查看完整版本: [-- كەل ، ھاياتقا توموز تۇغايلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كەل ، ھاياتقا توموز تۇغايلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2013-07-26 13:47
كەل ، ھاياتقا توموز تۇغايلى
كىم بىلىدۇ چېچىڭ شامالمۇ ؟
ھەسەن –ھۈسەنمىكىن زىنىقىڭ .
ساندۇقىڭدا ئۇخلايدۇ ئالەم ،
نىمانچىلا راھەت تىنىقىڭ .
سويۇلماقتا كۈندۈز تېرىسى ،
راھەت ئازاب يېنىڭدا ئۈزەر .
ئىشقا چىقىپ تۇرمۇش چويلىسى ،
لەيلەپ چىققان غېمىڭنى سۈزەر .
ئوڭشالماستىن  سۈكۈت ماتۇرى ،
ئۆستى غەيۋەتخورنىڭ تىرنىقى .
ئۇسسۇزلىقى قانماي ۋىسالنىڭ ،
كېڭەيمەكتە كۆڭۈل يېرىقى .
مۇنازىرە قىلسۇن ئادىللىق ،
ساداقىتىم سېپى قولۇڭدا .
كىملىكنى يىرتسۇن موھتاجلىق ،
بەرىكەتلەر قالسۇن بويۇڭدا .
يېرىلماقتا  چاڭقاق چۈشلىرىم ،
نەق ئالامسەن ياكى نېسىمۇ ؟
بىر لېۋىڭنى بەرگىنىڭ قانداق ؟
ئاخىرىمۇ ياكى بېشىمۇ ؟
ئاچچىق ئىكەن قوش مېغىزىمىز ،
تەنقىد بىزگە ئەڭ ئېسىل دورا .
ئىپار بولۇپ دائىم ھورلىناي ،
سېغىنغاندا ھېدىمنى پۇرا .
قارماق تاشلا  كەمتەرلىكىمگە ،
ئېزىپ، سوقوپ، قۇرتىۋال مېنى .
تۈگىمىسە ئەگەردە كېچەڭ ،
كۆيۈپ بېرەي يورتىۋال مېنى .
ئېيتقىن نىگار نىكاھ كەشىڭنىڭ ،
دەل كەلگۈدەك دىل پارى قانچە ؟
يىقىنلىشاي بولۇپ ماياتنىك ،
چۈشلىرىڭنىڭ پارۇلى قانچە ؟
تۈگەنچە
ئەھمىيەتسىز تۆكىلىۋەرگەن ،
دەقىقىنى ئەمدى بوغايلى .
تەششەككۈرلەر بولسۇن بالياتقۇ ،
كەل، ھاياتقا توموز تۇغايلى .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن

ئايبىكە 2013-07-26 14:28
«كىم بىلىدۇ چېچىڭ شامالمۇ ؟
ھەسەن –ھۈسەنمىكىن زىنىقىڭ .
ساندۇقىڭدا ئۇخلايدۇ ئالەم ،
نىمانچىلا راھەت تىنىقىڭ .»

تاتلىق لېرىكىلىرىڭىزنى ئوقۇسام ئاجايىپ خىياللار قاينىمىغا چۈمۈپ كېتىمەن.قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.ئويناق تەپەككۈرىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.

ھەزرەت 2013-07-26 19:32
ياخشى يېزىلىپتۇ ....شېئىردىكى  باغلانما  تەسەۋۋۇر  جانلىق  بوپتۇ .

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-26 20:10
شئېرى تەپەككۈرىڭىزدىن ئۆرگىلەي !     

gulhan 2013-07-26 23:30
باغلانما تەسەۋۇر كانىنى تىپۋالدىمىكىن دەيمەن ئابلەت مۇئەللىمنى....

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-26 23:35
نادىر لىرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

koksangun 2013-07-27 00:25
«قارماق تاشلا  كەمتەرلىكىمگە ،
ئېزىپ، سوقوپ، قۇرتىۋال مېنى .
تۈگىمىسە ئەگەردە كېچەڭ ،
كۆيۈپ بېرەي يورتىۋال مېنى .»
ئاجايىپ ئېسىل لىرىكىدىن ھۆزۇرلاندىم بۈگۈن ، ئەجرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

nadiraay 2013-07-27 11:37
ئېسىل لىرىكىلارنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

koksangun 2013-07-27 23:41
نادىر ئەسەرلەر ئۈزۈلمىگەي!

ablatmuhamma 2013-07-28 00:46
مۇشۇ كاننى ئىزدەۋەتقىلى بىزگە نەچچە ئەسىر بولدى ، ئىزدەۋەتىمىز قېرىندىشىم

ئايبىكە 2013-07-28 07:30
كىلاسسىكلىرىمىز نېمىشقا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازىدىغاندۇ دېسەم ئەسلىدە ئۇلار ئىمان ۋە ئىتىقاد بىلەن ئەسەر يازغاچقا يۈرەككە تېگىپ،روھىمىزدا ئويغىنىش،ئىدىيىمىزدە سىلكىنىش پەيدا قىلالايدىكەن.چوڭقۇر پىكىرلىك شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ،ئويلاپ قالىمەن گاھىدا.

ئەكبەرنىياز 2013-07-29 22:41
داۋاملىق ئالغا قېرىندىشىم ! سىزگە «تۇرپانغا كەل » نى ئېيتىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ !!!


查看完整版本: [-- كەل ، ھاياتقا توموز تۇغايلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us