ھەسەت يۈرىكىمنى سوغۇرۇپ سەھەر ، ئاتسام دەيمەن ئەخلەت تۇڭىغا . ۋاپاسىزغا بولۇپ ھەمنەپەس ، پەشۋا ئاتسام ئاشىق مۇڭىغا .
كانىيىنى بوغقۇم كېلىدۇ ، ئىللىق كۈلۈپ چىققاندا قۇياش . تولۇن ئاينى بوغۇزلاپ ھەتتا ، زۇلمەت تۈنگە بولغۇم بار قاياش .
چەيلىۋەتسەم چىمەن باغلارنى ، ۋېسال پەيزى توزىسا ئۆچۈپ . باھار چىللاپ كەلگەن تۇرنىلار ، كەتسە بۈگۈن جەنۇپقا كۆچۈپ .
ئۇزاتقۇم بار غېرىبنى گۆرگە ، سەنەم قالسا تەنھا ياش تۆكۈپ . يېتەلمىگەچ ئۆزۈم ۋېسالغا ، ياشىمىسۇن ھېچكىممۇ كۈلۈپ !
بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا يازغان شىئېرىم ئىدى . يېڭى قاشتىشى ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان . كەسپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە سۇندۇم . تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر !!!
2000-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى . شەھىرى خوتەن .
|