ئىككىمىز سەيدىمۇھەممەد مېھمان بىلىمەن سېنىڭمۇ مەيلىڭ بار ماڭا، ئىككى خىل ئەلەمدە قالدۇق ئىككىمىز. يۈرەكلەر يۈرەككە تۇتاش تۇرۇپمۇ، نېمىشقا چېتىلماس سۆيگۈ رىشتىمىز.
ھاياتنىڭ ئىگىز-پەس دوقاللىرىدا، تالاي رەت ئۇچراشتۇق بەلكىم ئىككىمىز. تونۇماي ئۆتكەنسەن ئالدىڭدا تۇرسام، ياتلىشىپ كەتتىمۇ ئىسسىق مېھرىمىز؟
بىر تەنگە ئايلىنىش نىسىپ بولمىغان، بىر جاندەك جۈپ غۇنچە ئىدۇق ئىككىمىز. تەقدىرنىڭ كاجلىقى تۈپەيلىدىنمۇ، ئاھ، ئايرىم يوللاردا سەرسان رىسقىمىز.
|