hidayat |
2013-07-17 20:45 |
ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان ئەمەتجان ئەھەت
1 ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،ئىچىم ھىجرىڭدە قان دىلبەر، ماكانىم تار قەپەس،زىندان،ئەجەپ قىينالدى جان دىلبەر. كۈنۈم يىل،كۈندۈزۈم تۈندەك،پىراق ئۆرتەيدۇ ھەسرەتتە، نۇمۇسنىڭ خەنجىرىن تىغلاپ،زىمىن،ئاسماندا يان دىلبەر. بۈگۈن يالغۇزلۇقۇم مەنچە،بەختنىڭ ئىزنىدىن جىلۋە، قىنى كەل،زەيتۇنىڭ بىرلە،جېنىم سۇ بەلكى دان دىلبەر. ئۆزۈمگە شاھى-سۇلتانمەن،پايانىڭ بەھرىگە چۆككەن، ئازابىڭ قەسرىدە ئەردەك،تېپىپ ئىززەتۇ نان دىلبەر. قوقاسنىڭ ئاستىدا چوغدەك،يېلىنجاپ تاشلىدىم قاسراق، ھىدايەت مەنزىلى ئىچرە،ئۆزۈڭسەن بەلكى خان دىلبەر.
2
ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،نىجىس شەيتانغا قۇل بولغان، غۇرۇر-ۋىجدانى بىر تەڭگە،تىرىك ئەركىمدە تۇل بولغان. ئەقىلنىڭ جىلۋىسى يۈتكەن،تەبەسسۇمدىن نىمە مەنا، توزۇپ قۇمدەك سەپەرلەردە،تىنىم ئابادى يول بولغان. قېنىمنى رەڭ قىلىپ ئىچكەن،قەلەملەر ئىزنىدىن چەتنەپ، ئۈگۈتلەر سىھرىدە جۆيلۈپ،كىيەرىم بەلكى جۇل بولغان. ھايا-نۇر ئىلتىپات ئەيلەپ،پۈتۈلگەن قۇر-سەتىرلەردىن، تىتىپ ئاختۇردۇما ئەپتىم،بۈگۈن ئەكسىمدە چۇل بولغان. ھاياتنىڭ قوينىدا ئاخىر جىمىنى قايرىدىم ياپىر، كۈنى تۈن ئەسۇ يادىمدا،جىمىدىن تۆردە پۇل بولغان. ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،نىجىس شەيتانغا قۇل بولغان، ھىدايەت مەنزىلى ئىچرە،يۇرۇق ھۆر-تاڭغا ئۇل بولغان.
4
ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،پىغان قەلبىمنى ئەسكەندە، سائادەت دىلبىرى يىغلاپ،نۇمۇس قەددىمنى ئەگكەندە. تۇلۇنئاي جىلۋىسى يۈتكەن،ھايانىڭ بەتلىرى جۇل-جۇل، كەرەشمە نازى سۇمبۇلنىڭ،ئىچىمنى لەختە ئەتكەندە. ساتارنىڭ تارىدا مۇڭلۇق،قىلار بۇلبۇل غەزەلخانلىق، ماكانسىز قۇترىغان قۇز غۇن،گۈلىستان ئىچرە كۆچكەندە. قۇچاغىم كەڭرى غەمخانە،ئەسىرلىك ھەسرىتىم يالقۇن، ئۆزۈمنى ئىلتىپات ئەيلەپ،پۇتۇمنى كەكە كەسكەندە. ئاقار دەريا كۈلۈپ -ئويناپ،ئىلاھا ئىبرىتىڭ ھىكمەت، مىھىرنىڭ شەربىتى زەرداپ،بېشىمغا قامچا تەگكەندە. جاۋابىڭ شۇمىدى ھەيھات،مادارىڭ مەندە ئەي ئارسىز، ۋىسالىڭ زەيلىتىپ باغرىم،بېغىمنى شورا ئەتكەندە. كېتەرىڭ بولدى بەس ئاھىم،ماڭا ئالەمچە شادلىقتۇر، سويۇلغان ئەت كەبى ئەستىن،ئاتامنىڭ يادى كەچكەندە. ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،ئۆلۈمنىڭ خىتى تەككەندە، قىيامەت دەھشىتى بىرلە،ھىدايەت شولا سەپكەندە.
5 ئۆزۈمنى تىڭشىدىم پىنھان،ھىجىر دەشتىڭدە مەن سەرسان، ۋىسالىڭ دەملىرى يۈتكەن،كۈنىگە مىڭ چىكىپ ئەفغان. ئاقار يۇلتۇز كەبى چاقناپ،يۈرەككە ئوت سېلىپ ئۆتتۈڭ، ئەسىر ئەس-يادىما شۇندىن،ۋۇجۇدۇم ماگما ئوت-ۋولقان. قاچان كۈلگەن ئىدىڭ پارلاپ،تۈنۈم كۈندۈزگە ئايلانغان، جۇدايىڭ زۇلمىتى بىرلە،تىنىمدە قالمىدى دەرمان. كۈتۈپ يا بولدى ئوق قەددىم،سەبىرنىڭ تاقىتى چاك-چاك، تۇتارىم ئوۋدىكى ئولجا،پەدەرنىڭ كۆزى ياشلانغان. يانارمۇ كۆكتە ئاي-چولپان،يولۇمغا نۇر زىياھ ئەيلەپ، مۇناجات ئەيلىدىم ھەرچاغ،جېنىمغا يېڭى كۈچ -ئارمان. مىنىڭ ئاھ-ۋاھلىرىمى دىلبەر،ئىچىمدىن يالجىغان يالقۇن، شەرەپلىك تەقدىم ئەتمەكتۇر،كى ئەھدىم يۈز تۈمەن مىڭ جان.
مەنبە:ئىجادىم |
|