۈچى دىلكىشىم. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك. ئۇنى قەدىرلىگەندەك ئۇنىڭ ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىنى، دوستلىرىنى ئوخشاش قەدىرلىشىم كېرەك. شۇنداقلا، ئاتا- ئانامغا ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈشۈم، قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇرۇغ- تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك. ?ئىلگىرى «ئەر كىشىنىڭ <سۈيى>مۇ،<ئوتى> مۇ بولۇشى كېرەك». دېگەن سۆزلەرنى تولا ئاڭلايتتىم. ئەينى چاغدىكى بىلىمىم ھەم تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ چەكلىمىلىكلىكى تۈپەيلى بۇ سۆزنى «ئەر كىشى غەزەبلەنگەندە ئايالىنى ئەدەبلىيەلەيدىغان ھەم كەينىدىن ياغلىما سۆز بىلەن كۆڭلىنى ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن ئىكەنمەن. ئەمدى ھېس قىلدىمكى، ئەردىكى «ئوت» مۇشتۇمزورلۇقنى ئەمەس، ئەرلىك غۇرۇرنى، ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى، ئەرلىك مۇھەببەتنى كۆرسىتىدىكەن. ئەرلەرنىڭ «سۈيى» بولسا ئەرلەرچە قوپاللىقنى، غەزەب- نەپرەتنى پەسكۇيغا چۈشۈرگۈچى سەۋرچانلىقنى كۆرستىدىكەن. بىر ئېغىز سۆزنى كەم قىلىش ئارقىلىق ئائىلە ئىناقلىققا قايتىپ كېلىشى، بىر ئېغىز سۆزنىڭ ئارتۇقلۇقى سەۋەبلىك نىكاھقا دەز كېتىشى مۈمكىن.ھىندىستانلىق ئۇلۇغ ئىسلام ئالىمى سەييىد سۇلايمان نەدۋىي يازغان، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەزرىتى ئائىشە» ناملىق كىتابتا ، دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرىنچىسى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ نىكاھلىق تۇرمۇشىغا دائىر بايانلار ئۇچرايدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر جەھەتتىن يار- يۆلەك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر جەھەتتە ئۆزىگە ئەمىر قىلغان ۋە ئۈگەتكەنلىرى دائىرىسىدە ئىش تۇتاتتى. ئۇ تەقۋادار بولغانلىقتىن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سادىق، ئەڭ پىداكار ۋە ئەڭ سەمىمىي دوستى ئىدى. بۇ ئىككەيلەن ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت، ئىجىل- ئىناقلىق، سەمىمىيەت، گۈزەل تۇرمۇش، ئېغىر – بېسىقلىق ۋە پاكلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر نەمۇنىدۇر.»(يۇقىرىقى كىتاب 54- بەت)  
«بىر ھېيت كۈنى بىر ھەبەش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان بىر يۈرۈش ئويۇنلارنى ئوينىغاندا، ھەزرىتى ئائىشە بۇنى تاماشا قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويۇن تۈگىگىچە ئۆرە تۇرۇپ ئۇنى كۈتكەن.» (يۇقىرىقى كىتاب 46- بەت) قۇدرەتلىك ئەرەب ئېمپىرىيىسىگە ئاساس سالغان، ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك بىر زاتنىڭ ئۆز ئايالىىغا تۇتقان دوستانە مۇئامىلىسى، كىبىرسىزلىكى، سەۋرچانلىقى، ئادىللىقى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شەرقنىڭ ئەخلاق دەستۇرلىرىنىڭ بىرى سانىلىپ كەلگەن «قابۇسنامە» دە مۇنداق بايانلار بار: ھېچ ۋاقىت خوتۇنۇڭغا يامانلىق قىلما. خوتۇنۇڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭنى خۇش تۇتۇشۇڭ كېرەك. خوتۇنۇڭمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەت باغلىسۇن، ساڭا ئىززەت ۋە ھۈرمەت قىلسۇن. ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭغا قاتتىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلساڭ، ساڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن بولمايدۇ. يات دۈشمەندىن ساقلىنىش مۈمكىن، ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن ئوتتۇراڭدا دۈشمەنلىك بولسا ساقلىنىش مۈشكۈل.