تىلداش |
2013-06-28 16:03 |
قەتلىلەنگەن دەقىقە
ئەر قاتارى ياشىدۇق دەپتۇق،ئەل قاتارى ياشاشنى بىلمەي، قىيداشلاردىن_<چۈشكۈن>گە دوست بوپ، ئۆتۈپتىمىز دەقىقە كۈلمەي.
<<ھاياتمۇسەن؟!>>دېسە نوقۇشلار،<<دەقىقىلەر قاتىل>> دەپتىمىز، بىراق تىللار دىللارغا باقماي،شېھىت بولۇپ...بۇندا كەپتىمىز.
ئالاھەزەل كېتىپتۇ ئۆمۈر، ياشلىقىمىز قانائەت تاپماي، <ئوۋچى ئاتا> توڭغۇزنى ئاتسا، بىز كەپتىمىز قوڭغۇزمۇ ئاتماي.
خىياللارغا مىنىپ يۈرگەچكە، زىمىندىمۇ لەيلەپ قاپتىمىز، ئەۋلادلارغا مېغىز قالدۇرماي، ئىلغاشلاردا شاكال ئاپتىمىز.
خۇيلانغاندا _ئۈمىد يېتىلەپ، ئازغۇنىمىز سايە ئىزدەپتۇ، ئۇيقۇ يۆلەپ ئەسنەكلىرىمىز، <<دەقىقەڭگە گۇۋاھ بىز!>>دەپتۇ.
دىل تىۋىنى نەزەرگە ئالماس، كۆز،كىرپىكنىڭ كۈنلەشكىنىنى، سەكراتتىكى دەقىقە ھېسلار، ئاڭلىيالماس ئۈنلەشكىنىنى.
ئەزەلدىنغۇ مېھنەتلىك ئۆتتى، ئىلىم ئېلىپ،بېرىپ ھەم ھايات، ئۆكۈنۈشلەر تېڭىدىن ئاشتى، نۇرغۇن دەقىق بولغاچقا مامات.
قەدىرلەنسۇن ھەربىر دەقىقە، قەتلە بولۇپ روھسىز قالمىسۇن، ئاغرىنمىغىن قىسمەتلىرىڭدىن، ئەمەللىرىڭ ھەرگىز تالمىسۇن.
ئىبرەت بولار <ئاچچىق كەشمىش>تىن، ياش- قىرانغا تىلەكلەر سۇندۇق، چۈشكۈنلۈكلەر:<< كېتەيلى!؟>> دېسە،ئۈمىدۋارلىق شېخىغا قوندۇق...
مەنبە:خاتىرەمدىن
|
|