查看完整版本: [-- كىچىك يۈرەكتىن يېڭى قۇرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كىچىك يۈرەكتىن يېڭى قۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2013-07-18 20:05

ئەينەك دېرىزە

ئاپتوبۇس سايەڭنى كۆمگەندە ئاخىر،
دېرىزە تۈۋىگە بولدۇم مەن ھازىر.
كەينىڭگە يېنىشلاپ قارىشىڭ كۈتۈپ،
ئۆتمۈشنى يىپ قىلىپ مارجان ئۆتكۈزۈپ...

دېرىزە ئىچىدە يېڭى بىر كېچە،
ئۆڭگەن ئۆتمۈشلەرگە ئوخشايدۇ شۇنچە،
قىلار يۈرەكنى سەكپارە،
يوللۇرۇم يىراقتا، كۆزۈم كەينىمدە...

ئۆزۈمگە سۆزلىدىم ھېكايە،
باش پېرسۇناژمۇ ئۆزۈم
قىززىق - ھە،
پۈتكۈل ۋەقەلىكى ئويدۇرما
تەنھالىق،
ھاكاۋۇر ئازاب ئۇندا ھۆكۈم سۈرمەكتە...

ئەينەك دېرىزە،
بىز بۇرۇن تونۇشتۇق ئەلۋەتتە،
ئۇ يەردە بار تەبەسسۇم،
تۆكۈلگەن كۆزۈمدىن شۇنداقلا ئۈنچە...

ئەينەك دېرىزە،
بوران - چاپقۇن، ئاپتاپلىق كۈنلەر،
قەلبىمنى ئېزىدۇ ئوت - چۆپ ۋە گۈللەر،
ئايرىلىش، قىيماسلىق، رەشىك، سۆيگۈلەر...
يېنىككىنە يۈرەك تېۋىشى،
ھەممىسى قوشۇلۇپ يازدى ھېكايە.

ئەينەك دېرىزە - نېپنېپىز توسۇق،
شۇنداقلا مەن مەڭگۈ يېتەلمەس ئۇپۇق.

شـۇنچە تاتلـىق سـەن بەرگـەن ئـازاب

كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن،
چۈشلىرىمگە كېلىسەن قاپساپ.
دەرد ئىچىدە ئۆتسىمۇ كۈنۈم،
شۇنچە تاتلىق سەن بەرگەن ئازاب.

قايتا - قايتا ئاڭلايمەن يەنە،
سەن ئامراق كۈي - مۇزىكىلارنى.
كۈلۈپ تۇرۇپ پىغان چېكىمەن،
ئايلانغاچ سەن ماڭار يوللارنى.

تەبەسسۇمدا ئەسلەيمەن يەنە،
بىللە ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈمنى.
ئازابىڭغا چىلنىپ چىقىپ،
يوقىتىپمۇ قويدۇم ئۆزۈمنى.

شۇنچە تاتلىق سەن بەرگەن ئازاب،
ھېسلىرىمنى قاماللار ھەردەم.
شۇنچە ھەيران ئۆزۈم - ئۆزۈمگە،
دەرد ئىچىدە يەنىلا بەردەم.


بىر يانفۇننىڭ ھاياتى


ئۆتتى نەقلا يىگىرمە سائەت،
مۇزىكا ھېچ سايراي دېمەيدۇ.
ئوتتۇز يەتتە سېلتسىيەلىك تەن،
ئىسسىتالماس ئۇنى قىلچىمۇ...

بۇرۇن،
پەرىشتىدەك گۈزەل پىركازچىك،
ماختاپ ئۇنى ئۇچارغان كۆككە.
كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولغان،
بۇ يانفۇنمۇ ئاشۇ دەقىقە.
ئىللىق سېزىم تاراپ دىلىغا،
كۈلگەن ئىدى بىر خىل رەۋىشتە.

ئۆتتى نەقلا يىگىرمە سائەت،
نەپەس ئالدى بىر خىل تىنىقتا
"قارشى تەرەپ ئالدىراش" دېگەچ....

ئۇ سۈكۈتنى بۇزدى ئاخىرى،
ئىگىسىگە ئىسيان كۆتۈردى،
"دىت، دىت، مېنىڭ توكۇم تۈگىدى"



يايرىم بەرگەن توي باغىقى قولۇمدا

سۇس كۈلكىدە ياتار ئەنە جىلمىيىپ،
ئۈستىلىمدە ھال رەڭلىك توي باغىقى.
ئەتىرگۈلدىن ھىد ئالغانمۇ ئۇ قەغەز،
ئازاب بىلەن بىللە سىقار دىماقنى.

ئالتۇن ھەللىك نەقىش تۇتقان چېتىگە،
مۇڭ دەستىدىن يارتا بولغان يۈرەكتەك.
"تەكلىپنامە" كۆزلىرىمگە قادىلار
قان چىقىرىپ، ئۆتكۈر بىسلىق قىلىچتەك.

