ئوغۇرلانغان قۇرلار 5
ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژورنىلىنى قولۇمغا ئېلىپ ئابدۇروسول ئۈمەر تەرجىمىسىدىكى يېگۋىنى يېۋ توشىنكو نىڭ شئېرلىرىغا يېزىلغان ئىلاۋىسىدىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۈچۈرۈپ قويدۇم. «شئېرلىرىم مەندىن كېيىن قانچە يىل ئۆمۈر سۈرىدۇ؟ بىلمەيمەن. شائىرنىڭ ئۆز شېئىرلىرىدىن ئۇزاق ياشىشى - ئۆلۈك ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ تۇرغان ھاراقكەشكە ئوخشاش كۈلكىلىك . شۇنىڭدىن قورقۇمەن.شئېرلىرىم مەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتمىسە ،شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بەخت .ناۋادا مېنىڭ تۇغۇلمىغان نەۋرەم ئۈچۈنمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي قالسا، تېخىمۇ بەختلىكرەك بولار ئىدىم... ئۇنىڭدىن ئۇزاققا قاراش قورقۇنۇچلۇق ...» ـــــ ئەدەبىي تەرجىمىلەر 2013- يىلى 4- سان
بۇ قۇرنى كۈچۈرۈپ قۇيۇپ، نىمىشقىدۇر چوڭ ئۆيگە بېرىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم.
مەھەلىمىزگە قايرىلدىغان يەردە ماشىندىن چۈشتۈم . مەھەلىمىزدىكى تار كۇچا بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس ئىدى. ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىلا توختىتىلىپ قۇيۇلغان قۇتقۇزۇش ماشىنسىغا قاراپ ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىغا يىتىپ بارغۇچە پۇت – قۇلۇمدا جان قالمىدى. كاللام چىگىشلىشىپلا كەتتى . بىر نەچچە مىنوتقا يەتمەيدىغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆزگىرىش غەليان كۈتۈرۋاتقان ئىچكى دۇنيايىمنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز قالدىم. ئىنىمنىڭ قىزلىرى ياغلىقلىرىنى ئارتىشىپ ماشىننىڭ كەينىدە تۇراتتى.
ــ مالىم ئاپا (ئۇلار شۇنداق چاقىرىپ كۆنگەن ) ئۆينىڭ كەينىدىكى غۇپپۇر چوڭ دادام تۈگەپ قالدى. بايامقى چىگىش ھالىتىمدە سەل ياخشىلىنىش بولدى. ئىنسان مۇشۇنداق قىلىپ گۇناھكار بولىدىغاندۇ؟ پەقەت مېنىڭ بىۋاستە تۇققىنىم بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا يىنىكلەپ قالدىم. ئۆيگە كىرىپ سومكىلىرىمنى قۇيۇپ ، خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم.
ـ- ئالدىمغا ئاپام چىقتى. ئىككىمىز نىمىشقىدۇر ئىچ – ئىچىمىزدىن تۈكۈلۈپ يىغلاشتۇق. ئۇزاق مۇددەتلىك خوشنىدارچىلىقنىڭ مېھرى – مۇھەببىتى شۇنداق بولسا كېرەك. « دەرۋەقە ئۈلۈم – ھاياتتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك سىناق » .
دادام بىلەن ھىلىلا بەندىچىلىك قىلغان بۇ خوشنىىمىز ، بەش مىنوت ئىلگىرى دىگەر نامىزىدىن يىنىپ خوشلىشىپتىكەن. دادام ئەمدىلا ھويلىدىكى كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇشىغا ،خوشنىمىزنىڭ ئايالىنىڭ ئەنسىز ۋاقىرغىنى ئاڭلىنىپتۇ .ئاپام – داداملار كىرىپ بولغۇچە ، مەرھۇم قان قۇسۇپتۇ ، دادام ئۇنى قۇچاقلاپ «ياسىن » نى ئوقۇپ تاماملاپ بولالمايلا ئۇ جان ئۈزۈپتۇ. « جان قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا » دېگەن شۇدۇ.
دادامنىڭ چاقىرىشى بىلەن ، كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.
- دادا!
ـ غۇپۇر ئاكاڭدىن ئايرىلىپ قالدۇق قارا، ئىنسانچىلىق مۇشۇنچىلىك، ھىلىلا ساپ- ساق ئىدى.
ئۇ ئۇھسىنىپ قويدى.
مەن بىلەن كۆرىشىپ قۇيۇپلا يەنى ئالدىراش ئۆي ئىچىگە قاراپ ماڭدى.
خوشنىمىزنىڭ تاسادىبى ئۆلىمى ئائىيلىسىدىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى لەختە – لەختە قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تۆت قىزىدىن ئىككىسى ئۈرۈمچىدە ئىشلەيتتى. ھازچىلارغا ياردەملەشكەچ قىزلارنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم.ئاق ياغلىق سېلىشىپ ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە كىرىشىپ يۈرگەن ئاياللار ،نىمگىدۇر ئالدىراش يۈرگەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇسىبەت ھالىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. كىمدۇر بىرىنىڭ «ئاباياملا كۆرگەن ئىدىم، تۈگەپ قالىدىغىنىنى بىلەسەم ئەھۋال سوراپ قويسام بوپتىكەن » دېگىنى قۇلۇقۇمغا كىردى.
ئۈلۈم تەسىراتىمىزنى، كەيپىياتىمىزنى ئاق ياغلىق، يىغلاش يەنە ئۇزۇندىن داۋاملىشۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ – ئادەتلەر بىلەن ئىپادىلەش بەكمۇ نورمال ئىش بولسىمۇ لېكىن دەماللىقتا كاللامدا پەيدا بولغان غەيرى ئويلارنى يېزىۋەتمەيمۇ ئامال بولمىدى. «ئۈلۈمدىن ئارتۇق نەسىھەت يوق » دەيدىكەنمىزيۇ ،ئۈلۈمدىن كېيىنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىكەنمىز. خۇددى سەھنىدە ئۇيۇن كۆرسىتۋاتقاندەك بىردەملىك ھازىدىن كېيىن ،ھەممە ئۆز ئورنىغا قايتىيدىكەن. مەيلى ئۇ ئاددى ئادەم بولسۇن، داڭلىق شەخس بولسۇن ، بىر ئادەم بولسۇن، نۇرغۇن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا قازا قىلسۇن ئوخشاش، قارىغاندا ئادەملەرنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن ئۈلۈمگە بولغان چۈشەنچىسى پارالىل ياكى تەڭپۇڭ بولامدۇ قانداق؟ ھايات كىشلىك قەدىر – قىممەت ھەققىدىكى ئويلىرىمىز قانچە ئاددى بۇ ھەقتىكى تەپەككۈرىمىز خۇنۈك بولغانچە، ئۈلۈم ھەقىدىكى تۇنۇشمۇ شۇنچە مۈجىمەلدەك ... خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى . ئۆيدىكى تۇنۇش نەرسىلەر بالىلىق ئەسلىملىرىم قوينىغا ئېلىپ ماڭدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا مەھەلىمىزدە ئۇيغۇرلارلا باتتى ... ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل سېلىنغان بىرنەچچە ئۆيدىن تەركىپ تاپقان بۇ تار كۆچىمىز، ھېيت – بايراملاردا قىزىپ كېتەتتى. تاماق – سۇنۇشاتۇق، نان ياققان كۈنلىرى «ئىسسىق نان يىسە قېرىمايدۇ » دىيىشىپ نان سۇنۇشاتتۇق. چوڭلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆتكەن – كەشكەن ئىشلارنى سۆزلەيتتى. مەھەلىدىكى قۇرداش قىزلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئىتالايدىغان تاماقلىرىمىزنى ئىتىپ ، بەرەڭگە قورمىسى قورۇپ ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقىنى باھالاپ ئوينايتتۇق. بىزدىن چوڭ ئاچا- ھەدىلەر بىزنى يىغىپ مەھەلىمىزدىكى كونا مەسچىت (ئۆرىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ تېمى ،ئۇ تامنى نىمىشقا ساقلاپ قويغىنىنى ھازىرغىچە بىلمىدىم) تېمىنى دوسكا قىلىپ دەرس ئۆتەتتى. رىۋايەتلەردىكىدەك بۇ كۆرنىشلەر مېنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كەشتىلەنگەن...
