ياز قاينىدى قۇشلار تىلىدا
چورۇقلىدى چۈشلىرىم سەھەر ، يېيىلغانچە ئۇپۇققا قەدەر . ۋۇجۇدىنى ئىللىتىش ئۈچۈن ، ئوتۇن يىغار مىڭ بىر كېچىلەر .
مەستمىكىنتاڭ بىلمدۇق زادى ، ساقىپ چۈشتى دەرەختىن يازلار. تۈررۈلمەكتە تومۇز پۇچقىقى، سەھەرلەرنىڭ سەلكىنى ئازلار .
ئاقساق بۇلۇت چاپچىپ كىشنىشەر ، گىرىم قىلار يۇمشىغان مۆلدۈر . مەيدىسىنى سېلىپ بازارغا ، ھاۋارايى قىلىدۇ گۈلدۈر .
چىشلىرىنى قايرىپ ئاسماننىڭ ، ئارغامچىغا ياغدى سۇ ئوتى ، نەملىكىدە قىززىغاچ ھايات ، ئۆرتەنمەكتە ئازاپنىڭ ئۆتى.
دەريا - كۆللەر كېڭەيدى سىرلىق ، بىپايان كۆك چالسا ئىسقىرت . ياشالمىدى قېلىن سالاپەت ، تەشۋىش قويدى تىنجىقنى ئېسىپ.
زاكۇنلاشتى گۇگۇم بىلەن تەڭ ، بىر توپ قۇچقاچ ئاچالماي مەجلىس . سېيرىتمىسى ئاچسا كېچىلەر ، قاراڭغۇغا بولىدۇ قېنىش .
تېرىسىگە يېزىپ لېرىكا ، ياز تارايدۇ يېشىل بېشىنى . ئەپسۇن ئوقوپ مىۋىلىرىمگە ، بىلىمەكتە كەچكۈز چىشىنى .
ياز _ يەل - يىمىش ، يەلنىڭ كانىدۇر ، قوزغار نەپەس قىزغىنلىقىنى . تاللاشلارنى قىلغاچقا ھۆرمەت پارچىلاندى پەسىلنىڭ تېنى .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|