تۇتقان قولۇم تىترەيدۇ تىنىمسىز،
شىۋىرغاندا قالغان تەنھا ياپراقتەك.
كۆز ياشلىرىم سۆيۈپ ئۆتتى مەڭزىمنى،
بۇ سەۋدانى بەزلىمەكچى بولغاندەك.

بەخت مېنى مەست قىلغانتى ئەجەب - ھە،
سېنى سۆيدۈم چۈشۈم ياكى ئوڭۇمدا.
ئازاب مېنى يىراقلارغا ئېلىپ كەت،
يايرىم بەرگەن توي باغىقى قولۇمدا.


چۈش

چۈش كۆرگەندەك بولدۇم تۇيۇقسىز،
چۈش ئەمەستۇر بەلكى كۆرگىنىم.
ئويغانمايلا ئۆتۈشكە رازى،
چۈشۈمدە سەن مېنىڭ سۆيگىنىم.

ياپىراقلار تەۋرەر تىنىقسىز،
شىۋىرلىشار سۆيگۈ سىرىنى.
يامغۇر بولۇپ تۆكەر قەلبىمگە،
سېغىىشنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى.

مەن سۆيگەندەك سۆيەرسەنمۇ يار،
تېپىچەكلەر ئاجىز يۈرىكىم.
ساھىلىدا كۈتۈپ كېتىمەن،
شۇ ئەمەسمۇ مېنىڭ كۆيمىكىم.

ئوت بوپ يانار بۇندا سېغىنىش،
بەزەن يامغۇر بولۇپ تۆكىلەر.
لەپىلدەيدۇ تەنھا يۈرىكىم،
ئوت ئىچىدە جىمجىت ئۆرنتىنەر.



سۆيگۈ ساھىلى

قاپقاراڭغۇ، تىپتىنىچ كوچا،
يوپۇرماقلار شىۋىرلار ئاستا.
قىلىشماقتا بەلكى بىر غەيۋەت،
ياكى ئۇنى مازاق قىلماقتا.

جۇل - جۇل كىيىم يېپىنغان ساھىل،
يۈرىكىنى يىرتىپ يىغلايدۇ.
ئېچىنىشلىق، سوغۇق نالىسى،
بار قەلبنى قوچۇپ تىلغايدۇ.

ئىقرار قىلماس سۆيەرلىكىنى،
ئۆز - ئۆزىنى ئالدايدۇ شۇنداق.
كۆزلىرىدىن قاچقان سۆيگۈسى،
تۇتۇق بەرمەس ئۇنىڭغا ئاداق.

ساھىل بولدى سۆيگۈ يولىدا،
سۆيگۈ تىلەپ يۈرەر ئاشىقتىن.
سېغىنىشتىن ياسىغان قورغان،
بوغۇپ قويار ئۇنى ئاچچىقتىن.

يۈرىكىدە ئۆچمەس سۆيگۈسى،
گۈلخان بولۇپ ياندۇرار ئۇنى.
ساھىل بولۇپ يۈرگەن ئاشىقنىڭ،
تەنھالىقتىن ئۆچىدۇ ئۈنى.




ئـۇ شېئىـر ئـەمـەس، مېنىـڭ يـۈرىكىـم

مىسرايىمدا قوندۇرماق بولدۇم،
يۈرىكىمنىڭ بېغىشلىرىغا.
سەن كەلگۈچە كۈتمەكمۇ بولدۇم،
سورۇن قۇرۇپ كۇبلىت بېشىدا.

يۈرىكىمنى يۇغاردىم بىلگىن،
شېئىرىمنى خېمىرتۇرۇچ قىپ.
سەن يوق ھايات ئۆتىدۇ ئاران،
نەپىسىممۇ شۇنچىلىك زەئىپ.

قوقاس بولدى كۆيگەن يۈرىكىم،
يار ئىشقىڭدا ئەجەب ئۆرتىنىپ.
يوللۇرۇڭغا تىكىلەر كۆزۈم،
سېغىنىشىم چىقار يۆتىلىپ.

زەنجىر قىلدىڭ شېئىرىمنى سەن،
شۇنچە گۈزەل ئۈنچىدەك كۆرۈپ.
خائىن مىسرا ئاچار ھەممىنى،
سۆيگۈمنىمۇ بېرىدۇ ئۆرۈپ.

شېئىرىمنى تۇتتۇم قولۇڭغا،
ئۇ شېئىر ئەمەس مېنىڭ يۈرىكىم.
قاپاق تۈرۈپ، شىلتىساڭ خەنجەر،
شۇ ئەمەسمۇ مېنىڭ ئۆلمىكىم.




باھانەم يوق سېنى ئىزدەشكە


يوقاپ كەتسەم بىلمەيسەن پەقەت،
ياش تۆكسەممۇ سۈرتۈپ قويمايسەن.
ۋاز كەچسەممۇ كۆرۈنمەس بەدەل،
يۈرەك زارىم ئاڭلىيالمايسەن.

نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇش تەس يەنە،
بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشتىن.
نېمە ئۈچۈن گۈزەل نەرسىنىڭ،
كېتىشى تېز دائىم كېلىشتىن.