كېيىنچە ئىشلار ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۆزگىرىش مۇقەررەر بولسىمۇ لېكىن ياخشىلىقنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى ئىچىمنى سىقىدۇ...
مەرھۇم ھەققىدىكى بىر ئىش ھازىرمۇ ئىسىمدە. 1997-يىلى رايۇنىمىزدا قاتتىق قارا بوران چىقىپ ، مەھەلىمىزگە ئوت كەتتى. ئوت دېڭىزى ئىچىدە كۈيۈۋاتقان مەھەلىدە كىمنىڭ ھايات قالغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. چوڭ بىر ئوت يالماۋۇز ھەممىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك، قورقۇنۇچلۇق كۆرنىشنى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە چۈشەپ يۈردۈم. شۇ كۈنى ئىنىم بىلەن مەھەلىمىزنىڭ يۇقۇرىسىدىكى ساقچىخانىغا يۈگۈرۈپ بارغىنىم ئىسىمدە.
ساقچىخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرگىنىمىزدە ، بىر ساقچىنىڭ ئېرەنسىز تۇرۇپ ئەھۋال ئىگەللىگەنلىكى ھازىرمۇئۇنتۇيالمايمەن. بەلكىم ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئاپەتكە ئۇچۇرمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بىپارۋا تۇرغاندۇ؟ ئۇنىڭ ياققىسىدىن ئېلىپ سىلكىۋەتكۈم ، يۈزىگە تۈكۈرۈپ قويغۇم كەلگەن . لېكىن ئۇنداق قىلالمىغىنىم بەرھەق! تېخىمۇ كۈلكىلى بىرەر سائەتتىن كېيىن بىر تۈركۈم ئوت ئۈچۈرگۈچىلەر كېلىپ ، مەھەلىمىزدىكى ھويلا تاملىرىنى ئۆرۈپ ،ئوتنى ئۈچۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئوتنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىدەك ئىشلارمۇ خاتىرەمدە ...ھازىر ئويلىسام شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن نەرسە ئاپەتكە ئۇچۇراپتۇ لېكىن ھېچكىم بۇ مەھەلىدىن ئەھۋال سورىماپتىكەن...
ئۇ كۈنى مەرھۇم خوشنىمىز ، بىر گۈرجەكنى كۈتۈرگىنىچە مەھەلىمىزنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان قەبرىگاھلىكتىكى تامنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ .يۈز تېرىسى ئوتتا كۈيۈپ چاۋۇرۇپ چىققان ئىدى. قورقۇپ كەتتىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. دوختۇر ماشىنىسىنى چاقىرىپ ئۇنى ماشنىغا سالغان ۋاقتىمىزدا ئۇ يەنىلا شۇ گۈرجەكنىڭ داۋاسىنى قىلدى .«مېنىڭ گۈرجۈگۈم ،مېنىڭ گۈرجۈگۈم ! » ئەتراپتىكى ياشلارنىڭ كۈلۈشكىنى، مەسخىرىلىك باققىنى ئىسىمدە . گۈرجەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قويدۇم. كېيىنچە بىلدىمكى ئۇ گۈرجەك ئۇنىڭ دادىسىدىن قالغان « ئاتا تەۋەرۈكى» ئىكەن. شۇنچە زور ئوت ئاپىتىدە ھېچنىمىنى ئالماي ، شۇ بىر گۈرجەكنى ئېلىپ چىقىشنى ھازىر ئويلاپ باقسام تەسۋىرلەشكە ئامالسىزمەن. يۈرۈكىمىز ئاغرىمايلا تاشلىۋېتەلەيدىغان ، تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ۋىژدانىمىزمۇ سوراققا تارتالمايدىغان بىزلەرگە نىسپەتەن بۇ نەقەدەر ئۇلۇغ روھ! ئاتا مىراس نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكىمىز ياكى قوغداش كۈچىمىزنى ئاشۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن تاشلاندۇق «ئەسكى مازالار» لار توپلىمى كۆپۈيۋاتقاندۇ؟
ئاپامنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئويلىرىم ئۈزۈلۈپ قالدى.
ــ قىزلار كەلدى، ئالدىغا چىقىپ ئەكىرۋال !