(مەزكۈر كىتاب 90- بەت) ئالىيجاناپ كىشى كۆزىنى گەندە ئازگىلىغا ئەمەس گۈل- چېچەكلىك باغلارغا تىكىدۇ. ئەقىللىق ئەر ئادەتتىكى ئايالنى سۆيۈملۈك ئايالغا ئايلاندۇرالايدۇ. نادان ئەر ئەقىللىق خوتۇننى پۇشايمان ئوچاقلىرىغا ئوتۇن قىلىۋېتىدۇ. روب(ئەنگلىيەلىك شائىر)بىلەن ئىلزابىت(مېيىپ)نىڭ نىكاھى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ گۈزەل ھەم شىرىن بولسا كېرەك. روب ئەزەلدىن ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ بەزى كىچىك جەھەتلەردە ئايالىنى ماختاش ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماي، مۇھەببىتىنى يېڭىلاپ تۇرغان. ئۇ مېيىپ ئايالىدىن شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ خەۋەر ئالغانكى، بىر قېتىم ئىلزابىت سىڭىللىرىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:«ھازىر مەن تەبئىي ھالدا ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بىر پەرى بولسام كېرەك، دەپ ھېس قىلىشقا باشلىدىم.» }.(«ياخشى ئايالنىڭ پەزىلەتلىرى» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرياتى، 160- بەت)  مەن قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان ئايالنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەكسىچە، پۇتى مېيىپ بولسا ئۆزىنى مېيىپ دېمەي، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ كەشتە تىككەن ئاياللارنى، بىر قولى يوق بولسا ، بىر تال قولى ۋە پۇتىغا تايىنىپ، ئائىلىسى ۋە بالىسىنى گۈلدەك بېقىۋاتقان ئاياللارنى ئۇچراتقانمەن. شۇڭا ئاتا- بوۋىلىرىمىز «ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال» دېگەن ماقالنى قالدۇرغان ئىدى. بۇ ماقال ئانىلارنىڭ ئورنىنى ، ئاياللارسىز دۇنيانىڭ نەقەدەر مەززىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟ ئەگەر سىز نىكاھلىق ئەر بولسىڭىز، ئايالىڭىز يوق چاغلاردا ئاچ قورساق قالغانلىرىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىن ئۆتكۈزۈڭ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سىزنى رىغبەتلەندۈرگەن، سىزگە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەرنى بەخش ئەتكەن سۆيۈملۈك ئادىمىڭىزنىڭ دەل ئايالىڭىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ. يەنە شۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ: سىز ئائىلىڭىزنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدىڭىزمۇ؟ سىرتتا بولسىڭىز ئۆيىڭىزگە قايتىشقا ئالدىرامسىز؟كۈندە بىرەر قېتىم مۇھىم ئىش بولمىسىمۇ ئايالىڭىزغا تېلېفون بېرىپ تۇرامسىز؟ ئايالىڭىز بىلەن ئايدا بىرەر قېتىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ سىردىشىپ تۇرامسىز؟ ياكى دائىم ئايالىڭىزنىڭ تاماق ئېتىشىدىن تارتىپ، كىر يۇيغاندا سوپۇننى قانچىلىك ئىشلىتىشىغىچە ئارىلىشىۋالامسىز؟ دۇنيادا ئاياللارنىڭ ئەڭ ئۆچ ئىشى ئەر كىشىنىڭ كوت- كوت بولۇپ قېلىشى ۋە قازان بېشىغا ئارىلىشىۋېلىشى، ئازراق قىيىنچىلىق ئالدىدا ئاھ ئۇرۇشى. سىزدە بۇ ئىللەتلەر بارمۇ؟ ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاياللارغا ئوخشاشلا ئۆمۈر يولدىشىنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان، غۇرۇرلۇق،كەڭ قورساق، مۆرىتى كەلگەندە ناھەقچىلىققا كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن يول تاپالايدىغان بولۇشىنى، ئائىلىدە ئەيمەنگۈدەك ئەر، بالىلىرى ھۈرمەتلىگۈدەك لاياقەتلىك ئاتا بولۇشىنى، ئۆزىگە كۆيۈنۈشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. سۆيۈملۈك ئايالىڭىز « قىيىن كۈنلەردە مېنى قوغدايدۇ، يىقىلغاندا يۆلەيدۇ، مېنى بەختلىك قىلىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 9 ئاي 9 كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئانىسى ھەم «قىزىمنى بەختلىك قىلىدۇ» دەپ ئىشىنىپ يۈرەك پارىسىنى سىزگە تاپشۇرغان. بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بۈگۈنكى ئوماق پەرزەنتىڭىزنىڭ، كەلگۈسىدىكى دوكتۇرلارنىڭ، ئۇچقۇچىلارنىڭ، كەشپىياتچىلارنىڭ پەرۋىشكارلىرىدۇر. ئۇلارنى ئاسرىغىنىمىز كەلگۈسىمىزنى ئاسرىغىنىمىز ئەمەسمۇ؟ ئاددىي ئۆيلىرىمىزنى ئىسسىق چىراي كۆرسەتكەن، تەشتەكلىرىمىزنى گۈل بىلەن تولدۇرغان، ھورى ئۆرلەپ تۇرغان مەززىلىك تائاملار بىلەن بىزنى كۈتكەن ئاياللىرىمىز قەدىرلەشكە تېگىشلىكتۇر. ئۇلار فىرانسۇز ئاياللىرىدەك ئەتىرگۈل تاپشۇرىۋالمىسمۇ، ھىندى ئاياللىرىدەك زىبۇ- زىننەتكە كۆمۈلۈپ كەتمىسىمۇ يەنىلا قانائەت قىلىدۇ. «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم بولسۇن، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن» دېگەن ماقال قېنى قايسى مىللەتتە بار؟ بۇ ماقالدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەرقانچە ئاددىي بولسىمۇ ئىللىق بىر ئائىلىگە بولغان تەلپۈنىشى، يولدىشىغا نىسبەتەن قانائەتچانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. مەن ئاشۇ نامراتلىق ئىچىدىن بەخت ھېس قىلغان، سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن ئەرلىرىنى تۈزىگەن، دۇنيانى ئانىلىق يۈرىكى بىلەن سۆيگەن ،تەملىك تاماقلارنىڭ ئىجادكارلىرى، ئىللىق ئائىلىلەرنىڭ غەمگۈزارى، مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ باش تېمىسى بولغان ئاياللارغا، خانىم- قىزلىرىمىزغا، ھەمشىرە- سىڭىللارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئەرلەر قەلبىدە بىر پارچە ئوت باركى، ئۇ ئۆز سۆيگۈ ھالالىغا بولغان سېغىنىشتىن چوغلانغان، لېكىن بىز ئۇنى ئاشكارە ئىزھار قىلمىدۇق. سىلەر سۆيگۈگە تەلپۈنگەن چاغدا سۆيگۈ بېرەلمىدۇق. سىلەرنى ئاسرىيالمىدۇق. سىلەرنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچاتتۇق. بىز ئەرلەردىكى شەخسىيەتچىلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك، سىلەرنىڭ ئاجىز ئەمما ، مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدۇڭلارنى پۇشايمان ئوتلىرىغا قاقلاپ ئۆتتى. سىلەردىن ساداقەت تەلەپ قىلدۇق- يۇ، ئۆزىمىز ساداقەتلىك بولالمىدۇق. ئۆيدىكى ھالال جۈپتىمىزنىڭ بىر ئورۇندۇق، بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس ھېسسىياتقا ئىگە ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدۇق.  شۇنداق توۋلىغۇم كەلدى: سۆيۈملۈك ئايالىنى ، ئۇماق بالىلىرىنى ئۆيىدە تاشلاپ قويۇپ، قايسىدۇر بىر كوچىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئەر، كەينىڭگە قايت! بالىلىرىڭنى، قەدىردان ئايالىڭنى باغاشلا، ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا غەرق قىل. ئايالىنىڭ زار- زار يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي بالىسىنى يىتىم قىلىپ، ياش بىر قىز بىلەن توي خېتى ئالغىلى ماڭغان، ئەي ئەر! بالىلىرىڭنىڭ كۆزلىرىدە ئەگىپ تۇرغان ياشنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن توزۇتقان شۇ ئائىلە ، سەن ياشلىغان شۇ كۆزلەر ئاخىرى سېنى مەڭگۈلۈك داغدا قويمىسۇن. ئايالىنىڭ يوللۇق بىر ئېغىز سۆزىگە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەن ئەي ئەر! قولۇڭنى چۈشۈر. ئايال كىشىگە قولىنى كۆتۈرگەن ئەر ئەر ئەمەس. ئايالىغا غەزەب بىلەن تىكىلگەن ئەي كۆزلەر! ئۇلارغا مۇھەببەتلىك تەرىزدە بىر نەزەر تاشلاپ قويۇڭلار. دۇنيا مۇھەببەتلىك كۈلسۇن. شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت «ئەرنىڭ ئىپپىتى»ناملىق نەسىرىدە مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:« ساقال- بۇرۇت قويغاننىڭ ھەممىسى مەن ئەر، دېمىسۇن.» شۇڭا دەيمەن، ئەي «يېرىم دۇنيا»لار، بىز سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردۇق. بىز سىلەرگە قەرزدارمىز
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى  