تېلىفۇنىمنى سايرىتىپ قالساڭ،
"قۇرۇق نومۇر" دەپ قالسا ئەگەر.
ئەپسۇسلىنىپ قويمايسەن ھەرگىز،
كۈنلىرىڭمۇ بىر ئىزدا ئۆتەر.

كۆرسەڭ،
يۈرىكىمنى بىر كۈنلىرى،
ئازاب چېكىپ، يىغلاپ كېتىسەن،
ئۇ يەردە بار پەقەت ۋە پەقەت،
سەن بەرگەن ئازابنىڭ ئىزنالىرى.

كۆرسەم،
مەنمۇ ھەم يۈرىكىڭنى،
يىغلاپ كېتەرمەن، بەلكىم - ھە
ئۈنسىز...
باردۇر ئۇ يەردە سېنىڭ ماڭا قاراشلىرىڭ
پەرۋاسىز، پەرۋاسىز!

ئاخىر،
رولىمنى بىلىۋالدىم،
يۈرىكىڭنى كۆرىۋالدىم،
تۇرمۇشۇڭدا مەن ئۆتكۈنچى مېھمان
بولساممۇ - بولمىساممۇ "مەيلى" دېدىڭ.

كۆچۈپ كەتتى يۈرەكتىن سۆيگۈ،
مەن سۆيگۈدە تەنھا مەلىكە.
سېغىنىشتا كۆيسىمۇ يۈرەك،
باھانەم يوق سېنى ئىزدەشكە.




سۆيۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشى

سۆيۈشكە تېگىشلىك بولمىغان لەۋدە،
سۆيدۈم مەن ئاشۇنداق سىرلىق كىشىنى،
سۆيۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشى.

ئوتلۇق بىر نەپەسلەر كىشەن سالىدۇ،
«سۆيمەيمەن» دەيدىغان نىدالىرىمغا.
كۆزلىرىم ئىزلارغا قاراپ قالىدۇ،
تەشۋىشتە تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىم بار.

مەن ئۇنى سۆيگۈ دەپ ئاتىماي دەيمەن،
«قىزىقىش ئاخىرى، تۇنجۇقتۇراي» دەپ.
ئۆلگۈر بىر ھېسلاردا ئېزىپ يۈرىمەن،
بەختىمگە يېنىشلاپ يازىمەنغۇ خەت.

سۇنۇلغان قوللىرىم قالىدۇ كۆكتە،
تۇتۇشقا قوللار بار سېنىڭ يولۇڭدا.
قۇترىغان ئويلىرىم قوپىدۇ ئۆكتە،
«سۆيگۈنى بار پەقەت سېنىڭ ئويۇڭدا»

سۆيۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشى،
گوياكى ياتلارغا يېزىلغان بىر خەت.
قىزىقىش ئىلكىدە ئاچىسەن ئۇنى،
ئوقۇشنى باشلايسەن قىلالماي تاقەت.

يۈرەكلىك «سۆيەتتىم» دېيىش قانچە تەس،
سۆيۈشكە تېگىشلىك ئەمەس كىشىنى.
ئازابقا تۇنجۇقۇپ كېتەي بولدى بەس،
ئۇنۇتاي كۆڭلىنى بەرمەس كىشىنى.

كېلىشى نائېنىق بولغان ئەتىدە،
سۆيسەممۇ مەيلىتى ئوچۇق - ئاشكارە،
سۆيمەسكە تېگىشلىك بولغان كىشىنى.



kaqur 2013-07-18 20:07
تـوڭـلاتـقـۇ

ئېنىقلىما يازدى قايتىدىن
بۈگۈنكى قۇياش...
ھايات قېلىش
كۈرەشتۇر ھامان...
بەزىدە ھاتتا كەسكىن جەڭ،
قىلچە يوق گۇمان...

بىز ئايلاندۇق توڭلاتقۇغا،
توكتىن ئۈزۈلگەن.
شۇندىن بېرى،
يېڭى پېتى ساقلىمىدۇق يۈرىكىمىزنى
بەدبۇي بىر ھىد پۇرايدۇ بەزەن.
كۆزلىرىمىز چىرىپ كەتتى بەلكىم بۇرۇنلا،
سالالمايدۇ زەن.
قۇلىقىمىز نېمە بولدى تاڭ،
ئاڭلىماس شەپە.

بىر مۆجىزە، مەنمۇ ھەم ھەيران
ئېغىزىمىز ساقلاندى شۇنچە
شۇنچە مۇكەممەل.
بارچىكى بۇيرۇقلارغا قىلىدۇ ئەمەل،
توختىماي ۋىچىرلار
«نام - ئەمەل،
نام - ئەمەل!»
باشقىلارغا تىلىگەچ ئەجەل،
تېرىغاچ جىدەل،
شۇنداقتىمۇ يانماس دېيىشتىن
«سېنى كۈيلەپ ئوقۇدۇم غەزەل!»




شـېـئـىـرىـمـدىـكـى سـەن

يېزىپ كىرسەم سېنى شېئىرىمغا،
قاپاق تۈرۈپ، بۇتنىدىڭ ماڭا،
مىسرالاردا قوزغالماي يېتىپ.

