查看完整版本: [-- مېھمان:مىنىڭ تەنھالىقىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مېھمان:مىنىڭ تەنھالىقىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مېھمان 2013-07-23 19:56
مىنىڭ تەنھالىقىم
سەيدىمۇھەممەد مېھمان

پايتەخىتنىڭ ئايسىز ئاخشىمى،
مەن ئولتۇرغان دېسكۇخانىدا.
يىغىلىشىپ نەچچە خىل مىللەت،
ھاياجاندا تۇردۇق تانسىغا.

سىنىڭ ئۈچۈن سۇنغان قوللىرىم،
ئېيتالمىغان تالاي سۆزلىرىم.
ئورۇندۇققا كەتمەكتە سېڭىپ،
سېنى ئىزدەپ تالغان كۆزلىرىم... 
سەن يوق بۇ يەردە-ئەمما روھىڭ بار،
ئامالسىزمەن يۇشۇرۇشقىمۇ،
ئەڭ بىچارە سېغىنىشىمنى...

بىر رومكا شامپان سەن،
لېۋىمنىڭ ئىزلىرى قالغان.
ئارىمىزدا سوغۇق ھاياجان،
«مەس بۇلىمەن»دىگىنىم يالغان.

بۇ يەردە بىر قىز بار،
كۆزلىرى دېڭىزدەك تىنىق.
ئۇتالمىدى ئەمما كۆڭلۈمنى،
چىقارسىمۇ ھەر قىسما قىلىق.

 3
ۋاقىت مىنى غاجىلىماقتا،
سېغىنىش بوينۇمغا گېرە سالماقتا.
خىياللىرىم چىگىش شۇ قەدەر،
سېنىڭسىز كۈلگىنىم راستىنلا ساختا.

بىلمەيسەن بەلكىم،
بۈگۈنكى ئۇلۇغ غېرىپلىقىمنى.
بىلگەن بولساڭ بۇنى ناۋادا،
ئازاپلىماس بولاتتىڭ مىنى.

22-ئېيول بېيجىڭ



تۆتتاش 2013-07-23 22:07
پايتەختتىكى پائالىيىتىڭىز كۈڭۈللۈك بولغاي.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 22:42
بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.

uzqak 2013-07-23 23:12
غېرىپلىقىم لىرىكىنى يازىدۇ تىنماي،
ئەبجەش دۇنيايالاڭاچلا كېلىدۇ ئىسسىز .
يۈرۈكۈمنى  تىنىم تاپماي غىجايدۇ كۈچسىز
روھىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىرقار تىغسىز ...

kaqur 2013-07-24 00:02
ۋۇي، ئاكام بۇ يەردىمۇ باركەندە ئەسلى...
ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي

ئايبىكە 2013-07-24 00:15
پايتەختىمىز-بېيجىڭدىكى تەسراتلىرىڭىز بىلەن  مۇنبەردە ئورتاقلىشىدىغان بولدۇق.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-26 01:41
ياخشى يېزىپسىز ،ئىزچىللىق ياربولغاي!

ozqan 2013-07-26 22:03
شۇنداق تەبىي ھەم چىن ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرلۇپتۇ بۇ شېئىر ... بەك ياقتۇردۇم ، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ ...

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 12:17
ھەقىقەتەن چىن ھىسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلۇپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

ئايبىكە 2013-07-27 12:51
تاتلىق لېرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.


查看完整版本: [-- مېھمان:مىنىڭ تەنھالىقىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us