شەبنەم |
2013-07-01 16:25 |
ئازاپتىن چاچقۇلار چېچىلغان يوللار، سايرىماس بىچارە ناۋاكەش بۇلبۇل . قىزىل گۈل رەڭگىدە چۈشەر كۆز يېشىم ، يۈرەكنى موجىيدۇ رھىمسىز بىر قول.
يىغلايدۇ ياستۇقۇم مۇڭ باسقان ھوجرا ، يىغلايدۇ باغلاردا سەن تەرگەن رەيھان . گۈل بولۇپ ئۈنۈپتۇ ئاياق ئىزلىرىڭ ، پۇرايمەن ھېدىڭنى باغلاردا پىنھان ،
قەلبىمدە قوياشىم يىرتىلىپ كەتتى ، يوقالدى نۇر-زىيا ،يوقالدى ئاپتاپ . باغلاردا شىۋىرغان قاچار كېپىنەك ، كۆز يېشىم مۇز بولۇپ قېتىپتۇ شۇتاپ .
مەجنۇنتال تولغىنىپ شېخى ھەم سۇندى ، يۇلتۇزمۇ ،ئايلارمۇ يوقالدى تامام. زۇلمەتلىك كېچىدە قانايدۇ باغرىم ، باغىرىمدا تۇنەيدۇ ئانىسىز بالام .
كېچىدە بۇلاقتىن كەلدى ئاۋازىڭ ، سىمايىڭ كۆرۈندى بىر جۈپ قىزىمدىن. تۇيغۇممۇ شۇتاپتا كۆتىرەر ئېسىيان ، سەن ھايات ،كەتمىدىڭ مېنىڭ يېنىمدىن .
قەبرىگە تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىمنى ، ئۇسۇزلۇق قىلىپتۇ ئۈنگەن قىزىل گۈل . سەن كەتتىڭ ،مەن قالدىم ،كەتمىدى روھىڭ ، تاتلىغىم سىنىڭسىز جەننەت ماڭا چۆل.
نە چارە تۇيغۇممۇ ئالداپتۇ مېنى ، قەبىرىگە دۈملەنگەن قوياشتەك جىسمىڭ . تەنھالىق دېڭىزىغا مەن بولدۇم غەرىق ، كېتىپتۇ چىۋەر قول، كېتىپتۇ مېھرىڭ .
كېتىپتۇ يېنىمدىن ئۇماق پەرىشتەم ، كېتىپتۇ خوشاللىق ،كېتىپتۇ بارىم . ۋە لىكىن روھىمدا ياشايسەن جېنىم ، روھىڭغا چىرماشقان مېنىڭمۇ روھىم .
|  |  |  |
|
|