ۋېسالسىز سۆيگۈ (شەكىللىك )
زەن سالغاندا ئەتراپلىرىڭغا ، نېمىنىدۇر ئىزدەپ تەمتىرەپ .
ئىزتىراپتا چىقىدۇ كۈلكەڭ ، ھەسرەتلىرىڭ قويغاچ پەپىلەپ .
تولغىنىدۇ شۇ دەقىق ھەريان ، ئارمانلىرىڭ ئوتتىكى قىلدەك .
ۋاقىتسىراپ قالغاندا سۆيگۈڭ ، تويۇلىدۇ بىر كۈنمۇ يىلدەك .
نىدالىرىڭ
جاۋابسىز
سۇئاللار
تىمتاس .
ئازابلىرىڭ
چەكسىز،
ئۇنتۇلماس...
يار لېۋىدە تۇرغاندەك گويا، كائىناتقا باقىسەن مۇڭلۇق .
كەلگۈسىڭنىڭ شادلىق كۈيىگە ، كەچمىشلىرىڭ قىلغاچقا زورلۇق.
چۆرگىلەيدۇ پەلەك پەرۋاسىز ، قىلسىمۇ بىر شادلىق نامايىش .
جىمجىتقىنا قالىسەن شۈكلەپ ، تاپالمىغاچ سۆيگۈڭ ئاسايىش .
2000-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى . خوتەن . مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم . |