ئىشەنچ بۇلىڭى
سەھەرنى سۈزمەكتە كۆڭۈل چويلىسى ، ۋەدىمىز دۇغىدىن ۋاز كەچسۇن ئەمدى . ئىشەنچ بۇلۇڭى چىقىرىپ بارماق ، شېفىرلىق گۇماننى بىر يەشسۇن ئەمدى .
شاھ، دىدىڭ، پېچكىدا بىر رەت چېكىندىم ، يۈكۈڭنى كۆتەردى كۆڭۈل ئاتلىرىم . قىسمەتلەر چۆمكىلىپ ئېيتماقتا رامىزان ، قايناقسۇ ئىچمەكتە ئارغىماق دىلىم .
چەشلەرنى يىغماقتا تۇرمۇش خامىنى ، يىلتىزغا ئايلانسۇن ھالال تەر غولى . قۇۋۋەتتىن ئايرىلسا يالتىراق ئازاب، ئۈچ پەدە چالىدۇ ھايات مەرغۇلى .
تۇشقان كالپۇكلۇق ھەسەتلىرىمىز ، ئاچ قالغان چىشىدا كەتسۇن قارىداپ . سۇ باشلاپ كېلەي مەن سۇمبۇل چېچىڭغا ، ساداقەت بېغىمدا تۇرغىن سايىداپ .
قوشگېزەك تۇغقاچقا گۈزەللىكىمىز ، بېزەلدى ئۈچ چاقلىق خاتىرجەم تۇرمۇش . توپلاشقان يىلتىزنىڭ مەزمۇنى باشقا ، مۈمكىنمۇ ، دىگىنى بىر خاتا تونۇش .
تاتلىغان يارىلار ئالغاندا ئېغىز ، ھەسەتنى غىدىقلاپ ئۆتمەيلى ئەمدى . رەڭگارەڭ بويالغان شېكەر سۆزلەرنىڭ ، تەمىنى تېتىماي يۈتمەيلى ئەمدى .
پۈۋلىگەن قانائەت كۆپكىنى بىلەن ، مۈجىزە تۇغالماس مىليۇن كەيپىيات . زەھەرلىك گازمىكىن دىسەك ئازابنى ، چىن سۆيگۈ بولالماس ھەرگىز كەشپىيات .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|