ئەنۋەرچەرچەن |
2013-07-23 22:52 |
رەڭ ــ ماددي دۇنيانىڭ قۇياش نۇرىنى قۇبۇل قىلىشدىكى ئاكتىپلىقى ياكى پاسسىپلىقى بىلەن ئىنسان سەزگۈسىدە ئىپادىلەنگەن خىلمۇ-خىل كۆرۈنۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ماددىي دۇنيادا ئوبىكتىپلىققا، سەزگۈ دۇنياسىدا سوبىكتىپلىققا ئىگە. !J[3U
ئۇيغۇرلار ھەرخىل رەڭدىن ئوزگىچە ئىستىتكىلىق لەززەت ئېلىـپلا قالماستىن، رەڭدىكى كىشىـگە بېرىدىغان ئوخشىمىغان تۇيغۇنـىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئوزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۇشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۇرمۇشىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ سىمۋوللۇق بىشارىتى سۇپىتىدە قولىنــىپ ئىشلەتكەن. KGkzE ھەرخىل رەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاق، قىزىل، كۆك، سېرىق رەڭلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە دىننې ئەقىدىسىگە زىچ ماسلاشقان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرۇپ-ئادىتىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك رول ئوينىغان. Lm9y!>1"O 1) ئاق رەڭ BN@*CG ئاق رەڭ خەلقىمىز ئېڭىدا بەخىت-ئامات ، ياخشىلىق، پاكلىق ، ئالىيجاناپلىقنىڭ سىموۋولى دەپ قارالغــان. بۇخىل قاراش خەلقىمــىزنىڭ ئىپتىدئىي ئېتىقاتىدىن تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكـتە. J}TS-j0 مەسىلەن: سەپەرگە چىققانلارنى ئۇزىتىشتا «ئاقيول بولسۇن» دەپ ياخشى تىلەكتە بولۇش، سۈتنى ئۇلۇغلاش، قارنى بەخت-ئامەتنڭ بەلگىسى دەپ بىلىش، قىزلار تويى بولغان كۈنى ئاق رەڭلىك كۆڭـلەك كىيىش، ئۆي-ئىمارەتلەرنى ئاقارتىش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممسدە ئاق رەڭ ئۇلۇغلانغان. Fm{Ri=X<: بۇنڭدىن باشقا ئاق رەڭنى ئۇلۇغلاشقا ئائىت چۇشەنچىلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇنى بىر قەدەر قەدىمىيرەك بولغان نەمۇنىلەردىن ئىزدىگەندە، مەشھۇر داستان «ئوغۇزنامە» بۇددىزىـم ئېتىقاتـى دەۋرىدىكـى بۇددا دىنــى ئەقىدىلىرى مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلەردىن «ئىـككى تېگىننىڭ ھېكايىــسى»، «ئىرق بېتىك» قاتارلىق ئەسەرلەردىـمۇ ئاق رەڭ ياخشىلىق ۋە بەخت-ئامەتنىڭ بىشـارىــتى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. 5SK{^hw ئاق رەڭنىڭ سىمووللۇق مەنىسى ھازىرمۇ مەۋجۈت. دوختور سېستىرالارنىڭ ئاق خالات كىيىشى، بىمارلارنىڭ نىجاتكارىغا سىمۋول قىلىنغان. ئۇيغۇرخەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىـمۇ ئـاق رەڭ يۇقۇرقىدەك ئوزگىچە سىمۋوللۇق مەنە بىلەن ئىپادىلەنگەن. /Yc!m$uCW
2) كۆك رەڭ kYz)h كۆك رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭىدا ياخشىلىق ۋە ئامەتنىڭ سىمۋوللۇق بىشارىتى سۇپىتىدە گەۋدىلەنگەن. \^?BC;s^C «كۆك» سۆزىنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك مەنىسى بار، يەنى كۆك ـــ تەڭـرى، ئاسمان، ئەسلى(كۆكۈڭ قايسى)، كۆكلـە (ياشا، ياشارماق)، كۆك (كۆكتات، ئوت-چۆپ) قاتارلىقلار. ' G-]> بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىمىز، «كۆك» سۆزىنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ، بىرى، تەڭرى مەنىسى؛ يەنە بىرى، رەڭنى بىلدۈردىغان مەنىسى. تېخىمۇ كونكىرت ئېيتقاندا، كۆك رەڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا مۇقەددەس رەڭ چۈشەنچىسىگە كۆتۈرىلىشى، ئۇنىڭ خەلىق ئېڭىدىكى تەسىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ?
