hidayat |
2013-07-04 23:01 |
دۇنيانىڭ كۆزىدە سۆيگىن ئۆزۈڭنى
ئەمەتجان ئەھەت ئېرىڭنى ئەر قىلغان ئاتاڭ ئىدى ئۇ، ئۆيۈڭنى زەر قىلغان ئاناڭ ئىدى ئۇ. بېشىڭنى باش قىلغان مىھرىنى بېرىپ، ھۆسنۈڭنى ئاي قەمەر داداڭ ئىدى ئۇ.
ئۇ بولغاچ سەن كۈلگەن ئوتلۇق نەپەستە، قارىغان جامائەت شاتلىق، ھەۋەستە. يولۇڭدا گۈل ئۈنگەن،بېغىڭدا غۇنچە، بەختىڭگە ئۇ قىلغان دۇئا،تىلەكتە.
سەن ئۇنىڭ ئارمىنى،بەخت تەلىيى، يالغۇزلۇق تارتقاندا مۇڭداش ھەمرىيى. كېچىسى چۈشىدە.ناماز ئۈستىدە، تىلەيدۇ سەن ئۈچۈن ھەممە،ھەممىنى.
قېرىدى مۇشەققەت،ئەگدى بەستىنى، كۆزىدىن كۆرىۋال تەقدىر قەستىنى. ۋە لىكىن قەلبىدە ئۈنلەيدۇ بىر كۈي، كۆرۈشكە بەختىنىڭ شىرىن ۋەسلىنى.
قولىنى كۆسەي قىلىپ ياققان نان سىنىڭ، چېچىدا سۈپۈرۈپ قاققان جاي سىنىڭ. يىغلىسا يۇمۇلاپ باغرىغا باسقان، تەلمۈرۈپ يولۇڭغا باققان ئاي سىنىڭ.
بېقىۋال،قەدرىگە ئۇنىڭ يىتىۋال، باغرىدا قاندۇرۇپ ئۇنى ،قېنىۋال. ھەسرىتى سىنىڭدە تاپسۇن تەسەللى، ئاز قالدا بالىلىق قەرزىڭ ئۆتىۋال.
سەن ئۇنىڭ بۈگۈنى،ئەتىسى بىلسەڭ، كۆيىدۇ بالاڭمۇ سەن ئاڭا كۆيسەڭ. سۆيۈملۈك سەن ئاڭا،دۇنيا ساڭا ھەم، شىرىننىڭ كۆزىدە پەرھاتنى سۆيسەڭ.
مەنبە:ئىجادىم.
رۇبائىلار
دۇنيا بىر كىتاپتۇر ھىكمەتكە تولغان، قۇرىدا سىرلىرى يېزىلىپ تۇرغان. بىلگىنىڭ تامچىدۇر،تاپقىنىڭ نىمە؟ تەپەككۈر كۆزىدە ھاياتقا باققان.
چۈشەنسەڭ سىنى يۇرت قىلغان قەدىرلىك، مىھرىدە كۈچ بىرىپ پالۋان قەھىرلىك. ئەرشنىڭ كۈرسىمۇ بەرىنىر ھامان، بەرمىسەڭ نەپ ئەلگە ئىككى تىيىنلىك.
خىزىرنى ئىبادەت،دۇئادىن ئىزلە، بەختنى ھالال تەر،رىزادىن ئىزلە. مىكىرنى يىراق قىل،مىھىرنى ھەمراھ، شۈكرىنى ھەر لوقما غىزادىن ئىزلە.
ھاياتنىڭ سىنىقى ئۈمىد دىمەكتۇر، ئۈمىدسىز شەيتانغا ئەسىر دىمەكتۇر. ئەقىدە يار بولغان ھەر بىر قەلبنىڭ، مەنزىلى بېزەلگەن قەسىر دىمەكتۇر.
مەنبە:ئىجادىم. |
|