查看完整版本: [-- كۈيلەيمەن (ئوتقاشئەرقۇتى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كۈيلەيمەن (ئوتقاشئەرقۇتى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-21 14:19
يېزىقچىلىق يۇللىرىدا،ئىلھاملارنى سۈيلەيمەن ،
ئىنسانچىلىق يوللىرىدا،تىرىشىمەن گۈللەيمەن ،
قەلىمىمگە ھەر چىرايلىق ئارزولارنى يۈكلەيمەن ،
يالغانچىلىق،سۇخەنچىلىك ،نادانلىقنى سۆيمەيمەن ،
شۇنداق بولغاچ ھەر قەلەمدە،ياخشىلارنى كۈيلەيمەن .

ئاۋام -خەلىق، تىنىچلىقىنى قىلغان خىزمەت نىشانى ،
پىژغىرىمدا ،جۇت سوغوقتا تارتقان، تىنماي جاپانى،
ئاپەت-خەتەر بولسا قايدا ،ئۇلاربەخىت ماكانى،
ھاياتىنى دوغا  تىكىپ بولغان خەلق «خاقانى»
ساقچى-ئەسكەر،ئوت ئۈچۈرگەن ئەزمەتلەرنى كۈيلەيمەن!

ئىلىم  بىرىپ  سەبى  دىلغا ئاچقان  نادان كۆزىنى،
بور تۇزاڭدا مۇنبەرلەردا قىلىپ ئىلمىي سۆزىنى،
جاپالارغا ئاتىۋەتكەن ھەرساھەدە ئۆزىنى ،
«ساقچى» ، «دېھقان»«نامرات »بولسۇن تۈكمىگەن گەريۈزىنى
ئەۋلاد ئۈچۈن شام بوپ كۆيگەن  ئوستازلارنى  كۈيلەيمەن.

ئىگەللىگەچ پۇختا بىلىم، ھەممىدەكۈچ سىنىشىپ  ،
دورائۇكۇل ،رىستىپ بىلەن ھەركۈنلىكى «سىز»لىشىپ،
ئەزرائىلمۇ قالار قاراپ ،گاھىدابەك قىزىشىپ ،
قۇتقازغۇچى«خۇدا»بىلىپ كىلۇر بىمارئىزدىشىپ،
بىمارئۈچۈن قۇتقازغۇچى «ئاق خالاتنى» كۈيلەيمەن.

ھەرئەسەردە تاغدەك ھېكمەت ئويغۇتىدۇ دىللارنى،
ئىزدىنىدۇ قىلچەتىنماي ،قېرىتىدۇ يىللارنى ،
تارىخ ،ئەخلاق،ئىلىم -بىلىم ئاچۇر ھەرخىل سىرلارنى،
دىداكتىكا،ئىلھام ئۈچۈن ئاشۇر تاغۇ- قىرلارنى ،
زىيالىنىڭ بىرسەركىسى  يازغۇچىنى  كۈيلەيمەن .

ھەربىرئىشنى ئاۋامىنى دەپ ،ئادىللىقتىن سۆز ئاچار ،
نەپسانىيەت،چىرىكلىكتىن ،ئەيىش ئىشرەتتىن قاچار ،
قانوننى ۋەسىياسەتنى ئىجراقىلىپ نۇسرەت تاپار،
ئەل غىمىنى يىيەلىگەچ ،ھەممە كۈڭلىگەياقار ،
خەلق ئۈچۈن بولغان چاكار باشلىقلارنى كۈيلەيمەن.

ئانايەرگە داننى چىچىپ ،ھالال ئەجرى -مېھنەتتە،
مال-دۇنياۋەھوقوق ئۈچۈن ئۈتمەس ھەرگىز غەيۋەتتە،
ئىسراپ بولغان بىر دان ئۈچۈن يۈرەرگاھى ھەسرەتتە،
مىھماندۇسلۇق ،مەردلىكىگە پۈتكۈل جاھان ھەيرەتتە .
قان-تەربىلەن ئاش- نان بەرگەن، دېھقىنىمنى  كۈيلەيمەن.

.......................................................................
.......................................................................

ۋاقىت قىستاپ قالغاچ مىنى ،يازاي بۈگۈن شۇنچىلىك ،
جاھاندىكى ئىسللارنى ماختىساق ئاز  قانچىلىك ،
ھەركەسىپتە ئىسللاركۆپ دىيەلمەيمىز مۇنچىلىك،
ناچارلارغا ،ماڭقۇرتلارغا باللا بەرسۇن كەڭچىلىك !
ئاۋام خەلق، ۋەتەن ئۈچۈن كۆيگەنلەرنى كۈيلەيمەن !!!!!



ئوتقاشئەرقۇتى

2013-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنى

ئايبىكە 2013-06-21 20:28
كۈيلەر ئىگىسىنى كۈيلەپ ھارماڭ. كۈي ئەلچىسى- ئوتقاشئەرقۇتى.

ئەكبەرنىياز 2013-06-21 23:10
كۈيلىگىن دوستۇم ، كۈيلەپ ھارمىغىن !
ئۇنتۇلمىسۇن ئاۋام ئۈچۈن يۈرگەنلەر .
ئەل-ۋەتەننىڭ يىغىسىنى تەڭ يىغلىشىپ ،
شادلانغاندا راھىتىنى تەڭ سۈرگەنلەر !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-22 22:04
ئۆزگەرتىش كىرگۈزىلدى    

غۇنچە0908 2013-07-15 17:21
«ئانايەرگە داننى چىچىپ ،ھالال ئەجرى -مېھنەتتە،
مال-دۇنياۋەھوقوق ئۈچۈن ئۈتمەس ھەرگىز غەيۋەتتە،
ئىسراپ بولغان بىر دان ئۈچۈن يۈرەرگاھى ھەسرەتتە،
مىھماندۇسلۇق ،مەردلىكىگە پۈتكۈل جاھان ھەيرەتتە .
قان-تەربىلەن ئاش- نان بەرگەن، دېھقىنىمنى  كۈيلەيمەن» بۇ مىسرالارنى ياقتۇردۇم

ئايبىكە 2013-07-15 17:42
نادىر لېرىكىلىرىڭىزغا تەشنامىز.


查看完整版本: [-- كۈيلەيمەن (ئوتقاشئەرقۇتى ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us