شۇنچە جەزبىدار،
بولۇپ كەتتىڭ مېنىڭ شېئىرىمدا،
شۇنداقتىمۇ قىلماي قانائەت،
يىلان كەبى نازۇك بېلىڭدە،
قەلىمىمگە چىقتىڭ يۆگىشىپ.

يازدىم ئاخىرى،
پۇلدار بايۋاتچە قىلىپ.
كېيىن،
ماڭا كۈلدۈڭ
ئاران جىلمىيىپ....

سىياھتىن ياسالغان يېپەك ياغلىق
يەلپۈندى
ياندىكى ژۇرنالدىكى بايۋەچچە مودېلنىڭ ئۈستىدە.
ئاندىن، ئېچىلدى كاللام ۋاللىدە قىلىپ.

ھېكايىگە ئەكىردىم سېنى،
داچىدا ئولتۇردۇڭ.
ئېسىل ماشىناڭ بار ئىدى يەنە
توغرا،
كەم ئەمەس يەنە نازىنىن بىر قىز.
ئۇ كىم دەمسەن؟
كىم بولسۇن، مۇھەببىتىڭدە ئەلۋەتتە.

ئېھ،
نەقەدەر خۇشال ئىدىڭ - ھە...
كېيىن...
بارچە ھەشەمەتلىك، بەختسىز سۈپەتلەر
قوينىغا تارتتى سېنى...
ئاھلىرىڭغا قىلماستىن پەرۋا،
قوغلىدى، يىقىتتى سېنى...

ئاخىر،
غايىپ بولدۇڭ
چۆكۈپ كەتتىڭ
ئۆز يىغاڭغا شۇنداق چىلىنىپ....




مـەيلىلـەرگـە كـۆنـدى بـۇ يـۈرەك

مەيلى دېدىم، بولۇپ ساڭا بىكېرەك،
يۈتكىنىڭدە بەرمەي ماڭا ئىز - دېرەك.
ئەلەملەردىن ماڭا ياغدى نىمچارەك،
«بوپتۇلا - ھە، كۆنەي» دېدى بۇ يۈرەك.

يۈرەك - باغرىڭ پۇچىلىنىپ ئۆلگەندە،
مەيلى دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ كەلگەندە.
ئازابلىرىڭ يەنە ماڭا بەخشەندە،
«كۆنمەي نېمە ئامال» دېدى بۇ يۈرەك.

دېرىزەڭدىن لەۋەنلەرنى مارىساڭ،
كىملىكىڭنى ھەتتا مەندىن يوشۇرساڭ.
قەلبىم ماڭا كۆتۈرسىمۇ قوزغىلاڭ،
مەيلى دېدىم، باشقا نە دەر بۇ يۈرەك.

ئاي - كۈنلەرمۇ بىر ئىزىدا ئۆتكەندۇ،
قۇترىغان ھېس قاياقلارغا ئۈسكەندۇ؟
گاھ ئىزدىشىپ، ئىزدەشمەيمۇ يۈرگەندۇ،
شۇلارغىمۇ كۆنۈپ قالدى بۇ يۈرەك.

يۈرىكىڭنى تۇتماق بولدۇڭ سوۋغىغا،
ساڭا بولغان سۆيگۈم مۇز بوپ قاتقاندا.
كۆز ياشلىرىڭ دەريا بولدى، ۋاي توۋا،
بۇلارغىمۇ كۆنۈپ قالار بۇ يۈرەك.

ئۇنتۇپ كەتتىم قەلبىمدىكى سۆيگۈمنى،
كۆرەلمىدىم كۆزدىن ئاققان يېشىڭنى.
ئاڭلىمىدىم ئاشىقلارچە سۆزۈڭنى،
مەيلىلەرگە كۆنگەن ئىدى بۇ يۈرەك.

مەيلى دېدىم «سۆيەتتىم مەن» دېسەڭمۇ،
ئىچ - باغرىڭنى ماڭا يېرىپ بەرسەڭمۇ.
تەسىرلەنمەس بولۇپ قالدىم قىلچىمۇ،
نە قىلساڭمۇ «مەيلى» دەيدۇ بۇ يۈرەك.





باشقىغا يار بولدى قەدىرلىمەستىن

يامغۇردەك ياغىدۇ ئۇنىڭ ياشلىرى،
يامغۇرمۇ ئاشالماس بەزىدە ھەتتا.
قاپقارا قۇيۇندا قالغاندەك بولۇپ،
ئەتراپنى قىلالماي يۈردۈمغۇ ئىلغا.

كەچكۈزنىڭ ئاداققى تەنھا ياپرىقى،
نىمجاندۇر، ئۈمىدنى ئۈزمەيدۇ يەنە.
ئۇ ئەنە گوياكى ئاشۇ يوپۇرماق،
دەيدۇ ئۇ: «مەيلىغۇ، بار يەنە ئەتە»

قىروۋدەك سوۋۇتتى سەن بەرگەن ئازاب،
ئۇ سېنى ئەسلىدە راستلا سۆيەتتى.
«قەدىرلە» دېمەكچى بولاتتى ئاران،
سىلكىنگەن قولىدا ئۈمىد ئۆچەتتى.

