查看完整版本: [-- قۇتادغۇبىلىگ (ئەسلى قوليازما) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىلكىتاب -> قۇتادغۇبىلىگ (ئەسلى قوليازما) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-27 07:51
قۇتادغۇبىلىگ (ئەسلى قوليازما)
 Birhon
بۈيۈك ئۇيغۇر (ھەم شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ پەخرلىك) ئالىمى يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىگ (قۇتادغۇبىلىك) نىڭ ھازىرغىچە 3 خىل
 قوليازمىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1439 - يىلى ھىراتتا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا، ھازىر ۋىيېنا دۆلەتلىك كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ۋە «ۋىيېنا نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى قاھىرەدە ساقلىنىۋاتقان ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخا بولۇپ، «قاھىرە نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرقىسى ھازىر ئۆزبېكستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، «فەرغانە نۇسخىسى» ياكى «نەمەنگان نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ كىتابلارنى ئىلگىرى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە جۇڭگو ئالىملىرى رەڭسىز فاكسىمىل قىلىپ ئىشلىگەن. شۇ فاكسىمىل نۇسخىلارنى تۆۋەندە تەمىنلىدۇق.


چۈشۈرۈش:
«قاھىرە نۇسخىسى»
«ۋىيېنا نۇسخىسى»
«فەرغانە نۇسخىسى»
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى
---------
دېگەندەك، بۇ كىتابلارنىڭ رەسىمگە تارتىپ ئىشلەنگەن بۇ نۇسخىلىرى رەڭسىزلەشتۈرۈلگەن، ئەسلى سۈزۈك رەسىملىرىنى ئالاقىلىشىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، پات ئارىدا سۈپسۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ تەمىنلەيمىز.
يەنە بىر بۈيۈك نامايەندە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسلى قوليازمىسىنىڭ سۈپسۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلەندى. بۇ يەردىن كىرىڭ
مەنبە؛ئىزدىنىش مۇنبىرى.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-27 15:10
قىممەتلىك يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!   

gulhan 2013-07-27 20:36
ئەجرىڭىزدىن مۇنبەردە ماتىريال مەنبەسى موللاشماقتا.

koksangun 2013-07-27 23:09
بۇ قىممەتلىق بايلىقىمىزغا تەۋپىق مۇنبىرىدىن ئالاھىدە ئورۇن بېرىمىز،ھەم بۇ يازمىنى يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن نادىرلايمىز.

لاچىن 2013-07-28 07:29
    بۇ تېمىنىڭ يوللىنىشى بەك ياخشى بوپتۇ. رەخمەت.

ئايبىكە 2013-07-28 07:32
ھەرقايسىڭلارنىڭ ئىلھام ۋە مەدەتلىرى بىلەن يېڭى ئايىغى چىققان بالىدەك تىل-ئەدەبىياتنىڭ قىڭغىر-قىيسىق يوللىرىدا تەمتىلەپ كېتىپ بارىمەن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-28 23:55
بەك ياخشى تېما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت،ھەشقاللا.

nadiraay 2013-07-29 10:11
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2013-07-29 22:48
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ . كۆپ رەھمەت !!!

لاچىن 2013-08-06 23:24
    نىمە دېگەن ياخشى خەۋەربۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىز ۋە تارىخىمىزغا ئائىت يادىكارلىقلىرىمىز  ئاستا-ئاستا ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلاۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئىش.

natiwan 2013-08-13 22:15
تولىمۇ ساۋاپلىق ئىش قىپسىز


查看完整版本: [-- قۇتادغۇبىلىگ (ئەسلى قوليازما) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us