ئۇلارنىڭ يىغىسىغا چىداپ بولالمىدىم. تۈگۈمەس خىزمەت بىلەن ئاتىسىنى كۆرگىلى كېلەلمىگەن، پۇشايمان قۇشۇلغان بۇ ياشلارنىڭ ۋەزىنىنى پەقەت شۇ خىل ئەھۋالغا دۈچ كەلگەن كىشلەرلا چۈشىنەر!
خوشنىلارنىكىدىن قايتىپ چىقتىم. يېرىم كېچە بولۇپ قالسىمۇ ئاپامنىڭ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭغىنىدىن سەل نارازى بولدۇم. ئۆيىمىزدىكى ، ئىسىمنى بىلسەملا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇدۇمنى قوللايتتىم .شۇڭلاشقىمۇ تاتلىق ئۇيقامدىن كېچىپ مەنمۇ ئاشخانە ئۆيگە چىقتىم.
ـــ رەھمەتلىك، بەك يۇۋاش –يۇمشاق ئادەم ئىدى. ئۆزىنىڭ يۇۋاشلىقىغا بىقىپ ، يۇۋاشلا جان تەقسىم قىلدى! ئەتە ھەر قايسى جايلاردىن جامائەتلەر كېلىدۇ . ئەتە بىر چىدىۋەت، چوڭ قازاننى ئېسىپ جامائەتچىلىككە بىر داستىخان سېلىۋېتەيلى!
بىر نىمە دەي دەپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ قۇيۇپ توختاپ قالدىم... ئاپامنىڭ يۈزىگە چۈشكەن تال – تال قورۇقلارمۇ ئۇنىڭ سۈپ – سۈزۈك دۇنياسىنى سۆزلەۋاتسا مەن يەنە بىر نىمە دىسەم ,بۇ قانداقمۇ ئىنسانغا خاس ئىش بولسۇن؟!
شۇنداق قىلىپ يۇۋاش –يۇمشاق ، چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان ، چىۋەر خوشنىمىزنى
ئۇزۇتۇپ قويدۇق . ئۇنىڭ ئەجرىدىن كۆكۈرۈپ كۆكلەپ كېلىۋاتقان ئۆي ، ۋە يۈرەك پارىلرى ئۇنى
ئۇزۇتۇپ قويدى... ئۇ ئۆزىگە تەۋە دۇنياسىدا تېنچقىنە ياشاپ، تېنچقىنە كېتىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ بۇ يازمامنى كۆرەلمەيدۇ.ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ھەم شۇنداقتۇ! دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق ئاخىرى ھەممىمىز بەندىچىلىكىمىزنى قىلىمىز. ..ئۆيگە قايتىپ كىردىم. ئۆيىمىزنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان كىچىك ھويلىسىغا چىقىپ ئەتراپقا بىر ھازا قاراپ تۇردۇم . يىراقتىن ياپ – يىشىل كۆرنىۋاتقان دەرەخلەردىن كۆزۈمنى ئېلىپ ، ھويلىمىزدا ئۆستۈرۈلگەن بىر نەچچە تەشتەك گۈلگە قارىدىم. بەزى تەشتەكتىكى گۈللەر مېنىڭ يوقلىقىمدىن زارلانغاندەك ،يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ قۇرۇپ قالغان ئىدى. جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇنداق . گۈلنى ھاياتلىق دەپ ، قارالغانلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش پەرز! ئەكسىچە بولسىچۇ ئۇ ھېچنىمە ئەمەس! ھاياتلىققا تۇتۇلغان پۇزۇتسىيەمۇ شۇنداق ئەگەر مىللەت ، رايۇن ئايرىماي ئادەمنى «ئىنسانلىق » سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىنغان بولسا . دۇنيانى قان يىغلاتقان دۇنيا ئۇرۇشلىرى بولمايتتى. بىر – بىرىگە ئورا كۆلايدىغان پەسكەشلىك تېخىمۇ بولمايتتى. پەقەت ھاياتلىققا تۇتۇلغان پۇزۇتسىيەلا ئەڭ ئاخىرقى نەتىيجىنى بەلگىلەيدۇ . شۇڭلاشقا ھاياتنى سۆيمەسلىككە باھانىمىز يوق ! چۈنكى ئۈلۈم «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا ! »
|