8S0 قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە كۆك رەڭنىڭ بۇيۈكلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلاھى قۇدرەتنىڭ سۇپىتى ياكى ئىسمى ئورنىدا قوللىنىشنىڭ مەلۇم ئىجتمائىي ئاساسى بار. z}s0D]$+x يايلاق مەدەنيىتىدە يېشىللىق ھاياتنىڭ ئاساسى، دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسمەنلىك كۈچەيگەنىدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى «تېلى قوشىقى»دىكى ئاتا- بوۋلىرىمىزنىڭ يېشىللىققا باغلىغان ھاياتلىق پائالىيىتىنى، «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى كۆك رەڭگە ئائىت بايانلارنى مىسال كەلتۈرۈشىكە بولىدۇ. s7SW4ff1 شامانىزىم ئېتىقادى دەۋرىدە تەبىئەت ئىلاھچىلىقىنى مەركەز قىلغان ئاسمان، يۇلتۇز، شامال، يامغۇر، چاقماق قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە «كۆك» سۆزى تەڭرىگە تەققاسلىنىپ، بۈيۈكـلۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 0X
`Qt[ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن كۆك (ئىلاھ) چۈشەنچىسدىن ئالەمنى بىنا قىلغۇچى «ئاللاھ» ئۇقۇمى پەيدا بولۇپ، ئۇ كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى. ئەمما، كـۆكنىڭ خەلق ئېڭىدىكـى سىموۋوللـۇق مەنىسـى (ئىستىتىكىلىق مەنىسى) ئۆزگەرمىدى، بەلكى ئادەت سۈپىتىدە خەلق ئارىسىـدا ھازىـرغىچـە ساقلىنىپ كەلدى. 2 مەسىلەن: قايغۇ-ھەسرەتكە دۇچار بولغاندا كۆككە قاراپ ئىلتىجا قىلىش، يىشىللىقنى قەدىرلەش، تەبىئەتنىڭ تۇنجى مىۋىسى (كۆكى) گە بولغان ھېرىسمەنلىك، بېدە كۆكىدە كۆك چۆچۈرىسى ئېـتىپ، ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم -قوشنىلارغا يېڭىلىق تۇتۇش ئۈمۈدى، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. \)DP(wC 3) قىزىل رەڭ /lm;.7_J+ ئۇيغۇرلار قىزىل رەڭنى ياخشىلىق، خوشاللىقنىڭ، بەخت-سائادەت، گۈزەللىك، جەڭگىۋارلىق، غەلبىنىڭ سموۋوللۇق بىشارىتى، دەپ قارايدۇ. [E2afC>zrl ئۇيغۇرلاردا قىزىل رەڭنـىڭ يۇقىرقـىدەك مەنىلەرگـە ئىگە بولىشى ئۇلارنـىڭ ياشـىغان جۇغراپىيلىـك شارائىـتى، ئىپـتىدائىي دىني ئېتىـقادلىرى ۋەتارىخي كەچۈرمىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەدرىجـي ھالدا، نىسپىي مۇقىم مەنىسى بىلەن ئۇلارنىىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئەكىس ئەتكەن. $91c9z;f^ مەسلەن: ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە، توي-تۈكۈن بولسا،قىز تەرەپكە ئاپىرىدىغان قوينىڭ بېشىغا قىزىل رەخت باغلاپ قويىدۇ. توي كۆچۈرۈش ھارۋىسىغا قوشۇلغان ئاتلارغا ياكى ھازىرقى زاماندىكى توي كۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا قىزىل رەخت باغلىنىدۇ... y^pk)`y8 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى تەسۋىرىي ۋاستىلىرىدە قىزلارنى قىزىل گۈلگە ئوخشىتىدۇ. قىزلار، ياش چوكانلار قىزىل كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قىزىل رەڭنى ياشلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. *Z KI02M 4) سېرىق رەڭ utQE$0F سېرىق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئادىتىدە قۇياشقا ، مول-ھوسۇلغا، ئالىيجاناپلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ. A0cC)
bd& ئۇيغۇرلار سېـرىق رەڭـنى ئالتۇن رەڭ دەپ ئاتايـدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەئـىي تەسەۋۋۇرىـدا قۇياشنـىڭ نۇرلانغـان مەزگىلى «ئالتۇندەك پارقىرغان قۇياش» دەپ تەرىپلەنسە، مول-ھوسۇللۇق بۇغدايلار « ئالتۇن باشاقلىق بۇغدايلار» دەپ سۈرەتلىنىدۇ. يەنە ئەدەپ- ئەخلاقلىق ياخشى بالا «ئالتۇندەك بالا» ياكى «ئالتۇندەك قىز» دەپ ئالتۇنغا ئوخشىتىلىدۇ. Va\dMv-b ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۈزەل- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگىمۇ ئالتۇن رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى نەققاشچىلىق سەنئىتىدە ھەشەمەتلىك ئمارەتلەرنىڭ گىرۋەك نەقىشلىرىگە ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلىدۇ. V?
w;YTg ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ چۈشەنچىسىدە سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرۈش ئادىتى ئۇلارنىڭ قەدىمقى قۇياش تەڭـرىگە سېغىنىشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. syA*!Up لېكىن، بەزىدە سېرىق رەڭ چۈشكۈنلىككە، روھسىزلىققا، پەرىشانلىققا سمۋول قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. )(9>r/bq
|
|