查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ كۈڭلىنى ئۇتىدىغان ئون جۈملە سۆز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئاياللارنىڭ كۈڭلىنى ئۇتىدىغان ئون جۈملە سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2013-07-27 11:35
ئاياللارنىڭ كۈڭلىنى ئۇتىدىغان ئون جۈملە سۆز


1. ھەر بىر تاماق يېگەندە «تامىقىڭىز ئۇخشاپتۇ، رەھمەت سىزگە » دېيىش.
2. كۈندە دېگدەك سىز بەك چىرايلىق ياكى سۈيۈملۈك جۇمۇ دەپ ماختاپ قۇيۇش.
3.كاماندۇرۇپكىغا بارغاندا ياكى ئۆيدىن ئايرىلغاندا « سىزنى بەك سېغىندىم، مەن ئۈچۈن ئەتكەن تامىقىڭىزنى بەكلا يېگۈم كېلۋاتىدۇ » دەپ تىلفون ئۇرۇپ قۇيۇش.
4. ئايالى بىلەن سەل تەگىشىپ قالغاندا ئەرلەردەك كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئايالىنىڭ كەينىدىن ئاستا قۇچاقلاپ، «خاپا بولدۇڭما؟» دەپ قۇيۇش.
5. ھەپتە ئون كۈندە بولسىمۇ «بالىلار ۋە مەن سەن بولغاچقىلا بەك بەخىتلىك جۇمۇ دېيىش»
6.ئۆي ئىشى قىلۋاتقان ئايالىغا مېھرى بىلەن بىقىپ: سەن بەكلا جاپا تارتىپ كېتۋاتىسەن، مەن قانداق ئىشلىرىڭغا ياردەم بېرەي دەپ قۇيۇش ( مۇنداق دېسىڭىز ئايالىڭىز ھەرگىزمۇ سىزگە ئۇنى قىلىپ -بەر بۇنى قىلىپ بەر دېمەيدۇ . خاتىرجەم بولۇڭ)
7. ئايالىڭىز كىيىم جىدىلى قىلغاندا ئىقتىسادىڭلار يار بەرمىسە :« قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆي ئەھۋالىمىزنى سەنمۇ بىلىسەن ، مېنىڭمۇ سىنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ  ساڭا قاراپ ھۇزورلانغۇم بار. » دېيىش. ياكى ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە  تەلىۋى مۇۋاپىق بولسىلا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئىلىپ بېرىپ، بەك ياراشتى جۇمۇ دەپ ماختاپ قۇيۇش.
8.  تۇغۇتىدا ئايالىنىڭ كۆزلىرىگە مېھرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ « سەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ گۈلىنى ئاپىردە قىلدىڭ. رەھمەت ساڭا » دېيىش.
9. يىلدا بىر قىتىم بولسىمۇ «ھەرقانداق چاغدا مەن ساڭا يۈلەك بولىمەن. مۇھەببىتىم بىلەن سېنى قۇغدايمەن دېيىش. »
10. مېنىڭ قىلۋاتقانلىرىم سەن ۋە بالىلار ئۈچۈن دەپ تۇرۇش.


ئائىلە ئورتاق پەۋىشكە موھتاج. مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئارقىلىق ھېس قىلىنىدۇ. ھەممىنى ئەمىليىتمدىن كۆر دەپ يۈرۈشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.
مەنمۇ  ئەگىشىپ قويدۇم.

گۈلخان تۇرمۇش تامچىلىرى.

gulhan 2013-07-27 11:42
قېنى ئەرلەر مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتىن بەختىمىزنى تاپايلى دېسەڭلار يازمامدىكى جۈملىلەرنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالامسىلەر سۈيۈملۈك ، ھالال ئايالىڭلارغا.   

nadiraay 2013-07-27 11:45
ئەگەر ئېرىم شۇنىڭ ئىچىدىن خالىغانچە ساناپ تۇرۇپ  ئۈچنى دېيەلىسە دوپپامنى ئاسمانغا ئاتسام بولىدۇ.
ئۈچنى دەپمۇ بەك كوپ دەۋەتتىم تېخى.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 12:26
ياخشى ، ياخشى ، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىمۇ ئۈگىنىپ قويساق بولغۇدەك !

ئايبىكە 2013-07-27 13:05
يولدىشىمنڭ مىجەزى ئاجايىپ.سۆزدىن بەكرەك ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.مەن ئۈمىد كۈتمەيمەن.ئۈمىدۋار بولۇپ كەتسەم دېگەن يېرىمدىن چىقالماي قالسا،كۈڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ كېتىدۇ.،

شىىرئەلى 2013-07-27 14:25
مەنچە بۇگەپلەرنى  قىلماق  تەس........ئۇنىڭ ئۈستىگە  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز غىمۇ  تازا باپ كەلمەيدىكەن............       

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-27 15:09
بۇلىدىغان گەپلەركەن،قىنى بىر قاتتىق غەيرەتكەكىلىپ سىناپ باقايلى جۇمۇ!   

gulhan 2013-07-27 17:06
ھوي  يىگىت: ئىتىپ بەرگەن تامىقىغا رەھمەت ئېيتىشمۇ ماس كەلمەمدۇ. يەنە...

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-27 18:01
مەن ئىككى تۈرنى داۋاملىق دەپ تۇرىدىكەنمەن،باشقىلىرىغىمۇ جۈرئەت قىلىپ باقسام بولغۇدەك.

چوغلۇق1 2013-07-28 17:34
مەن بۇ سۆزلەر ئىچىدىن پەقەت بىرنىلا  ئاڭلاپتىمەن.ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۇشكە مۆھتاج.ئەپسۇس،بىزنىڭ ئەرلىرىمىز...

gulhan 2013-07-28 18:27
مەڭگۈ ھەممىز بىر كىچىك بالا. ئەرمۇ ئۇخشاش، ئايالمۇ ھەم.
  ئويلاپ بىقىڭ ، سىز بالىڭىزنى ئامراقلىق قىلىپ كۈندە نەچچىنى سۈيۈپ قۇيۇسىز؟!

ئەمدى بەختىمىز ، خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن ئۆز ھالال جۈپتىمىزگە چىرايلىق، مېھىرلىك سۆزلىسەك بولماسمۇ؟!   

kamalat 2013-07-29 00:28
ئۆز  ئايالىغا   دىمىگەن   بىلەن   باشقا ئاياللارغا   دەيدىغانلار   بار جەمىيىتىمىزدە.

tolunay 2013-07-29 11:28
ھەممىسى بىز ئاڭلاشنى خالايدىغان گەپلەر ئىكەن ..

شىىرئەلى 2013-07-30 14:42
     مەن ئاۋال ئانامغا دەي  ماڭا تىخى ۋاقتى باركەن.....

مېھرىبان 2013-08-01 15:16
باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىغان ئادەم    خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنى قەدىرلەش، ماختاش ، قىسقىسى ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى بىلىش پاراسەت جۈملىسىدىندۇر، ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە!
ھەر بىر كۈننى پۇرسەت دەپ بىلىش كېرەك ، شۇنداقمۇ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 23:08
باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىغان ئادەم    خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنى قەدىرلەش، ماختاش ، قىسقىسى ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى بىلىش پاراسەت جۈملىسىدىندۇر، ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ، رەھمەت سىزگە!
ھەر بىر كۈننى پۇرسەت دەپ بىلىش كېرەك ، شۇنداقمۇ؟


查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ كۈڭلىنى ئۇتىدىغان ئون جۈملە سۆز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us