查看完整版本: [-- يازدا قانداق قىلغاندا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> يازدا قانداق قىلغاندا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايبىكە 2013-07-17 17:04
ياز پەسلىنىڭ كېلىشى بىلەن كېچسمۇ شىرىن ئۇخلاش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.قانداق قىلغاندا يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك يېتەرسىزلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،بۇنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار.
  بىرىنچى: ئنتايىن چوڭ بېسىم بولمىسىلا ئەتىگەندە ئويغىتىش  قوڭغۇرىقىغا تايانمايلا ئويغانغىلى بولىدۇ.ئەگەر بىزنىڭ ئۇيقۇمىز يېتەرلىك بولسىلا چوڭ مېڭە ئۆزلىگىدىن ئويغىنىدۇ.
  ئىككىنچى: ئەگەر يېتىپ  5مىنۇت ئىچدە ئۆزلىگىدىن ئۇخلاپ قالسا بۇ ئۇيقۇنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ھەددىدىن زىيادە چارچاشنى بىلىدۇرىدۇ.
ئۈچىنچى: كۈندۈزى ئوڭايلا مۈگدەش ئۇيقۇنىڭ يېتەرسىزلىك ئالامىتىنىڭ بىرى.
ياشلاردا ئۇيقۇسىزلىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟
1. ناچار مۇھىت ۋە ئادەت:
ياشلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسلى  بولشى  تۇرمۇشتىكى  ناچار  مۇھىت  ۋە  ئادەت  مۇناسىۋەتلىك مەسلەن:شاۋقۇن-سۈرەن نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئىسسق-سوغۇقنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بۇندىن سىرىت بەك تويۇپ كېتىش ياكى ئاچ قېلىش،ئۇخلاش ئالدىدا قاتتىق ھەرىكەت قىلىش ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشنىڭ  قانۇنىيەتسىز بۇلۇشى ئۇيقۇغا تەسر كۆرسىتىدۇ.
2. پسىخىكا ئامىلى:
   بۇمۇ ياشلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسلىنى قوزغاشنىڭ بىر سەۋەبى،نۇرغۇن ياشلار تۇرمۇش سەۋەبىدىن,خىزمەتتتىكى توقۇنۇش، قىيىنچىلىقتىن كىلىپ چىققان تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلۈك، جىددىيلىشىش،غەزەپلنىش ئويلىنىش قاتارلىقلار زىيادە كۆپ بولۇش ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ شۇڭا ياش دوستلارنىڭ ياخشى بولغان پسىخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك.
3. قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان يان تېلېغون ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسى:
نۇرغۇن ياشلار ئۆزىنىڭ تېلېفۇنى بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەيلى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن دائىم يېرىم كېچدىمۇ قىسقا ئۇچۇر بىلەن پاراڭلىشىدۇ ،بۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىزلىكىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىپ تېزلا ئۇخلاپ قالغىلى بولىدۇ
1.كۆڭۈلنى بىئارام قىلماي جىمجىت ھالەتنى ساقلاش.
ئۇخلاش ۋاقتىدا مۇلاھىزە قىلماسلىق ، جىق ئويلانماسلىق ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەددىن زىيادە كاللا ئىشلەتمەسلىك كارۋاتقا چىققاندىن كېيىن ھەر خىل خىياللارنى چىقىرېۋىتىپ كۆڭلىنى ئەركىن تۇتۇش، بۇندىن باشقا ياتاق ئۆي مۇھىتنىڭ ئازادە ،ھاۋانىڭ ساپ بولىشى، ئورۇن-كۆرپىنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
2. مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ بەدەننىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامداش
ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسق ئادەم بەدىنى تەرلەش ئارقىلىق بەدەن ئىچىدىكى سۇنى چىقىرىپ بەدەن تېمپېراتۇرا تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ ،مۇۋاپىق ھالدا سۇ تولۇقلاشنىڭ زۆرۈريىتى بار كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپىنچىلەر ئىسسق ھەيدەش ئۈچۈن ئۇخلاش ئالدىدا بىر ئىستاكان توڭلىتىلغان سۇ ئىچىدۇ، بۇنداق سۇ تولۇقلاش ئۇسۇلى بەدەننىڭ قوبۇل قىلشىغا پايدىسز ۋە ئۇيقا سۈپىتىگە تەسىر قىلىدۇ .
ئۇيقۇسىزلىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش
ياڭاق كۈنجۈت ئۇمىچى
ياڭاق مېغىزىدىن 20گىرام قارا كۈنجۈتتىن 10گىرام گۈرۈچتىن 50گىرام سۇ قوشۇپ قاتنىتىپ پىشۇرۇپ ئەتىگىنى ئىچكەندە خىزمەت سەۋەبىدىن جىددىيلىشىش مىڭنى ھەددىن زىيادە ئىشلىتىشتىن كىلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلارغا ماس كېلىدۇ.


مەنبە؛ئانا دىيار مۇنبىرى

ئەكبەرنىياز 2013-07-18 00:08
ئېسىل يوللانمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! مەن بىرىنچى بولۇپ سىناپ باقسام بولغۇدەك ، خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلاپ كەتسەم -ھە ! ئۇنىڭدا بەك ياخشى بولاتتى،-دە !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-25 20:51
مېنىڭ ھازىرچە ئۇيقۇم ناھايىتى نورمال.


查看完整版本: [-- يازدا قانداق قىلغاندا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us