gulhan |
2013-07-28 01:25 |
ياش ۋە كۈلكە
كۈلدۈم... سېنىڭ كەلگىنىڭدىن شادلىنىپ كۈلدۈم.كۈلدۈم، تىنىچلىق ئۇچۇرۇڭنى ئالالمىغان تىۋىشسىز كۈنلەرنىڭ زولمىتىدىن قۇتۇلغىنىمغا تەنتەنە قىلىپ. بىراق كۈلكىلىرىمنىڭ ئاخىرى كۆزلىرىمدىن يامغۇر بولۇپ تۈكۈلدى. سەنمۇ كۈلۋاتاتتىڭ بۇ دىدارلىشىشتىن خوش بولۇپ، ئەمما ئوتلۇق قارا كۆزلىرىڭدە ئىككى تال مەرۋايىت يالتىرايتتى. ئىككىمىزنىڭ ئارىسى يىقىنلا ئىدى. سېنىڭ ئوتلۇق نەپەسلىرىڭنى سېزىپ تۇراتتىم. ئاھلىق تىنىقلىرىمنى سەنمۇ ھەم ئاڭلاپ تۇراتتىڭ.لىكىن ئارىمىزنى مەڭگۈ ئۈتكىلى بولمايدىغان بىر سىزىق ئايرىپ تۇراتتى. ئاھ، مەھروملۇق!!! ئەمدى باغرىڭغا باش قۇيالمايتتىم،تاغدەك بەستىگە يۈلىنەلمەيتتىم. سەنمۇ ھەم كۈچلۈك قوللىرىڭ بىلەن مېنى باغرىڭغا تارتالمايتتىڭ، سېغىنىشنىڭ ئوتلۇق تامغىسىنى لەۋلىرىمگە باسالمايتتىڭ. ئۈششۈكتە قالغان غۇنچىدەك تىترەۋاتقان نازۇك ۋۇجودۇمنى سۆيگۈڭ بىلەن قۇچاقلاپ ،سەن مېنىڭ، بىز ئەمدى مەڭگۈ ئايرىلمايمىز دىيەلمەيتتىڭ. ئاھ، بىز مەھروم ئىدۇق بۇ ئەركىنلىكتىن. سۆيگۈ غۇنچىمىز بەرىق ئۇرمايلا ئۈشۈكتە قالغان ئىدى. ـ ئامان بولغىن. ـ ئۆزەڭنى ئاسرا ،سالامەتلىك ھەممىدىن ئەلا. لەۋلىرىمىز بەخىت تىلەشتى پىچىرلاپ.يۈز مۇسكۇللىرىمىز كۈلۈش ئۈچۈن مىدىرايتتى مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ئالدىدا مەجبورەن. بىراق كۆزلىرىمىز قارا بولۇتقا ئايلانغان . ماڭدۇق ئىككىمىز ئىككى يولغا ئايرىلىپ... ئىھ ، قارا بولۇتقا ئايلانغان قاپقارا كۆزلەر ، تۈكۋالغىن پىنھان ياشلىرىڭنى، يۇيۇلۇپ كەتسۇن ھەممە ھەسرەت. يامغۇردىن كىيىنكى پاكىزە ھاۋادەك ساپ دىللاردا ئادىمىيلىك چاقنىسۇن قۇياشتەك....
|
|