ablatmuhamma |
2013-07-27 16:03 |
ئانىلارغا نىم بولدى
پەلەك تەتۈر چۆرگىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟ ئەجەپ بىغەم كۆرىنەر ،ئانىلارغا نىم بولدى ؟ تۆت كوچىدا سۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟ يات ياغاچقا يۆلىنەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟ قورۇلماقتا مۈرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
ھالقىپ كېتىپ ساداقتىن بۇزۇپ قويدى مۇددەتنى ، كونا بىلىپ تاشلىدى ئۇدۇم قالغان ئىددەتنى. دەسسەپ ئىگىز پاشنىدا ،چوڭ بىلمىدى ھۆرمەتنى ، ئىلغىمىدى جان ئۈچۈن ئەرزان ياكى قىممەتنى ، قىممىتى يوق تۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
بەشتاش ئويناپ چوڭ بولغان سەبىي قىزچاق قېنى سىز؟ ئاتا بۇۋام ئەي قىلغان بۇ جەمەتنىڭ گۈلى سىز ، بىر قەۋىمنىڭ ياندۇرغان چىرىقى سىز ، تېنى سىز ، يۈرىكىگە تېرىلغان ئەۋلاتلارنىڭ دېنى سىز ، قىيامىتى كۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
تۆكۈلمەكتە توختىماي ئەنئەنىنىڭ كۆز يېشى ، تۇرسا تەرسا قوۋۇۇرغا ئائىلىدە ئۆز بېشى ، كەيىپ يۈرگەن دادىنىڭ ئىشلىمىدى خام بېشى، خارلانماقتا ئەۋلادنىڭ تۇزى بەتتام خام ئېشى. يۈرەك ئاچچىق ئۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
زىل ئىنسانلىق قىممىتىڭ بولدى ئاچچىق شاكاراپ ، قىلىۋاتقان ئىشىڭغا يېزىلمىدى ھېچ ساۋاب ، شەيتان بۇزغان نەپسىڭدە رېستۇراننى قىل تاۋاپ، يېتىم قالغان بالىلار جان ئۈزمەكتە ، بەر جاۋاپ ! روھتا قىيان كۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
ئەللەي ئېيتقان بۆشۈكۈڭ ئۆمۈچۈككە بولدى يەم ، تېگى چىقماس خىياللار يىغىلماقتا مىڭ يۆگەم ، قانچە ئەسىر ئەگىشەر تەخەللۇسىڭ < كالتە پەم >، مەرەزلەرگە پۇتلاشقان ئەۋلاتلارغا بەر تۆلەم ! ۋىجدان يەنە سۆرىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
قوشنىلارغا بەرمىدىڭ قىيامەتلىك ئۆتنىنى ، ئادا بولماي خەلقنىڭ دائىم سەندىن كۈتكىنى ، ئىشەنچىلىك بولارمۇ كۆۋرىكىدىن ئۆتكىنى ، شۆپەك بولغان غۇرۇرنىڭ تېپىلارمۇ يۈتكىنى ، تەقدىر كالتە يۆتىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
يەرگە چۈشۈپ سېسىدى مەرىپەتنىڭ غورىسى ، پەسىل ئۆتمەي ئالماشتى ھالال نىكاھ جۆرىسى ، ئىكەنمىكەن ئاجرىشىش چىش ئاغرىقنىڭ دورىسى ، قاچان پۈتۈن بولىدۇ بۇ قەۋىمنىڭ نورمىسى ؟ تەلەي ئەجەپ يۆتكىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
تۈگىمەيدۇ نىمىشقا قاتار چاينىڭ خۇمارى ، رىشتىمىزنى يىمەكتە نادانلىقنىڭ تۇمارى ، كۆپەيمەكتە نىمىشقا نىجىس ئەيدىز بىمارى ، ياشالمايمىز نىمىشقا ئۆزگە ئەللەر قاتارى ؟ بۇ ئازاپنى كىم بىلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
