koksangun |
2013-07-28 11:30 |
بۇ شېئىرنى تەۋپىق كوت-كوت توپىغا يوللىغان ئىكەن ، نادىر تېمىكەن دەپ ئويلاپ بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم... تۇداخۇن (مۇخەممەس) ياقۇپ ئىسمائىل قۇرولچى چاخچاقچىلار ئىچىدە زور ئاتالغان تۇداخۇن ، توي-تۆكۈندىن،سورۇندىن چاڭ چىقارغان تۇداخۇن، بەرمەس باينىڭ قولىدىن نان چىقارغان تۇداخۇن، «رەقىبى»نىڭ ئىچىدىن «قان»چىقارغان تۇداخۇن، ئەلنى سۆيۈپ دىلىدىن نام چىقارغان تۇداخۇن.
تۇداخۇنلار كەلگەندە كۈلكە-چاخچاق قىزىيتتى، ھىسامكام ۋە ياقۇپلار نەچچە يەردە ئېزىيتتى، تۇداخۇنلار چاخچاقنى مارجان كەبى تىزىيتتى، ئۆرۈمىنى شۇڭلاشقا سۈپۈرگىدەك سېرىيتتى، چاخچاقچىلىق بابىدا «خان»ئاتالغان تۇداخۇن.
بەزى ئېيتار ،-تۇداخۇن،ئۆزى ۋىجىك،چامداندەك، بويى ئەجەپ ئۆسمىدى، خۇددى بوران سوققاندەك، ئۆزى ۋىجىك بولسىمۇ ئولتۇرۇشى ئۇ خاندەك، چاخچىقىنىڭ ۋەزنى بار، بازغان بىلەم سوققاندەك، ئەقىل-ئىدراك بابىدا «جان» ئاتالغان تۇداخۇن.
چاخچاق بىلەن سورۇندا چىقتى سىزنىڭ نامىڭىز، ئېنىق ئىدى سىزنىڭكى ئۇندا نومۇس-ئارىڭىز، يېقىن ئىدى ۋە لېكىن ئاۋام بىلەن ئارىڭىز، ئاۋام كۈلسە، خوش بولسا ساقىياتتى يارىڭىز، مېھرۇ-ۋاپا بابىدا «نان» ئاتالغان تۇداخۇن.
سۇناتتىڭىز تاپقاننى ئالدى بىلەن نامراتقا، پۇل-پۈچەككە ئۇياتقا، قەددى سۇنۇپ پۈكۈلگەن، ھاجەتمەنلەر كۈلگەندە ئايلىنىپ سىز بىر شادقا، سۈرۈپ تاشلاپ قايغۇنى چاخچاق بىلەن بىر ياققا، ساخاۋەتلىك بابىدا«نۇر» ئاتالغان تۇداخۇن.
سالام بىلەن ئىگىلىپ چوڭ-كىچىكنى كۆرگەندە، گۈلدەك ئۆتتى ئۆمرىڭىز ،دەريا بويى گۈلشەندە، چىللاپ كېلىپ ئاۋامنى قايماق چاينى ئىچكەندە، لېكىن يالغۇز كەچتىڭىز ،لاي كېچىكنى كەچكەندە ، ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا«گۈل» ئاتالغان تۇداخۇن.
باھار كىلىپ ياز بولۇپ، ئەتراپ گۈلگە تولغاندا، ئالتۇن كۈزنىڭ شەپىسى قۇلاقلارغا ياققاندا ، ئالمىلارنى شائىرلار قۇشاقلارغا قاتقاندا، كېتىپ قاپتۇ تۇداخۇن قۇياش كۈلۈپ باققاندا، نامۇ-خىسلەت بابىدا «ھۆر» ئاتالغان تۇداخۇن.
تۇداخۇننىڭ ئەلىمى ئۆتۈپ كەتكەچ يۈرەككە، ئەقلى ئويغاق،زىرەككە، نامە يازدىم لۈكچۈندىن كۈچۈم لېكىن يەتمىدى شۇ نامىدىن بۆلەككە، يەنە يىتىم مۇھتاجدۇر ، تۇداخۇندەك يۆلەككە، ئىلمۇ-ھىكمەت بابىدا «دۇر» ئاتالغان تۇداخۇن!؟
(پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق مەركىزى مەكتەپ : ياقۇپ ئىسمائىل)
تېلېفۇن نۇمۇرى : 18999465525
|
|