查看完整版本: [-- يىراق ۋە يېقىن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> يىراق ۋە يېقىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

hidayat 2013-06-22 21:11
يىراق ۋە يېقىن

ئەمەتجان ئەھەت

1
مەن دۇنيادىن كەتتىم يىراقلاپ،
دۇنيا مەندە كۆيەر چاراقلاپ.
يۈرىگىمنى يەيمەن تىنىمسىز،
تەنھالىقنى چەكسىز باغاشلاپ.

يوق بۇ يەردە يۇلتۇز،قۇياش،ئاي،
تەكتىماكان چىتى خىلۋەت جاي.
ئېزىتقۇ كۆز،ئېزىققان ھىسلار،
رەڭ،قەسىدە پۇتلاشلارغا باي.

ھىچ ئۆزۈمگە ئوخشىماس ئۆزۈم،
ئوخشىيالماس ئۆزىگە ھىچكىم.
قەدەھلەردە پورەكلەيدۇ گۈل،
گۈل ئۈزۈلگەن چىمەنلەردە كىم؟

2
چېلىقىدۇ نەچچە رەت بۇندا،
ئادەم ئىزلەش ئىلانى كۆزگە.
ئادرىسىنى يوقاتقان ئەي قىز،
كىملىكىڭنى بەردىڭ كىملەرگە؟!

نىمىلەر بەر مىسكىن شەھەردە؟
پىغانىمغا تويغان بۇ يەردە؟
تۆكىلىدۇ روھى گادايلىق،
كۆز تاشلىساڭ مەيلى قەيەرگە.

دىلىڭغا ياد،قەدىمىڭگە يات،
بوسۇغۇدا ئىمان-ئىتىقاد.
سەن كىم ؟
              كىمدە مۇزلىغان يۈرەك،
تۇمۇرۇڭغا بەرگەن قان ،ھايات؟...
3
سۆزلىگۈم يوق دۇنيا ھەققىدە،
دۇنيا نىمە ؟
                  كۆز-ياش ۋە ئازاپ.
مەنىسىزلىك ئىچىدە جىمجىت،
يۈرمەكتىمەن يۈرىكىم قاناپ.

ئۆلۈم -ھايات مىنىڭدۇر ئەسلى،
دۇنيا مەندىن ئالغان ئارىيەت.
قەدىرلىنەر چىكى ۋاقىتنىڭ،
ياشاش بەلكىم ئاچچىق ھەقىقەت.

مەن دۇنيادىن كەتتىم يىراقلاپ،
دۇنيا مەندە كۆيەر چاراقلاپ.
سۆيۈلمىگەن
                سۆيدۈم قۇياشنى،
ئۆز-ئۆزۈمگە چەكسىز يېقىنلاپ...

مەنبە:ئىجادىم

uzqak 2013-06-23 00:31
مەن دۇنيادىن كەتتىم يىراقلاپ،
دۇنيا مەندە كۆيەر چاراقلاپ.
سۆيۈلمىگەن
                سۆيدۈم قۇياشنى،
ئۆز-ئۆزۈمگە چەكسىز يېقىنلاپ...

مەن دۇنيادىن كەتتىم يىراقلاپ ،
بوغۇۋەتكەچ ئۇنىڭ تىلىنى...
كېكەچلەيدۇ ناتىق بوۋاممۇ،
بىلەلمىگەچ ئەۋلاد دىلىنى..


gulhan 2013-06-23 00:57
مەزمونى چوڭقۇر، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نادىر لېرىكا ئىكەن.

بەركەت تىلەيمەن قەلەملىرىڭىزگە!

«دىلىڭغا ياد،قەدىمىڭگە يات،
بوسۇغۇدا ئىمان-ئىتىقاد.
سەن كىم ؟
              كىمدە مۇزلىغان يۈرەك،
تۇمۇرۇڭغا بەرگەن قان ،ھايات؟...»

بۇ مىسرالىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم.

ئەكبەرنىياز 2013-06-23 08:01
مەنىسىزلىك ئىچىدە جىمجىت،
يۈرمەكتىمەن يۈرىكىم قاناپ.

بۇ مىسرالار بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!

تىلداش 2013-06-24 17:40
<مەن دۇنيادىن كەتتىم يىراقلاپ>،
مىسرالاردا تىنىگەچ قىسمەت.
ھەلقۇمىمدا چاكىلدار تەشنا،
بۇ ئۆمۈرگە قىلمىساق ھۆرمەت.

ئايبىكە 2013-06-24 21:15
«چېلىقىدۇ نەچچە رەت بۇندا،
ئادەم ئىزلەش ئىلانى كۆزگە.
ئادرىسىنى يوقاتقان ئەي قىز،
كىملىكىڭنى بەردىڭ كىملەرگە؟!»
بۇ مىسرالىرىڭىز بىلەن مۇدھىش رىئاللىقىمىىزنى قارا بۇياق بىلەن بۇياپ، كىملەرگىدۇر ئۈنسىز بىشارەتلەر بەرگەندەك،قارا بۇياق بىلەن بۇيالغان رىئاللىق قەلب بېتىڭىزدە مىسرالارغا ئايلانغاندەك.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-31 20:27
ياخشى  يېزىلىپتۇ!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-31 22:20
مەزمونى چوڭقۇر، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نادىر لېرىكا ئىكەن.

بەركەت تىلەيمەن قەلەملىرىڭىزگە!


查看完整版本: [-- يىراق ۋە يېقىن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us