ئايبىكە 2013-07-28 20:52
بىزدە«ئەر -يېرىم خۇدا»،«ئەر رازى-خۇدا رازى»دېگەن گەپ بار.شۇڭا ئەرلىرىمىز ئۆزىنڭ ئەرلىك غورورىنى ساقلاپ ۋە قوغداپ،مەسئولىيەتچان بولۇپ،ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك ۋەتەننى ياخشى قوغداپ ۋە باشقۇرۇپ باقسۇن.
ئەر بولغۇچى پاك  ۋە ئىمان-ئىتىقادلىق بولسا،ئاتىلىق قەدىر-قىممىتى،ئەرلىك مەرتىۋىسىنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدا تىكلىىيەلىسە ،قانداق قىز-ئايالكەن-ئالدىڭىزدا ياسىنىپ،تارىنىپ.................قاتار چايلارغا ئالدىراپ ماڭىدىغان؟قانداق پەرزەنتكەن،ئۇ،«ئاتا»دىن ھىيقمايدىغان؟

ئايبىكە 2013-07-28 20:53
نۇرغۇن ئىشلار ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە.ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.ئەرلەردىمۇ مەسئولىيەت ئېغىر.ئەرلىرى مەسئولىيەتسىز قەۋمنىڭ قىز-ئاياللىرى ئەنە شۇنداق خار ۋە زەبونلۇققا دۇچار بولىدۇ.ئاتىلىرىمىز ئەرلىك مەجبورىيەت ۋە ئاتىلىق مەسئولىيەتنى ئادا قىلسا ،يىگىتلىرىمىز  سىڭلىسىغا ۋولقان كەبى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئاكىلىق قەھر-غەزەب بىلەن ئىگىدارچىلىق بىلسا،قىز-ئاياللىرىمىزمۇ شەرم-ھايا ،ئىمان-ئىتىقادنى ھەمراھ قىلسا بەلكىم ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتەر.ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىىنى ئويلايلى ،دۇنيانىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى ئىچىپ،قەلب دەرىزىمىزنى پاكىزراق سۈرتۈپ، پەرىشتە كەبى قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ھىدايەتلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆرۈپ،قىز-ئاياللىرىمىزغا تەۋپىق تىلەيلى.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-28 23:12
نۇرغۇن ئىشلار ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە.ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.ئەرلەردىمۇ مەسئولىيەت ئېغىر.ئەرلىرى مەسئولىيەتسىز قەۋمنىڭ قىز-ئاياللىرى ئەنە شۇنداق خار ۋە زەبونلۇققا دۇچار بولىدۇ.ئاتىلىرىمىز ئەرلىك مەجبورىيەت ۋە ئاتىلىق مەسئولىيەتنى ئادا قىلسا ،يىگىتلىرىمىز  سىڭلىسىغا ۋولقان كەبى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئاكىلىق قەھر-غەزەب بىلەن ئىگىدارچىلىق بىلسا،قىز-ئاياللىرىمىزمۇ شەرم-ھايا ،ئىمان-ئىتىقادنى ھەمراھ قىلسا بەلكىم ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتەر.

koksangun 2013-07-29 00:40
بەك ياخشى يازمىكەن،دېگەنلىرىڭىز ئەينى ھەقىقەت .

gulhan 2013-07-29 19:00
پايدىلىق يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2013-07-29 23:27
جۇدالىق بىلەن ھىجراننىڭ قانچىلىك پەرقى باردۇ ؟ ياكى مەن خاتا ئۆزلەشتۈرۈۋالغاندىمەنمۇ ؟

گۈلچىمەن 2013-07-31 23:28
    ئېيتقانلېرىڭىز  ھەقىقەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 23:30
يېقىشلىق يازمىلىرىڭىز دىن ئالەمچە سۆيۈندۈم.

ئايبىكە 2013-08-03 00:26
مېنىڭ يازمام مۇنبىرىمىزدىكى ئەر قېرىنداشلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ  قويغان بولسام ئۈزرىلىكمەن.     


查看完整版本: [-- ئەي ،«يېرىم دۇنيالار، بىز سىلەرگە قەرزدار» --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us