مەن ئۇنى ئاخىرى گەپكە كىرگۈزدۈم،
بۇ مۇدھىش كۈنلەردىن ئاتلاپ كېتىشكە.
مېھرىنى، قولىنى ئاڭا سۇنمىغان،
يۈرەكسىز ئىنساننى ئۇنتۇپ كېتىشكە.

بەختىنى تاپسىلا كۇپايە دەيتتىم،
مەيلىتى كەتسىمۇ قاراپ قويماستىن.
ئۇمۇ ھەم مېنىڭدەك ئاددىيلا بىر قىز،
باشقىغا يار بولدى قەدىرلىمەستىن.



يۇيۇنۇش

بەدبۇي ھىد، چىلىق تەر ئورىدى مېنى،
شۇنداق بۇ سۆيگۈنىڭ ئېغىر ھاردۇقى.
بىر ئىزنى چۆرگىلەپ ۋىسال تاپالماي،
قۇملۇقتا قالغاندەك بولدۇم گوياكى.

ياشىدىم يۈرەكنى يالىڭاچلاپ مەن،
مۇھەببەت ئۇلۇغ، دەپ شۇئارلار توۋلاپ.
ئەقىدە تىلىسەم سۆيگەن قەلبتىن،
كەتتى ئۇ باشقا بىر ۋىسالنى قوغلاپ.

«جاپانى چەكمىگەن ئاشىق بىلمەيدۇ، _
دەيدىكەن بوۋىلار، _ ۋاپا قەدرىنى.»
شۇ مەقسەت، ئىشەنچتە يۈردۈم مەن ساقلاپ،
يارىمنىڭ ماڭىلا بەرگەن لەۋزىنى.

شۇ چاغلار يۈرەككە ئەمدى بىخ سۈرگەن،
كۆرمىگەن مۇشەققەت ۋە يا جاپانى.
ياز كېتىپ، كۈزدىلا بولدىغۇ قاقشال،
بولدۇم مەن كەزگەندەك سەھرا كەبىرنى.

سۆيگۈدىن ئۈمىدنى ئۈزمىگىنىم راست،
چارچىدىم ۋە لېكىن تۇنجى مىسرادەك.
ئېچىلىپ قالىدۇ بەزىدە كۆڭلۈم،
بۇرۇنلا ئۇنتۇلغان ئاخىرقى بەتتەك.

«بولدىلا» يۈكۈمنى تاشلاپلىۋەتتىم،
ۋاپاسىز يار مېنى تاشلىۋەتكەندەك.
سۆيگۈمنىڭ ئاخىرقى شامى _ ھاردۇقى،
يۇيۇنۇش بىلەن تەڭ ئۆچۈپ كېتەردەك.

ۋىسال، دەپ چۈشىدۇ ھەتتاكى سۇمۇ،
سىرغىيدۇ گوياكى كۆزدىكى ياشتەك.
مەن بوزەك بولدۇممۇ پۈتكۈل ئالەمگە،
ئانىدىن ئايرىلغان بىچارە قۇشتەك.

دەردىمنى يۇيىمەن، دېگەن ئەسلىدە،
ئازابتا يۇيۇنۇپ چىقتىم ئاخىرى.
جۈمەكتىن چۈشكەن بۇ ھاكاۋۇر تامچە،
تېگى يوق ھاڭلارغا تاشلايدۇ مېنى.

ئازابتا يۇيۇنۇپ چىقتىم ھېلىلا،
شادلىقنى ئەتىرگە يۇغۇرۇپ چاچاي.
ۋىسالسىز، ئازابلىق كۈنلەرگە خوش دەپ،
بەختلىك كۈنۈمنى قايتا قوغلىشاي.




ئارىنى خىجىللىق باستىمۇ ياكى...

شوخ قەلبىم قاچانـدا ئۇچۇپ كەتكەندۇ،
نـاتونۇش ئاتالغان تونۇش يـەرلەرگـە.
ئـەسلىرىم قاچـاندا ۋەيـران بولغانـدۇ،
ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ ئاچچىق دەردىدە.

مەن ئۇنى «سۆيگۈ» دەپ ئاتىدىم كېيىن،
ھېلىقى مـۇئەللىم ئـۆگەتـكـەن گـەپـتـە.
ئـاشىقسىز مەشۇق دەپ ئاتـاپ ئۆزۈمنـى،
يـۈردۈم مەن تۇيـغۇمنى تاپالماي ھەپتـە.