سىلەر ئەسلى بەختنىڭ بەرىكەتلىك كىرىمى ، سىلەر ئەسلى قۇۋۋەتلىك ئائىلىنىڭ يىلىمى، سىلەر ئەسلى مېھرىبان بۇ دۇنيانىڭ يېرىمى ، رىقابەتلىك سودىنىڭ ئېلىمى ھەم بېرىمى ، بۇ زىياننى كىم تۆلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
قومۇشلۇققا ئوت قويغان نوزۇك بېشى قەيەردە ؟ ئەر بېلىدىن تەر چىقار ۋىجدان تېشى بار يەردە ؟ دەسسەمسىلەر شەيتانغا چالسا يەنە ئۈچ پەدە ؟ بۇ ئالەمدە سۆيگۈ يوق، گۈل بولمىسا ئەگەردە ، زىنىقىدا ئاي تۈنەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
ئەۋلادىغا نان بېرەر شالغۇتلاشقان تىلىدا ، مودا بىلىپ كۆز ئاچار ، يات بەدەنلەر خىلىدا ، بويىماقتا ئۆزىنى ياۋرۇپانىڭ سىرىدا ، يامىقى كۆپ تار ئىشتان ،ئانا بولغان بېلىدا ، بۇ كەچمىشكە كىم كۆنەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
كوچىلاردا ھاياغا تەبىر بېرەر سەتلىشىپ ، چىقىرىدۇ ئېلانغا نازۇك يەرنى بەتلىشىپ ، قاپتۇ نازۇك بەدەنلەر ئاز كۆڭلەككە كەپلىشىپ ، ئىشرەت بىرلە بايقىلار سېغىز كەبىي چاپلىشىپ ، گاچا تىلدا كىم سۆزلەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
قۇرۇتماقتا تامچىلاپ كەيىپ ساپا ، چېكىملىك ، ياشلىرىمنى خىرۇئىن مۇزىكىدەك يىقىملىق ، مېھمانخانا سانايدۇ كەلدى قانچە قېتىملىق ، ئىكەنمىكەن شۇنچىلىك ئەۋرەز سۈيى تېتىملىق ؟ شەيتان قاھ – قاھلاپ كۈلەر ، ئانىلاغا نىم بولدى ؟
پاتىڭىدا ماي قاچقان ئەركەكلەرنىڭ ھالى بوش ، زابۇي ئەركەك زەيلىكتە مايماق ئۆسكەن بىر قومۇش ، خوتونىغا يول قويغان ئۇنداق ئەركەك كىسپۇرۇش ! قاچانلىققا ئەركەك تەر پۇرايدىكەن بۇ تۇرمۇش ؟ مىشچانىققا كىم كۆنەر ،ئانىلارغا نىم بولدى ؟
ساۋاتسىزلىق دەردىدە تارىخ يىدى يىلىكنى، موھتاجلىقنىڭ دەردىدە ئاچالمىدۇق <بىلىگ >نى ، ئايرىمىدۇق ياخشىغا ئۈلۈك ياكى تىرىكنى ، ئۈچ ۋاق تاماق قىپ يىدۇق ئىپىزۇتنى ، سېرىكنى ، خەقلەرگە سەت كۆرىنەر ، ئانىلاغا نىم بولدى ؟
غەيۋەتلەرگە تۆكۈلگەن ئوت ئۇچقىنى تۇتاشتى ، ئۇرۇق – تۇغقان،دوست –يارەن بىر – بىرىنى پۇتاشتى ، سوخەنچىلىك ، دۈشمەنلىك ھەجەپ چاققان ساپلاشتى ، روھىمىزغا قاچاندا يامان ئىللەت چاپلاشتى ؟ دائىم ئىنساب تىلىنەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
ساقال چىقتى ۋاقىتقا ، قىزلىرىمىز يالاڭاچ ، قىستىماقتا رىئاللىق بۇ قەۋىمدە زور تاللاش ، كىملىكىمىز يىرتىلىپ پەيدا بولدى چوڭ ئاراش ، رەستىلەردە يۈز بەردى سەت ئالىيىش سەت قاراش ، ئەخلاق قاچان كىيىنەر ، ئانىلارغا نىم بولدى ؟
خاتىمە
تازلىق قىلار كوچىدا،بەزىلىرى يايمىچى ، بەزىلىرى تىلەمچى ، بەزىلىرى < ... > چى ، غورۇرى يوق دادىلار لەقەم ئېلىپ < سايىم > چى ، قاچان گۆشلۈك قاينايدۇ ئائىلىنىڭ ئومىچى ؟ ئانىلىرىم دەرت تۆكەر ، ئاتىلارغا نىم بولدى ؟
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن شەھىرى غۇلجا
|
|