ئەنۋەرچەرچەن |
2013-06-24 18:40 |
ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا cR5<.$aY ئەنۋەر تۇرسۇن RPiCXpJv& (چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن) ~!A,I 9 ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش -----ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا مۇھىم رولغا ئىگە.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قوزغۇتۇشتا ئىلمىي بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. tIr66'8 1.ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ئىلمىي تەتقىقاتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.ئىلمىي-تەتقىقات بىر خىل جاپالىق ،مۇرەككەپ،ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ئىگە ئەقلىي ئەمگەك.ئىلمىي تەتقىقاتتا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ھەتتا بەزى تەتقىقاتلارغا بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلسىمۇ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى پەن-تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشكە ،كۆپ جاپا تارتىشقا تەييار بولۇشقا ،پۈتۈن زېھنىنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە بېغىشلىيالايدىغان ،ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش ،يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلىشىمىز كېرەك. g(5s{njL 2.ئوقۇتۇش جەريانىدا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشتىن-ئاخىر خوشال كەيپىياتنى ساقلاپ،يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى كەيپىيات ھالىتىنى ھازىرلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى ياخشىلاپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى پائال ئىسلاھ قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى،مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىلىك تەھلىل قىلىشىغا ھەرتەرەپلىمە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. mt
Orb9`m 3.ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشىمىغان شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزئارا باغلاپ تەسەۋۇر قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى.ئوخشىمىغان شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلماقچى بولغان شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالغىلى،يەنە بىرتەرەپتىن مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. k2@IJ~ 4.ئوقۇغۇچىلاردا پەيتنى چىڭ تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.ۋاقتىدا ھېساپلاش،تەھلىل قىلىش،تەجرىبە قىلىش،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ماھىيەتنى بايقىغىلى ،يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ. ,!Hl@( 5.ئوقۇغۇچىلاردا ئىنتايىن كىچىك نەرسىلەر ۋە ئىنتايىن كىچىك پەرىقلەر ئىچىدىن ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى تېپىپ چىقالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.ئالىملارنىڭ شەيئىلەر ئوتتۇرۇسىدىكى ئىنتايىن كىچىك پەرىقلەردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەنلىكى ۋە كەشىپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق،ئۇلارغىمۇ يېڭىلىق يارىتشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. %eah=e 6.ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىشتا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەڭ ئىشقا سېلىشنىڭ زۆرۈرۈلىكىنى تۇنۇتۇش كېرەك.شەخسنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى چەكلىك بولىدۇ،كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.شۇڭا ئوقۇچىلارنى نام-مەنپەئەت قوغلاشماي،ئىتتىپاقلىشىپ،ھەمكارلىشىپ،ئورتاق يېڭىلىق يارىتىدىغان ياخشى ئىدىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. 1_p'0lFe 7.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبىخانىلارنى ئېچىپ بېرىش،ماتىريال بىلەن تەمىنلەش ،دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ،دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،يېڭىلىق يارىتىش شارائىتىنى تىرىشىپ ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. _N]yI0
k( 8.يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا نەتىجە بىلەن مەغلۇبىيەت داۋاملىق بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،نەتىجە بىلەن مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.ئوقۇغۇچىلارغا غەلىبە قىلسا مەغرۇرلانماسلىق ،مەغلۇپ بولسا مەيۈسلەنمەسلىك ،مەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجرىبە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، نەتىجە ئىچىدىن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلاردا يىقىلغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،قىلچە مەيۈسلەنمەي،ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغان روھنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. 4YCGh 9.ئىلھام بېرىشنى جايىدا،ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.ئازراق يېڭىلىق ياراتقانلا بولسا،ئوقۇغۇچىلارنى ماختاش،قوللاش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. 67g/(4 &
|
|