ۋىـسال دەپ ئاتـالغان كـەمپۈتنى ئىزدەپ،
يۈردۈم مەن چۆلنى چۆل، تاغنى تاغ دېمەي.
پىنھانـدا يـۈرگىنىـڭ يـىـراقـتـىـن كـۆرۈپ،
تىلىدىـم «يېقىنــلاپ، يىـراق كـەتـمىگـەي»

شـۇنـداق پـاك، غـۇبارسىـز سـۆيگۈمنـى سـاقـلاپ،
بىر قـەدەم - قـەدەمـلـەپ ئـالـدىـم سـاڭـا يـول.
سـۆيـگـۈنىـڭ قـۇدرىـتـى ئـاشـۇنـداق ئـىكـەن،
سەن «ئوڭ» دەپ قالساڭ گەر، دېيەلمەستىم «سول»

قـاراقلار پاراللېل بولالماس ھـەرگىز،
دائىـملا كېسىـشەر بـاشقـا نـۇقتىدا.
زۇۋانـمۇ كانايدىن چىقىدۇ ئـاران،
تۈگىمەس سۆزلەرنى سۆزلەر ۋاقتىدا.

داۋاملاش تەس بولغان ئاددىيلا پاراڭ،
بـالدۇرراق تـۈگىسـە بـولاتتـى ئـەسلى.
تەسلىمسىز، تىزگىنسىز يۈردىمۇ كۆڭلـۈڭ،
ئـارىنـى خىجىللىق بـاستىمۇ يـاكـى...




ئەخمەق دېڭىز


مەن تونۇيمەن مۇنداق بىرىنى،
ئادەم ئەمەس لېكىن ئۇ دېڭىز.
چىرمىشىشتا ئۆتىدۇ كۈنى،
خىياللىرى گوياكى كىگىز.

مەن دېگەنمەن بەكمۇ بۇرۇندا،
بىلسەڭ دېڭىز مۇھەببەت ئەسلى.
مۇھەببەتمۇ دېڭىزدۇر كۆپكۈك،
كۈۋەجەيدۇ ھېلىدىن - ھېلى.

بار ئاۋازدا توۋلىدىم كۈچەپ:
_ ئەخمەق دېڭىز، ئەخمەق مۇھەببەت.
شۇ شۇئاردا قايمۇقۇپ تۇرۇپ،
ھاياتىمغا ئاچتىم يېڭى بەت.

ئۇ سۆيىدۇ قىرغاقنى شۇنچە،
سەن ھاۋانى سۆيگەندىنمۇ بەك.
نېمە سەۋەب، نېمە مۇھتاجلىق،
ئېغىزىنى ئاچقۇزماس ئەبەد.

شۇ يوسۇندا ئۆتىدۇ كۈنى،
قىرغاق تامان بېرىشنى كۆزلەپ.
قۇچاقلىشىپ كېتىدۇ يەنە،
سېغىنىشنى چېچىپ تۈمەنلەپ.

ئۇ قېلىشنى ئويلىماس زىنھار،
ئەخمەق دېڭىز، ئەخمەقچە سۆيگۈ.
ياد ئېتىپلا ئۆتكىنى بىلەن،
ھامان بىر كۈن بولار جۈدەڭگۈ.




ئـۆزۈمـچـە سـۆيـۈش

دېرىزەڭنى چېكىپ ئۆتكۈم بار،
ئۇ چەكـمىگەن دېرىزلىرىـڭنى.
تـىنىقىڭـنـى بـويـلىغىممـۇ بـار،
ئـۇ سىڭـمىگـەن تىنىقـلىرىـڭنى.

سـۆيۈلمىگەن لـەۋدە سۆيـۈلۈپ،
غىڭشىسام ئۇ ئـۇقماس ئـاھاڭدا.
ۋىـسالىڭغا ئېرىشسـەم دەيـمەن،
ئـۇ ئېسىڭدىـن يـۈتكەن ۋاقىتتـا.

مېنـى ئـۇ دەپ ئـويلىمـا ھـەرگىز،
چىـقار ئـۇنـى خىياللىـرىـڭـدىـن.
مېنـى مـەنچـە سۆيەلمىسەڭ، يـار،
يىتىـپ كېتـەي نىگاھـلىرىـڭـدىن.

ئـوخشىۋالغـۇم يـوقتـۇر ئـۇنىڭغـا،
سېنـى پـەقەت ئـۆزۈمچە سۆيسـەم.
بىر سـەن ئـۈچۈن ئۆزۈمچە يـاشاپ،
ئـۇ كۆرمىگـەن ئـوتلاردا كـۆيسـەم.


 
كۆيگەن يۈرەك


لاۋا كـەبى پـىژژىـدە ئـوت يـانـدى يـۈرەككـە،
ئىچ - باغرىنى قوچۇپ، تىلغاپ سالدى غەملەرگە.
«سـۇ، سـۇ» دەيدۇ بـۇ كۆيۈكتىن قۇتۇلماق بولۇپ،
ئـاۋازلىرى يـەتمـەس لېكىن قـوشنا _ بـۆرەككـە.

قايسى بىر چاغ سوقار ئىدى بىر خىل رېتىمدا،
(بەلكىم بـولسا كېرەك سېنى تېخى كۆرمەستە)
غەمسىز ئىدى، خۇشال ئىدى ھەر بىر كۈنىمۇ،
تـولمىسىمۇ ئـۇنىڭ ئىچى سـۆيگـۈ گـۈلىگـە.

