ساۋادى يوق چۈجىلەر ئۈچۈن
1 سەۋرىسىنى تاشلاپ كۈتۈشلەر ، مۇزلىماقتا ئەسىر دوقمىشى. ئېغىر نەمدە كەتمەكتە چىرىپ، ئېتىقادنىڭ يىرتىق پوسمىسى.
ساۋادى يوق چۈجىلەر ئۈچۈن ، كاتەك ياسار جىمجىت رادىكال . ئاچا يولنى مەست قىلىش ئۈچۈن ، يالغان ۋاقىت قويىدۇ ساقال .
ھاردۇقىمنى سىقىمداپ تۇرۇپ ، تارىخىنى ئاچتىم بۇۋامنىڭ . يېرىلماقتا ساختا ئاپتاپتا ، ھەسرەت سۈيى تۆكۈلگەن جامنىڭ .
2 كاتىكىمگە بەرمەي مۇھەببەت ، 32 چۈجەم ئاچ قالدى . مائارىپىم مەشۇت قۇسالماي ، مۇنبەرلەدە داڭگال ، تاش قالدى .
تاغنىڭ چېچى _ قارىغاي قولىدۇر ، قىتئەلەرنىڭ كۆزى دېڭىزدۇر . رىئاللىقتا مىجىلغان ئەۋلاد، خەق چاينىغان پوقتۇر، سېغىزدۇر.
كۆيگەن كىتاب _ يوقالغان تارىخ ، تاشقا چۈشكەن ئاياق پاكىتكەن . رەنجىشلەرنىڭ زوكام دورىسى ، تەسۋېي ساناپ تۇرغان سۈكۈتكەن .
ساقىلىغىنى پۈتۈنلىكىمنى ، پەگادىكى يىرتىق كىگىزكەن . ئاپئاق ئازاپ سىڭگىنى بىلەن ، خەقنىڭ تىلى دىلغا بىگىزگەن .
تەسسەللىيدۇر تېرەك ياغىچىم ، شور ئازاپتا ياسىدىم ئۇۋا . قانداق يۈتتى كىرۇرەنلىرىم ، كۆل پاقىسى بۇنىڭغا گۇۋاھ .
چارچىماقتا تەكلىماكانلار ، چۈشلىرىدە كۆرۈپ يېشىللىق . قۇمۇچاقلار ياشايدۇ قانداق ؟ گۈلدۈرماما كەلمىسە سىلىق .
3 مىڭ ئۆيدىكى قۇرغاق ھەربلەر ، چاك -چېكىدىن رەنجىدى بىزدىن . تۇختاپ قالغان مەرىپەت سۈيى ، ئاشمايدىكەن نىمىشقا تىزدىن ?
تەر پۇرىغان دوپپا ئىچىدە ، قاغجىرىغان سۈكۈت تاقاقلىق . ئېچىلمىغان سىم -سىم غارلىرى، تىرناقتىكى كىردە ساقلاقلىق .
تاغار ئەمەس مىللەت سۈلكىتى ، ئۇ دېڭىزنىڭ سۈيىدۇر بىلسەك . قۇچاقلىسۇن ساقلىغان يىلتىز ، تەڭ سىڭەيلى بىللە تۆكۈلسەك .
ۋىجدانىمىز بولسا گەز -ماتا ، خەق پۇتىغا قىلىدۇ < گۆجەي > . خەق تاشلىغان شاپاق يالىغان ، قاقاس دىلدا ئانا تىل ئۆگەي.
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|