سـۆيگۈ گـۈلى ئـۇرۇق بولۇپ تېرىلدى ئـۇندا،
بەك ئۇزاقتا (ياق، بەك تېزلا) بولدى ئۇ گۈلزار.
سـۆيگۈ ئـاتلىق ھەشقىپىچەك چىرمىغاچ ئـۇنى،
نـەپـەسنىمۇ تـەستە ئېلىـپ يىغلىدى زار - زار.

ئىشچان باغۋەن ساناپ سېنى تەلمۈردى ئۇزاق،
ئــۆمـەللىتىپ لـەۋلىرىـنى چـاقىردى ئــاران.
بەرھەق، ئـۇنى پۇتاپ قويساڭ بولاتتى پەقەت،
نـەپىسىمــۇ شــۇ چـاغـدىـلا بـولاتتـى راۋان.

گـۈزەللىككـە «ھەيھات» دېـدىڭ ھـەيرانە بولۇپ،
ۋاز كـېـچىشنــى ئـەسـلىدىـنلا قىلمىدىـڭ خـىيـال.
«باغۋەن بولاي مەن بۇ باغقا» دېدىڭ ئەڭ دەسلەپ،
«بـۇنچە ئىشلار يـەتـكـۈزەلمەس ھېچقانچە مـالال»

نـېمە بـولدى، كېيىن مـەنمۇ بىلمەيلا قالدىم،
يېڭى بىر باغ توسىۋالدى بىر جـۈپ كـۆزۈڭنى.
بـۇ بـاغقىمۇ يېڭى ئىگـە بـولۇشنى ئىستـەپ،
يوقاتماقچى بولدۇڭ سېنى سۆيگەن گۈلزارنى.

ئەي ۋاپاسىز، قولۇڭدىكى قايچىنى ئالدىڭ،
قىرقىمىدىـڭ، يىلتىزىدىـن كـېسىپلىۋەتتىڭ.
قايتا ئۈنگەن ئۇ بىخلارنى توسۇپ بولالماي،
نېمە قىلدىڭ - ھە ئاخىرى؟ كۆيدۈرىۋەتتىڭ!

لاۋا كـەبـى پىژژىدە ئـوت يـاندى يـۈرەككــە،
«سۇ، سۇ» دەيتتى بۇ كۆيۈكتىن قۇتۇلماق بولۇپ.
ئـاڭلىماسقـا سېلىپ تـېزلا كەتتىڭ بـۇ يەردىـن،
يـەنـە يېڭى - يېڭى بـاغنـى كۆيدۈرمەك بولۇپ.

kaqur 2013-07-18 20:08
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئالدىنقى يىلى كۈندە دېگۈدەك ئەرزىمەس قۇرلىرى بىلەن بېشىڭلارنى ئاغرىتىپ يۈرگەن قىز كەچۈر ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ....
سىلەرنى شۇنداق سېغىنىپ تۇرىمەنۇ، ھېچ ئەسرالىشىپ بولالمىدىم. مەنغۇ يوقاپ كەتتىم ئەمەس، مۇنبەرنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىمەن، ئاندا - ساندا ئىنكاس يېزىپ قويىمەن. لېكىن، شۇ... شۇ... تېما يوللاشتىن ئەيمىنىپ يۈرگەن ئىدىم، بۈگۈن ئۇستازلارنىمۇ بۇ ئوماق قىزنى سېغىندىمىكىن دەپ ئويلاپ تېما يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن مانا...
(قېرى خوتۇندەك كوتۇلدايدىغان بولۇپ كېتىپتىمەن جۇمۇ، مۇشۇ يەردىلا توختاي - ھە بولدى)

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-18 21:32
يوللىغان تېمىلىرىڭىزغا رەخمەت

uzqak 2013-07-18 22:21
ئەلۋەتتە سېغىندۇق ئۇماقنى، نەگە يۇقاپ كەتتىكىن دىسەم ئەسلى ئىلھام بۇلاقلىرىدىن زەمزەم ئالغىلى كېتىپسىز -دە! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!  

ئايبىكە 2013-07-19 10:02
تاتلىق لېرىكىلىرىڭىز سىزگە ئوخشاشلا ئۇماق ئىكەن.سۆزلىرىڭىز تېخىمۇ تاتلىق .ئۇشبۇ قەلب تامچىلىرىڭىزنى كۆزۈم بىلەن بىلەن ئەمەس ،ئويغاق تەپەككۈرۈم بىلەن ئوقۇدۇم.ئىلھام بولاقلىرىڭىزغا ئىزچىللىق يار بولغاي.

kaqur 2013-07-19 16:16
رەھمەت ھەدە...
يوقاپ كەتمىدىم، كۈندە دېگۈدەك مۇنبەردە بار...
مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا تېلفۇندا بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ يۈردۈم مۇنبەرنى...
شۇ خېلىدىن بېرى مۇنبەرگە شېئىرلىرىمنى يوللىماپتىكەنمەن، ئۇستازلاردىن تەلىم ئالاي دەپ يەنە يىغىپلا يوللىۋەتتىم..

gulhan 2013-07-19 22:04
سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق، سىڭلىم.
تاتلىق لېرىكىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

ئەكبەرنىياز 2013-07-19 23:46
يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشسۇن رىشتە ،
ئىلھاملار قاينىغاي ، ئىلھامنى سېزىپ .
ھەممىمىز بىلىمىز بۇ ئىشق يامان ،
سىرداشلار سىردىشار مىسرالار كېزىپ !

قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ ئىلھاملار يار بولغاي !!!

sardar 2013-07-20 16:19
يىقىملىق ئىكەن

kaqur 2013-07-20 16:55
شېئىرلىرىمنى ياقتۇرغان ئۇستازلارغا رەھمەت، مەن يەنە تەكلىپ - پىكىرلەرگە موھتاجمەن

گۈلزىبا 2013-07-20 16:59
ئەلۋەتتە جېنىم ، قىزىم ئىككىمىز بەكمۇ سىغىنغان ئىدۇق ، سىزنىڭ تىما بىزەكلىرىڭىزگە قىزىم بەك ئامراقتى ئەمەسمۇ ؟ خۇددى مەن شىئېر لىرىڭىزغا ئامراق بولغاندەك .

kaqur 2013-07-20 20:17
ھى...ھى... رەھمەت ھەدە...
قىزىڭىزغا مەندىن سالام، ئوماق بېزەكلەرنى تاپساملا ھوزۇرۇڭلاردا داۋاملىق بولىدۇ

تۆتتاش 2013-07-22 00:44
مەنمۇ سىزنى نەچچە رەت ئىزدىسەممۇ تېپىلمىدىڭىز،مەن تېخى سىزنى كۇلىدىكى قاراقچىلار بۇلاپ قاچتىمىكىن دىگەن،ھېلىھەم بولسىمۇ  سالامەت كىلىپسىز،مۇشۇنداق كۈرۈشكىنىمىزمۇ چوڭ ئەۋزەل.
مەرھابا، ئەمدى مۇنبەر تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغايسىز.
ئەمدى قاچماڭ ھە.
ئادەمنى ئەنسىرىتىپ

تۆتتاش 2013-07-22 00:44
ئەسلىدە سىز ئېنىرگىيە توپلاپ يۈرۈپتىكەنسىز، شېئىرلىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،ئاپىرىن سىزگە

تۆتتاش 2013-07-22 00:45
ئەمدى ئىزچىللىقىڭىزنى ساقلاپ مۇنبەرنى كۈندە يېڭى نادىر تېمىللىرىڭىز بىلەن بېزىگەيسىز.

kaqur 2013-07-22 00:46
ھا...ھا.. كېچىدە ئادەمگە كۈلكە ئاتا قىلىپ بۇ ئاكام، ئەجەب خۇش قىلدىڭىزا...
مەن سالامەت، ئۇستازلارنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ، مۇنبەرنى دائىم زىيارەت قىلىپ، ئاندا - ساندا ئىنكاس يېزىپمۇ تۇردۇمغۇ تېخى...
ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇ - بۇ ئىشلارنى دەپ ئالدىراش بولۇپ قالغان شۇ، تەتىلدە ئاران شىمال - جەنۇبنى پەرق قىلغۇدەك بولۇپ مۇنبەرنى تېپىۋالدىم مانا...

ozqan 2013-07-22 23:43
كەچۈر سىڭلىم : سىزنى ئىزدەشكە ئېلان چىقارغۇدەك بولغانىدۇق ، ھەر نېمە بولسا قايتىپ كەپسىز ، بەك خۇش بولدۇم ...  تەۋپىق مۇنبىرى سىزدەك ھەممىدە كامىل ئىزباسارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، بولسا تەۋپىقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سىزدەكلەر تولىمۇ مۇھىم ...
سىزگە بولغان رىشتىمىز خېلى چوڭقۇر جۇمۇ ،مەن تېخى سىزنى:
_ ھەدە ، ئۈرۈمچىگە كېلىۋلدىم،- دەپ مېنى ئىزدەپ كېلەرمىكىن دەپمۇ ئۈمىد كۈتكەن .  
كوت-كوت توپىدىنمۇ  يوقاپ كەتتىڭىز ،بولمىسا مەن ئۆزۈم ئىزدەپ باراتتىم سىزنى...

kaqur 2013-07-22 23:53
ئۆزۈم نەدىلا بولماي مەن ھەر ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە... ھى..ھى.. رەھمەت ھەدە

ئەسلى شۇنداق قىلماقچى ئىدىم شۇ، بىراق كوت - كوت، ئۇ - بۇ دېگەندەك ئالاقە قۇراللىرىنىڭ ھەممىسىدىنلا قول ئۈزگەن ئىدىم، شۇڭا ئالاقە قىلىش سەل تەس بولۇپ قالدى... اللاھ خالىسا بۇ قېتىم بېرىۋېلىپلا سىزنى ئىزدەيمەن...


查看完整版本: [-- كىچىك يۈرەكتىن يېڭى قۇرلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us